ھەپتىلىك خەۋەرلەر (5 - مايدىن 11 - مايغىچە)
2007.05.11
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى ياۋروپا پارلامېنتىدا بولدى
گوللاندىيىنىڭ دەن ھاگ ياكى گائاگا شەھىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشكىللىگەن ئۇيغۇر دېموكراتىك رەھبەرلىرى ۋە ئاكتىپلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى 6-مايدىن 11-مايغىچە ئېچىلدى. مەزكۇر كۇرسقا ھەر قايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىدىن بىر قىسىم كىشى قاتناشتى. رابىيە قادىر خانىم كۇرستا سۆز قىلدى.
ئۆتكەن ھەپتىدە يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 1-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى ئېچىلغان. 9-ماي كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر باشلىق قۇرۇلتاينىڭ قەھرىمان غوجام بەردى، ئەسقەرجان قاتارلىق بىر قىسىم رەھبىرىي خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 نەچچە ئادەم بېلگىيىدە، ياۋروپا پارلامېنتى قاتارلىق ئورۇنلارنى زىيارەت قىلغاندا پارلامېنتنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇيغۇر دارۋاز ئابدۇساتتار غوجا ئابدۇللا چېمپىيون بولدى
تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارالىق سىم تاناپتا مېڭىش مۇسابىقىسى 3-ماي كۈنى كورىيىنىڭ پايتەختى سېئولدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 9 دۆلەتتىن كەلگەن ماھىرلار قاتناشقان بۇ مۇسابىقىغا پەلەك شاھى ئادىل ھوشۇر ۋە ئابدۇساتتار غوجا ئابدۇللا قاتارلىقلار قاتناشقان.
ئادىل ھوشۇرنىڭ شاگىرتى ئابدۇساتتار غوجا ئابدۇللا سېئولدىكى خەن دەرياسىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى ئېگىزلىكى 22 مېتىر كېلىدىغان ئىككى تۈۋرۈك ئارىسىغا تارتىلغان مىڭ مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى سىم تاناپتىن، 11 مىنۇت 22 سېكۇنت 49 دەقىقىدە مېڭىپ ئۆتۈپ، بىرىنچىلىكىنى ئالغان. بۇ ئۇيغۇر دارۋازلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە چېمپىيون بولۇشى ئىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ پۇل سىياسىتى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
ئۆتكەن ھەپتىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينىڭ پۇل سىياسىتىگە ئائىت گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىلدى. خىتاينىڭ خەلق پۇلى سىياسىتى ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىدىكى قىزىل رەقىمى، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى نېگىزلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇش ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ سودىدىكى قىزىل رەقەمنى تەڭشەش ھەققىدىكى بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا خىتاينى پۇل سىياسىتىنى تەڭشەشكە چاقىرماقتا.
ئامېرىكا خۇسۇسىي كارخانا ساھەسىدىكىلەرنىڭ، ئامېرىكا سودا قىزىل رەقىمىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىگە خىتاينىڭ سەۋەبچىلىك رولىنى ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. يىغىندا ئامېرىكىدىكى پېتېرسون خەلقئارا ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ درېكتورى فرېد بېرگستېن، "خىتاينىڭ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى تۆۋەن تۇتۇپ، " باشقا دۆلەتلەرگە ئىشسىزلىقنى ئېكسپورت قىلىۋاتقان"لىقىنى بىلدۈردى.
خەلقئارا جەمىيەت سۇدان مەسىلىسىدە خىتاينى تەنقىد قىلماقتا
ئافرىقىدىكى سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدىكى ئېتنىك قىرغىنچىلىق مەسىلىسى يېقىندىن بۇيان خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، خەلقئارا جەمىيەت خىتاينىڭ بۇ كرىزىس بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى تەنقىد قىلماقتا.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى ئۆتكەن ھەپتىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي بىلەن رۇسىيىنى، بۇ مىللىي قىرغىنچىلىقىنى قورال بىلەن تەمىنلىگەن، دەپ ئەيىبلىدى.
