مەھمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى خاتىرىلەندى
12 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھرىدە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن "مەھمۇت قەشقىرى ۋە شەرقى تۈركىستان" تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا 200 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان بولۇپ، بىر قىسىم تۈرك ۋە ئۇيغۇر ئالىملىرى مەخمۇت قەشقەرى ھەققىدە ماقالە ئوقۇغان. يىغىندا يەنە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا قاتارلىق زاتلارنىڭ پائالىيەتلىرى ئەسلىنىپ ئۆتۈلگەن.
مەخمۇت قەشقەرى ھەققىدىكى مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىنى شىتابى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ئۇيۇشتۇرغان.
پەيزىۋاتلىق ئۇيغۇر قىزلار خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ئىشلەشكە مەجبۇرى ئېلىپ كېتىلگەن
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان كىشىلەرنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پەيزىۋات ناھىيىسىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر قىزلارنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ئىشلەشكە مەجبۇرى تەشكىللىگەن ۋە پۇقرالاردىن قىزلىرىنى ئىچكىرىگە چوقۇم ئەۋەتىش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي دائىرىلىرى بۇ پىلاننى "يەرلىك خەلقنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان، " دەپ چۈشەندۈرمەكتە. ئىلگىرىمۇ پەيزىۋات ناھىيىسىدىن 400 قىزنىڭ خىتاينىڭ ئىچكىرى شەھەرلىرىگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. ئىگىلىشىمىزچە، بەزى ئاتا ئانىلار قىزلىرىنى ئىچكىرىگە ئەۋەتىشتىن باش تارتقان. قىزلىرىنى ئىچكىرىگە ئەۋەتىشتىن باش تارتقان ئاتا - ئانىلار بولسا يەرلىك دائىرىلەر، ھەتتا ساقچىلارنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان ۋە ئىدىيىسىدە مەسىلە بار، دەپ قارىلىپ سوئال - سوراق قىلىنغان. پەيزىۋات ناھىيىسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى جۈملىدىن پۈتۈن خىتايدىكى ئەڭ كەمبەغەل ناھىيىلەرنىڭ بىرى ھېسابلانغانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمەت خەلقنى كەمبەغەلچىلىكتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تەشۋىق قىلماقتا.
قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ خىتاينى زىيارەت قىلدى
مەركىزىي ياۋرو ئاسىيادىكى چوڭ دۆلەت ھېسابلىنىدىغان قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ 19-دەكابىر كۈنى خىتايغا قاراتقان بەش كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى ھەمدە 20-دەكابىر كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، سوھبەت ئۆتكۈزدى.
بۈگۈنكى قازاقىستان ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۇرسۇلتان نازاربايېۋ بىلەن خۇ جىنتاۋ 10 كېلىشىمگە قول قويغان. ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ بۇ قېتىم ئىمزالىغان ھۆججەتلىرى ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي خاراكتېرلىق " خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ 21-ئەسىرىدىكى ھەمكارلىق ئىستراتېگىيىسى" بىلەن " خىتاي-قازاقىستان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانى" قاتارلىق ئىككى كېلىشىم بولۇپ، 2015-يىلى ئىككى دۆلەت سودىسىنى 15 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشكە پۈتۈشۈلگەن.
تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى سەپەر مۇرات نىيازوپ ۋاپات بولدى
21- دېكابىر كۈنى غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن دىكتاتورلۇق بىلەن تەنقىدلەنگەن تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى سەپەر مۇرات نىيازوپ 66 يېشىدا ئاشخابادتا ۋاپات بولدى. نىيازوپنىڭ ۋاپاتى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى. ھازىر بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى شۇنىڭدەك كىمنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى مەسىلىسى ھەققىدە تۈرلۈك قىياسلار داۋاملاشماقتا. سەپەر مۇرات نىيازوپ غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن دىكتاتورلۇق بىلەن تەنقىدلەنگەن بولۇپ، ئۇ ئۆز دۆلىتىنى پاراۋانلىق ھەم قاتتىق قول سىياسەت بىلەن 21 يىل باشقۇرغان .
ئامېرىكا گۇانتانامو تۈرمىسىدىن ئۈچ قازاقىستانلىقنى قويۇپ بەردى
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئىلياس ئۇمەروف، گۇانتانامو ھەربىي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئۈچ قازاق پۇقراسىنىڭ شەنبە كۈنى قازاقىستانغا كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تەرىپىدىن قارشى ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. قازاقىستان تەرەپ مەزكۇر ئۈچ ئادەمنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي دائىرىلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەج قىلىش ئۈچۈن بارغان ئۇيغۇرلارنى ھەجدىن بۇرۇن قايتىشقا مەجبۇرلىماقتا
سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن سىراجىدىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەج قىلىش ئۈچۈن بارغان ئۇيغۇرلارغا ھەر خىل يوللار بىلەن بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنى ھەجدىن بۇرۇن قايتىشقا مەجبۇرلىماقتا.
خىتايدا 2007 - يىل 1 - يانۋار كۈنىدىن باشلاپ چېگرىدىن كىرىش جەدۋىلى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنمايدۇ
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا 2007 - يىل 1 - يانۋار كۈنىدىن باشلاپ، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسى بويىچە، خىتاي پۇقرالىرىدىن ئايرودروملاردا چېگرىدىن كىرىش جەدۋىلى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنمايدۇ.
ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، خىتاي بىر تەرەپتىن چېگرىدىن كىرىپ-چىقىش ئىشلىرىنى كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن سىياسەتنى يۇمشۇتۇش چارىسى قوللانماقتا.
ئامېرىكىنىڭ يېڭى مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتس ئىراقنى زىيارەت قىلدى
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 20 - دېكابىر كۈنى ئىراقتىن خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ يېڭى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتس دۈشەنبە كۈنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە باشلاپ، ئىككى كۈندىن كېيىن ئىراقنى زىيارەت قىلغان. ئامېرىكا يېڭى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ئىراقنى تۇيۇقسىزدىن زىيارەت قىلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ پرېزىدېنت بۇشنىڭ 2007-يىلى يولغا قويماقچى بولغان ئىراق ئىستراتېگىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ( ئۈمىدۋار)