ھەپتىلىك خەۋەرلەر (24 – 30 – مارت)

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتناشتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتناشتى. رابىيە قادىر خانىم، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە يىغىنغا قاتناشقان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى ھەمدە ۋاشىنگتونغا قايتىپ كەلدى.

يازغۇچى باتۇر روزى ۋاپات بولدى

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىدىكى نوپۇزلۇق شائىر ۋە ئىستېداتلىق يازغۇچى باتۇر روزى 3- ئاينىڭ 26 ‏-كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى. ئەل سۆيگەن ۋەتەنپەرۋەر شائىر باتۇر روزى، ئۇيغۇر ئېلىدە قەدىرلىنىپ ئىشلىتىلىشكە مۇيەسسەر بولالماي، قىسقىغىنە 40 يىللىق ھاياتىنى ئازاپ، نامراتچىلىق، ئېغىر روھىي ۋە سىياسىي بېسىم ئاستىدا ئۆتكۈزگەن ئىدى.

باتۇر قىسقىغىنا ئىجادىيەت ھاياتىدا بىر رومان ۋە كۆپلىگەن شەئىر ھەم ئوبزورلارنى يېزىپ ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. باتۇر روزى پەيشەنبە كۈنى ئۆز يۇرتى يەكەنگە ئېلىپ كېلىنىپ، دەپنە قىلىنغان. مەرھۇم يازغۇچىنىڭ چەتئەللەردىكى دوستلىرىدىن ئەخمەتجان ئوسمان ۋە كۈرەش ئاتاخان قاتارلىقلار مەخسۇس مەرسىيەلەر ئېلان قىلدى.

تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرىنى دېموكراتىيە بىلەن تەربىيىلەش يىغىنى ئاخىرلاشتى

خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ ھەم ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە خانىمنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىككى كۈنلۈك تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئاياللارنى دېموكراتىيە ھەم كىشىلىك ھوقۇق بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى 23-24 - مارت كۈنلىرى ۋاشىنگتوندا ئېچىلىپ، غەلىبىلىك ئاياغلاشتى. گەرچە، خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر يىغىننىڭ ئېچىلىشىنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن ئىلگىرىكىدەكلا تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللانغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ بۇ ئەنسىزلىك ھەرىكەتلىرى ئۈنۈم بەرمىگەن، ئەكسىچە يىغىن 10 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن جەمىي يۈزگە يېقىن ئۇيغۇر ھەم ئۇيغۇر داۋاسىنى قوللىغۇچىلارنىڭ قىزغىن قاتنىشىشى بىلەن نەتىجىلىك تاماملانغان.

شەنبە كۈنى يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ۋە ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ۋەكىلى توختى مۇزارت

تارىخ پەنلىرى دوكتورى توختى تۇنىياز (توختى مۇزارت) ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 11 يىللىق قاماق جازاسىغا كېسىلگەندىن بۇيان ئۇنىڭ ئايالى رابىيە خانىم ۋە پەرەزەنتى ئۈمىد ھەم ئارزۇ ئىچىدە جاپا-مۇشەققەت بىلەن توققۇز يىلنى ئۆتكۈزدى.

توختى مۇزارت ياپونىيىدە ئۇيغۇر تارىخى بويىچە ئوقۇغان. 1998-يىلى ماتېرىيال توپلاش ئۈچۈن ۋەتەنگە كەلگەندە تۇتقۇن قىلىنىپ، دۆلەت مەخپىيەتلىكنى ئوغۇرلىغان دېگەندەك جىنايەت بىلەن 11 يىللىق كېسىلگەن. توختى مۇزارتنىڭ ھاياتى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلىك قىسمەتلەرنىڭ بىرى سۇپىتىدە كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.

توختى مۇزارت خەلقئارالىق تەشكىلاتلار تەرىپىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قويۇپ بېرىشىنى ئىزچىل تەلەپ قىلىنماقتا. توختى مۇزارتنىڭ كەسىپدېشى دوكتور قاھار بارات بارات ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن توختى ئەپەندىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

توختى مۇزارتنىڭ ئايالى رابىيە خانىم ئۇيغۇر ئاياللىرىنى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھوقۇقى بىلىملىرى تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتناشقان.

ئۇيغۇر دىيارىدا يەر ئاستى بايلىقلىرى ئۈزلۈكسىز بايقالماقتا

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆكتوقاي ناھىيىسىدىكى كانلاردىن قېزىلغان قوغۇشۇن ۋە سىنىك مىقدارى 400 مىڭ توننىغا يېتىپ، سېتىش كىرىمى 500 مىليون يۈئەنگە يەتكەن. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئېچىشنى كۈچەيتمەكتە.

قىرغىزىستان باش مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى

قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېف، پەيشەنبە كۈنى باش مىنىستىر ئازىم ئىساقبېكوفنى ئىستىپاسىنى قوبۇل قىلىپ، ئالماس ئاتامبايېفنى باش مىنىستىرلىققا تەيىنلىدى.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، پارلامېنت ئاتامبايېۋنىڭ باش مىنىستىرلىق ئورنىنى بېكىتكەن. بۇنىڭدىن بىر كۇن ئىلگىرى باقىيېف مۇئاۋىن باش مىنىستىر ئۇسەنوپ قاتارلىق بىر قانچە مىنىستىرنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇۋەتكەن ئىدى. ئۇ، ئۆكتىچىلەر بىلەن بىرلىشىپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بىراق، ئۆكتىچىلەرنىڭ يەنە بىر رەھبىرى قۇلوپ، بۇنى ئېتىراپ قىلمىغان شۇنىڭدەك پرېزىدېنتنى ئىستىپاغا چاقىرغان. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئۆكتىچىلەر ئاپرېلدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خۇ جىنتاۋ رۇسىيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 26-ماررتىن 28-مارتقىچە رۇسىيىنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي يىلى پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئۇ ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن " بىرلەشمە باياناتقا قول قويغان. ئىككى كۈنلۈك زىيارەت جەريانىدا خىتاي بىلەن رۇسىيە شىركەتلىرى توت مىليارد دوللار قىممىتىدىكى سودا-ئىقتىساد ۋە باشقا ساھەگە ئائىت كېلىشىم تۈزدى.

خۇ جىنتاۋ قايتىش سەپىرىدە تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى قازان شەھىرىنى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدېنت مىڭتەمىر شامىيېۋ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغان ھەمدە قازان ئۇنىۋەرسىتەتىنى زىيارەت قىلىپ، لېنىن ئوقۇغان سىنىپنى ۋە مۇزېينى كۆرگەن. خىتاي ۋە رۇسىيە رەھبەرلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەرسىمۇ، لېكىن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ۋە رۇسىيىنىڭ بىر قىسىم گېزىتلىرىدا بۇ ھەقتە تۈرلۈك ئانالىزلار ھەم كۆز قاراشلار شۇنىڭدەك خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدىكى پەرەزلەر داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بۇلارنىڭ بىر قىسىمدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە ئىجابىي نۇقتىدىن قارالغان بولسا، يەنە بىر قىسىملىرىدا سەلبىي ۋە مەۋھۇم جەھەتتىن باھا بېرىلگەن.

خۇ جىنتاۋ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن 2009 ‏- يىلى ئالەم بوشلۇقىدا مارسنى تەكشۈرۈش ۋە ئايغا چىقىشتا ھەمكارلىشىش كېلىشىمى ئىمزالىغان. (ئۈمىدۋار)