ئارقىدىنلا 9-ماي كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى، كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى توم لانتوسنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن 107 كىشى بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋغا مەكتۇپ يوللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى سۇدان ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ دارفۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان قان تۆكۈلۈشنى توختىتىش ھەققىدە ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىردى.
تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈردى
تۈركىيە ئالىي مەكتەپلىرىدە ھەر يىلى ھەر قايسى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ھەمدە تۈركىي مىللەتلەر رايونلىرىدىن كەلگەن كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ كوپ قىسىمى باكلاۋېرلىق، ماگىستىرلىق ئۇنۋانلىرى ئالغاندىن تاشقىرى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە دوكتۇرلۇق ئالغانلارمۇ كۆپەيمەكتە.
10-ماي كۈنى تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ مۇراسىم زالىدا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىي مىللەت رايونلىرىدىن كېلىپ تۈركىيىدە ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا دېپلوم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا 57 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 183 نەپەر تۈركىي مىللەت ئوقۇغۇچىسىغا دىپلوم بېرىلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 4 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىمۇ بار.
ئۆتكەن ھەپتىدە يەنە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى " تۈركتەك ياشاش كۇلۇبىنىڭ" ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، سۇلايمانىيە مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ زالىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى تېمىسىدا دوكلات يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.
تەيۋەن ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشنى كۇچەيتمەكتە
ئۆتكەن ھەپتىدە تەيۋەن خىتايدىكى مۇھىم نىشانلارغا زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تەيۋەن بۇنىڭدىن ئۈچ ئاي ئىلگىرى، مەخپىي ھالدا خىتاينىڭ مۇھىم ئىقتىسادى بازىلىرىدىن بولغان خوڭكوڭ ۋە شاڭخەيگە زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان ئىدى. چۈنكى، يېقىندىن بۇيان خىتاي تەيۋەنگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان ھەربىي بېسىملارنى كۈچەيتكەن ئىدى.
تەيۋەن دائىرىلىرى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇچرىشىشلىرىنى نەزەرگە ئېلىپ، 9-ماي كۈنى جاڭ كەيشى خاتىرە سارىيىنى " تەيۋەن دېموكراتىيە خاتىرە سارىيى" دەپ ئۆزگەرتكەن.
رۇسىيە " ۋەتەن ئۇرۇشى"نىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى
بۇ يىل فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبە قازانغانلىقىغا 62 يىل توشتى. 9-ماي كۈنى قىزىل مەيداندا ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلۈپ، پۇتىن سۆز قىلغان.
رۇسىيىدىن باشقا مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى ئەللىرىمۇ بۇ يىلى 9-ماي كۈنىنى خاتىرىلەپ، بايرام ئۆتكۈزىدۇ. لېكىن، شەرقىي ياۋروپادىكى بىر قىسىم مەملىكەتلەر بۇ كۈنگە يەنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزلىرىنى ئازاد قىلغانلىقىغا نىسبەتەن سەلبىي ئىنكاسلاردا بولۇپ، تارىخقا قايتا باھا بېرىش پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
يېقىندا بالتىق دېڭىزى بويىدىكى ئېستونىيە "ۋەتەن ئۇرۇشى" خاتىرىسى ھېسابلىنىدىغان سوۋېت ئەسكىرىنىڭ ھەيكىلىنى ئېلىۋېتىش بىلەن رۇسىيىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە 27 مىليون سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي ۋە پۇقراسىنىڭ ئۆلگەنلىكى مەلۇم.
بۇ ئۇرۇشقا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىن سۈلھىي لۇتفۇللىن، داداش باباجوف قاتارلىق 5 كىشىگە "سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى" ۋە " قازاقىستان قەھرىمانى" دېگەن ناملار بېرىلگەن. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 30 - ئاپرىلدىن 4 - مايغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (23-ئاپرىلدىن 27-ئاپرىلغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (16 - ئاپرىلدىن 20 - ئاپرىلغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (8-13- ئاپرىل)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (31 – مارت – 6 – ئاپرىل)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (24 – 30 – مارت)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (17-23-مارت)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (10-16-مارت)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (3 – 9 – مارت)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (24-فېۋرال-2-مارت)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (17-23-فېۋرال)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (10-16-فېبرال)