ھەپتىلىك خەۋەرلەر (24-فېۋرال-2-مارت)
2007.03.02
كوممۇنار تالىپوۋ ۋاپات بولدى
قازاقىستاندىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇرشۇناس ئالىم، پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى،ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ھەم كېيىنكى غوجا ئەخمەت سادۋاقوسوپ نامىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى كوممۇنار تالىپوۋ ئەپەندى 2-ئاينىڭ 28-كۇنى ئالمۇتىدا 59 يېشىدا ۋاپات بولدى.
كوممۇنار تالىپوۋ 1947-يىلى ئالمۇتىنىڭ يېنىدىكى ئەمگەكچى قازاق ناھىيىسىدە بىر ئۇيغۇر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
مەرھۇم كوممۇنار تالىپوۋ ئۆمۈر بويى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەسىلىلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، 100 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە ۋە كىتابلارنىڭ ئاپتورى، ئۇ ئۇزۇن يىللار قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىقىغا رەھبەرلىك قىلىش مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىر قانچە تەتقىقات لايىھىسىغا يېتەكچىلىك قىلغان، كوپ قېتىم خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، دوكلات ئوقۇغان ئىدى.
ئامېرىكا مۇتەخەسسىسى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى
ئامېرىكىدىكى روزۋېلت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى كرىستىيان ئائۇكۇنۇس يېقىندا ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە ئىسلام دۇنياسى بىلەن مۇناسىۋىتى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش مەسىلىسىگە ئارىلىشىش، خىتاي بىلەن بۇ مەسىلىسىدە سوھبەت ئۆتكۈزۈشكە دەۋەت قىلدى.
كرىستىيان ئائۇكۇنۇس جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ گېزىتى بولغان " تھە دائىلي كولونىئال" نىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە "بىز ئىسلام دۇنياسىدا ئوبرازىمىزنى قايتىدىن تىكلىشىمىز لازىم. شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇسۇلمان بىر خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆز بەلگىلەش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، خىتاينى سۆھبەتكە زورلىشى كېرەك" دېگەن.
مۇتەخەسسىس ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ خەلقئارا جەمىيەتنىڭ ئارىلىشىشىنى تەلەپ قىلىدىغان مەسىلىسىگە ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتايدىكى ئەمگەكچىلەر مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى
مەركىزى لوندوندىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ھېسابلىنىدىغان كەچۈرۈم تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى، خىتايدىكى مەدىكارلار توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، مەدىكارلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە دەپسەندىچىلىككە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، قانۇنىي جەھەتتە ھېچقانداق كاپالەتكە ئىگە قىلىنمايۋاتقانلىقىنى شۇنىڭدەك شەھەرلەردىكى ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرا سالاھىيىتىدە ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، گەرچە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆللىكلىرىدە مەدىكارلارغا ئادالەتسىز مۇئامىلىلەر بولۇۋاتقىنى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر قاتارلىق ۋىلايەتلىرىدە تېخى ھازىرغىچە ھەقسىز ھاشار ئەمگىكى داۋاملاشماقتا، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ھاشارنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، شۇنىڭدەك خەلقئارا جەمىيەت بۇ قىلمىشنى تەنقىد قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ھاشار يەنىلا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئازاپلاپ كەلمەكتە ئىكەن.
ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇ تۆمۈر يولىدا پويىز ئۆرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەردى
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇغا قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزى 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئەتىگەن سائەت 2 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە، تۇرپان -توقسۇن ئويمانلىقىدىكى مارجان بۇلاق ئەتراپىدا، بوران –چاپقۇنغا ئۇچراپ ئۆرۈلۈپ كەتكەن.
بۇ ھادىسىدە تۆت ئادەمنىڭ ئۆلۈپ، 100 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىدار بولغانلىقى خەۋەر قىلىندى. ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ۋەقە يۈز بېرىپ، خېلى ئۇزۇنغىچە قۇتقۇزۇش خادىملىرى يېتىپ كېلەلمىگەن.
ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەن جاي شامال ئېغىزى بولۇپ، 2001-يىلى چاغان مەزگىلىدە بىر يۈك پويېزىنىڭ ئۆرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى.
ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ئافغانىستان ۋە پاكىستاننى زىيارەت قىلدى
ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دېك چېينى ئۆتكەن ھەپتە ئافغانىستان ۋە پاكىستاننى زىيارەت قىلىپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئالدىمىزدىكى ئەتىيازدا تالىبانلارغا قارشى پىلانلانغان كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن. چېنىي پاكىستان سەپىرىدىن كېيىن، ئافغانىستانغا يېتىپ كېلىپ، پرېزىدېنت خامىد كارزاي بىلەن سۆھبەتلەشكەن. ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، دېك چېنىي كابۇلغا يېتىپ كەلگەن كۈنى پارتلاش يۈز بېرىپ، بىر قانچە ئادەم ئۆلگەن ۋە يارىلانغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر بۇ پارتلاشنىڭ ئەسلىدە دەك چېنىيگە قارىتىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پاكىستاننى خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا، ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشى دەپ قارىسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى، پاكىستان ھۆكۈمىتىنى، ئافغانىستان چېگرا رايونىدىكى پاشتون قەبىلىلىرىنىڭ تالىبانلارغا ياردەم بېرىشىنى توختىتىش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر ئالمايۋاتىدۇ دەپ، ئەيىبلىمەكتە.
4- ئىيۇن ۋەقەسىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىش ھەققىدە يەنە مۇراجىئەت قىلىندى
خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنى ئېچىلىش ھارپىسىدا، 1989 يىلى 4- ئىيۇن تيەن ئەنمېن ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىنىڭ تەشكىلاتى بولغان " تيەن ئەنمېن ئانىلىرى" بۇ ۋەقەنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىش ھەققىدە مۇراجىئەت نامە يوللىدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي باش مىنىستىرى خىتايدا يۈز يىلغىچە دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ خىتاي دېموكراتلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن ئىدى.
خىتاي دېموكراتلىرى دائىم تيەن ئەمېن ۋەقەسىنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلماقتا. ( ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (17-23-فېۋرال)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (10-16-فېبرال)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (3 – 9 – فېۋرال)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (27 – يانۋار – 2 – فېۋرال)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (20- 26 – يانۋار)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (13 - 19 - يانۋار)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (6 – 12 – يانۋار)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (30 – دېكابىر – 5 – يانۋار)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (23 – 29 – دېكابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (16 – 23 – دېكابىر)