ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 9 - ئىيۇندىن 15 - ئىيۇنغىچە)


2007.06.15

خاماس غەززە رايونىنى كونترول قىلدى

جۈمە كۈنى پەلەستىندىكى خاماس تەشكىلاتىنىڭ قوراللىق گۇرۇپپىلىرى فاتاخ تەشكىلاتىنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ، غەززە رايونىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلدى. نەتىجىدە، ئىككى پارتىيە كۈرىشىدە خاماس ئۆزىنى غەلىبە قازانغۇچى دەپ ئېلان قىلدى. پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ماخمۇد ئابباس فاتاخ ۋە خاماستىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە ھۆكۈمەتنى بىكار قىلدى.

نۆۋەتتە، پەلەستىندىكى ئىچكى ۋەزىيەت مۇرەككەپلەشمەكتە. بۇ ۋەقەلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە باشقا ياۋروپا مەملىكەتلىرى يېقىندىن دىققەت قىلماقتا.

ئامېرىكا كوممۇنىستىك تۈزۈم قۇربانلىرىغا خاتىرە ئابىدىسى تىكلىدى

12- ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا، كوممۇنىزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى ئەسلەش ئۈچۈن خاتىرە ئابىدىسى تىكلەندى. ئابىدىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىغا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش قاتنىشىپ، كوممۇنىزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ، ھاياتىدىن ئايرىلغان مىليونلىغان بىگۇناھ كىشىلەرگە ماتەم بىلدۈردى .

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش كوممۇنىزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى خاتىرىلەش ئابىدىسىنى تىكلەش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە "بۈگۈن ۋاشىنگتوندا تىكلەنگەن بۇ ئابىدە كىشىلەرنىڭ غۇرۇر -ئىپتىخارىنى، ئەس -خاتىرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كىشىلەرنى ئەستىن چىقارماسلىق رولىنى ئوينايدۇ"، "كوممۇنىزم ۋە تېررورچىلار چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ " دېدى. ئۇ، پۈتۈن دۇنيادا كوممۇنىزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ 100 مىليون ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر خاتىرە ھەيكىلى 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلىرى لايىھىلىگەن" ئايال ئەركىنلىك ئىلاھ"ئىنىڭ نۇسخىسىدۇر.

ئامېرىكىدا مەزكۇر ئابىدە تىكلەنگەندىن كېيىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىنگاڭ "بىز ئامېرىكا تەرەپنىڭ سۆز -ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىمىز ۋە قارشى تۇرىمىز" دېيىش ئارقىلىق پرېزىدېنت بۇشنىڭ سۆزىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. شۇ كۈنلەردە يەنە ئامېرىكا خىتاينى ئادەم ئەتكەسچىلىك سودىسى ئېغىر دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى . ئادەم ئەتكەسچىلىك سودىسىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار كۆپىنچە ئاياللار ۋە بالىلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بەزى كۆزەتكۈچىلەر ئاخىرقى يىللاردا خىتايدىكى ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ دىققەت نەزىرىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرى ۋە ئاياللىرىغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە .

ب د ت بالا ئىشلەمچى ئىشلىتىشنى تەلتۆكۈس يوق قىلىشقا چاقىرىق قىلدى

6 ‏- ئاينىڭ 12 ‏- كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەمگەكچىلەر ئورگىنى بىلەن خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى بىرلىكتە، پۈتۈن دۇنيادا بالا ئىشلەمچى ئىشلىتىشنى 2016 ‏- يىلىدىن بۇرۇن تەلتۆكۈس يوق قىلىش ھەققىدە چاقىرىق قىلدى.

خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، دۇنيادا ھازىر 5 ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان 126 مىليون بالا ئىشلەمچى يېزا -قىشلاقلاردا، زاۋۇتلاردا چوڭلار بىلەن ئوخشاش ئەمگەكلەرگە سېلىنىپ ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىنماقتا. خىتاي، بالا ئىشچىلار كۆپ ئىشلىتىلىدىغان مەملىكەتلەرنىڭ بىرىدۇر.

