ھەپتىلىك خەۋەرلەر (23 - ئىيۇندىن 29 - ئىيۇنغىچە)


2007.06.29

ئامېرىكا دۆلەت ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار لايىھىسى قوبۇل قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى 26‏- ئىيۇن كۈنى مەزكۇر كومىتېتنىڭ مەسئۇلى توم لانتوسنىڭ رىياسەتچىلىكىدە قارار لايىھىسى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنى دەرھال قويۇپ بېرىشى ھەمدە مەدەنىيەت، تىل ۋە دىنىي جەھەتتە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمىنى توختىتىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

قارار لايىھىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۆۋەندىكى بىر قاتار مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشى قارار قىلىنغان.

‏ 1 ‏- خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ۋە دىنى ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ، بۇ ھوقۇقلارنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

2 - خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدىكى ۋە نازارەت ئاستىدىكى پەرزەنتلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىپ ، رابىيە خانىم ئائىلىسى ئۈستىدىكى بېسىم ۋە تەھدىتنى بىكار قىلىشى كېرەك.

3 - خىتاي ھۆكۈمىتى كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنى دەرھال قويۇپ بېرىپ، ئۇنىڭ كانادادىكى ئائىلىسىنىڭ يېنىغا كېتىشىگە رۇخسەت بېرىشى كېرەك.

ئامېرىكا ئۇيغۇر قىزلىرى ھەققىدە ئىنكاس قايتۇردى

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى ناھىيە، يېزا -قىشلاقلىرىدىكى بىر قىسىم ياش ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ئىشلەشكە ئېلىپ كېتىلىشىدە مەجبۇرىي تۈس ئالغانلىقى شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرىنىڭ ئىش ئورۇنلىرىدا تۈرلۈك دەخلى -تەرۈزلەرگە ئۇچرىغانلىقى ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دىققەت ئېتىبارىغا ئېرىشكەن ئىدى. بۇ مەسىلىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىنكاس قايتۇردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ۋە كۆزىتىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، باش ئەلچى مارك لوگان، 28- ئىيۇن كۈنى خوڭكوڭدىكى مۇخبىرىمىزنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، "ئەگەر بۇ سىز تەسۋىرلىگەندەك راست بولسا، بۇ مەسىلە ناھايىتى ئېنىقكى ، ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە كىرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت ۋە شىنجاڭدا مەدەنىيەت ۋە مىللىي كىملىكىنى باستۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇۋاتىدۇ. بىز شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كىشىلەر ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئېلىۋاتىمىز. مانا بۇ بىزنىڭ خىتاينى ئادەم ئەتكەسچىلىكىدە كۈزۈتىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشىمىزدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى، " دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىندا يەر شارى خاراكتېرلىق " ئادەم ئەتكەسچىلىك سودىسىنىڭ ئەھۋالى" ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينى بۇ مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقى بويىچە 2 - دەرىجىلىك كۈزۈتىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. ھەقىقەتەن خىتاينىڭ شەنشى قاتارلىق ئۆلكىلىرىدە ئارقىمۇ-ئارقا قۇل ئەمگىكىگە سېلىش دېلولىرى پاش بولۇپ، بېيجىڭ دائىرىلىرى بۇ خىل قىلمىشلارغا زەربە بېرىشكە باشلىغان.

خىتايدىكى ئىش ئورنىدىن بىر قىسىم قىزلار قېچىپ كەتكەن

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدا، ئىشسىز ئۇيغۇر يېزا قىزلىرىنى تۈركۈملەپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋوتلارغا يۆتكىمەكتە.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ قىزلارنى مەجبۇرلىمىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئىش ئورۇنلىرىدا ناھايىتى ياخشى كۈن كۆرۈۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا.

بىراق، ئىچكىرىدىكى ئىش ئورنىدىن قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان بىر قىز، ئەمەلىيەتنىڭ تەشۋىقاتتىن باشقىچە ئىكەنلىكى، قىزلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئېغىر ئەمگەككە سېلىنغانلىقى ۋە تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ناچارلىقىنى پاش قىلدى.

رابىيە قادىرنىڭ كىتابى ئۇيغۇرلارنى شادلاندۇردى

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ "گۈلدۈرماما" ناملىق كىتابى گېرمانىيىدە نەشىر قىلىنىپ، تارقىتىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن خۇشاللىق ھېس قىلىشقان .

ئۇلار بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى غەرب دۇنياسىغا بىلدۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رابىيە قادىر خانىم ئوز كىتابىنىڭ نەشىر قىلىنىشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاينى تەنقىد قىلدى

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، گەرچە بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا بىر يىل قالغان بولسىمۇ، لېكىن، خىتايدا ھەرخىل بېسىملارنىڭ جۈملىدىن مەتبۇئات ئەركىنلىكى مەسىلىسىنىڭ يەنىلا ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەزكۇر تەشكىلات دوكلاتىدا، خىتاي ئولىمپىكتىن بۇرۇن قىلىشقا تېگىشلىك 9 خىل ئىشنى رەتكە تىزدى.

بۇ تەشكىلات يەنە، فرانسىيىگە جايلاشقان، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان 9 تەشكىلاتتىن تەركىپ تاپقان بىرلەشمە تەشكىلات 2008 - يىللىق خىتاي ئولىمپىك كوللېكتىپنىڭ سەككىز خىل تەلىپىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دالاي لاما ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتاينى زىيارەت قىلدى

رويېترىس ئاگېنتلىقى، سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، دالاي لامانىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئالاھىدە ۋەكىلى لودى گاررىنىڭ ئىككى نەپەر ياردەمچىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا، بېيجىڭدا 6 ‏- قېتىملىق سۆھبەتنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ تىبەت ۋەكىللىرى بىلەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئارىسىدا سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، لېكىن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر بولمىغان. دالاي-لاما خىتايدىن تىبەتنىڭ ئالىي مۇختارىيىتىنى تەلەپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بېيجىڭ بۇنىڭغا قوشۇلمىغان.

شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتمەكتە

دۈشەنبە ۋە سەيشەنبە كۈنلىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرىتارى ياندى خوپ سخېففېر موسكۋادا زىيارەتتە بولۇپ، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن قاتارلىق رۇسىيە ھەربىي -سىياسىي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى-رۇسىيە ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى ھەربىي سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرى ھەم نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، پۇتىن راكېتادىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى مەسىلىسىدە يۇمشىغان بولۇپ، يېقىندا ئۇ ئامېرىكىدا بۇ مەسىلە ۋە باشقا بىر قاتار ۋەزىيەت ھەققىدە پرېزىدېنت بۇش بىلەن سۆزلىشىدۇ.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.