يېقىندا ، خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىنىڭ جىڭچىڭ ۋە يۈنچىڭ رايونلىرىدىكى بىر قارا خۇمدانلىقتىن 217 نەپەر قۇل ئىشچى قۇتۇلدۇرۇلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 29 نەپەر بالا ئىشچى بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندە بىر نەپەر ئۇيغۇر بالىنىڭ بارلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقىتىلدى.

تۈمەن دەرياسىنىڭ سۈيى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان

قەشقەر شەھەر ئىچىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان تۈمەن دەرياسى ، تارىختىن بېرى قەشقەرنىڭ بوستانلىقلىرىنى سۇغۇرۇپ، شەھەر مۇھىتىغا گۈزەللىك ئاتا قىلىپ كەلگەن، شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇپ، ئېتىز-ئېرىقلارنى، باغ -ۋارانلارنى سۇغۇرۇپ ، قەشقەرگە گۈزەللىك ۋە خۇشاللىق بېغىشلاپ كەلگەن ئىدى.

ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، قەشقەر تۈمەن دەرياسىنىڭ سۈيى يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەتراپتىكى زاۋۇت كارخانىلار، مەكتەپلەر ۋە باشقا ئورۇنلارنىڭ ھەر خىل مەينەتچىلىكلىرى تۆكۈلگەن.

تۈمەن سۈيىنىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالى بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش تەدبىرلىرى يېتەرلىك دەرىجىدە ئېلىنمىغان. ئەسلىدىكى شۇنچە چوڭ دەريا بۈگۈنكى كۈندە كىچىكلەپ بىر ئۆستەڭ ھالىتىگە كېلىپ قالغان .

ئىچكى موڭغۇلدا ساقچىلار بىلەن پۇقرالار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆكخوت شەھىرىدە 8-ئىيۇن كۈنى بەش مىڭدىن ئارتۇق پۇقرا 500 يۈزدىن ئارتۇق ساقچى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان بولۇپ، نەتىجىدە، ئاز دېگەندە 20 ئادەم يارىلانغان، 3 ئادەم قولغا ئېلىنغان.

خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە ، بۇ ۋەقە ھۆكۈمەتنىڭ ئاھالىلەرنىڭ يەرلىرىنى ئەرزان باھادا تارتىۋېلىشى سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەن. چۈنكى، كۆكخوتتا بىر كۋادرات مېتىر يەرنىڭ باھاسى 3500 يۈەن بولغان ئەھۋال ئاستىدا، ھۆكۈمەت ئاران 1300 يۈەن بېرىش ئارقىلىق ئاھالىلارنىڭ ئۆي-جايلىرىنى ئالماقچى بولغان. خەلق بۇنىڭغا قوشۇلمىغان.

"ئەسىر شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن" ناملىق كىتابىنىڭ داۋامى نەشىر قىلىندى

شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ بايراقدارى، مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ "ئەسىر شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن" ناملىق كىتابى 80-يىللاردا نەشىر قىلىنغان بولسا، مانا ئەمدى بۇ كىتابنىڭ 2 - تومى بولغان "ئەيسا يۈسۈپ ئالىپ تېكىننىڭ ئىنقىلاب ئەسلىمىلىرى" يېقىندا نەشىر قىلىندى.

كىتابقا ئەيسا ئەپەندىنىڭ 1949-يىلىدىن كېيىنكى سىياسىي دەۋا پائالىيەتلىرى، خەلقئارا ۋە تۈركىيە خاراكتېرلىق يىغىنلاردا سۆزلىگەن نۇتۇقلىرى ھەم ھۆججەت ۋە خەت-چەكلىرى قاتارلىق قىممەتلىك ماتېرىياللار كىرگۈزۈلگەن.

بۇ كىتاب شەرقىي تۈركىستان سىياسىي دەۋا تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگىدۇر. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.