ھەپتىلىك خەۋەرلەر (15 - ئىيۇلدىن 20 - ئىيۇلغىچە)


2007.07.20

ئامېرىكا خىتاي يېمەكلىكلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كېڭەش پالاتاسى خىتاي تاۋارلىرى بولۇپمۇ خىتاينىڭ يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم ئەرباپلىرىنىڭ ئىسپاتلىرىنى ئاڭلاپ ئۆتتى.

نۆۋەتتە، خىتاي يېمەكلىكلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئېغىر بولۇپ، فىلىپپىن قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەر خىتاي يېمەكلىكلىرىنىڭ ئۆلچەمگە يەتمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان شۇنىڭدەك ئامېرىكىمۇ بىر قىسىم خىتاي يېمەكلىرىنى چەكلىگەن ئىدى.

خەلقئارا مىقيادا خىتاي ماللىرىنى چەكلەش

فىلىپىننىڭ يېمەكلىك باشقۇرۇش ئىدارىسى خىتايدا ئىشلەنگەن 4 خىل يېمەكلىكتە راك كېسىلىگە گىرىپتار قىلىدىغان زەھەرلىك ماددا بارلىقىنى بايقىغان. بۇنىڭ بىرى ئۈزۈم ماركىلىق پېچىنە، يەنە بىرى ئاق توشقان ماركىلىق سۈت كەمپىتى بولۇپ، بۇلار خىتايدا بىرنەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئۇدا ئىشلىنىۋاتقان ھەم بازارغا سېلىنىۋاتقان شۇنىڭدەك چەت' ئەللەرگە ئېكىسپورت قىلىنىۋاتقان مەشھۇر مەھسۇلاتلار ھېسابلىنىدىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينىڭ يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان كۈنلەردە قازاقىستان بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئارىسىدىكى ئالاتاۋ ئېغىزىدا ئېكىسپورت قىلىنماقچى بولغان خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ 10 مىڭ يېشىككە يېقىن چىش پاستىسى، ئۆلچەمگە يەتمەي قايتۇرۇۋېتىلگەن. بۇنداق خىتاي تاۋارلىرىغا چەك قويۇش كۆپ دۆلەتلەردە ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقتا.

خىتاي، ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش باشلىدى

تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىنى مەركەز قىلغان مارمارا رايونىغا تارقىتىش قىلىدىغان يۆن فم رادىئوسى شىنجاڭ خەلق رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاڭلىتىشىنى ئۇلاپ ئاڭلىتىشقا باشلىغان.

بۇ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىياغا رادىئو ئاڭلىتىش ئارقىلىق خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى تەشۋىق قىلىش پىلانىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، ئىلگىرى قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستانلارغا ئاڭلىتىشلارنى يولغا قويغان ئىدى. بۇ پىلاننىڭ تۈركىيىدە ئەمەلگە ئېشىشى ھەر خىل ئىنكاسلارنى قوزغىدى.

7-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە يەنە تۈركىيىدە تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت بايرىمى بولۇپ ئۆتكەن. بۇ جەرياندا يەنە تۈرك دۇنياسى ژورنالىستلىرىنىڭ مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

پاكىستاندا خىتاي پۇقرالىرى يەنە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

پەيشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى خۇب شەھىرىدە، خىتاي ئىشچىلىرىنى توشۇۋاتقان بىر ئاپتوموبىل پارتلىتىۋېتىلگەن. بۇ پارتلاشتا ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلار ئارىسىدىن ئاز دېگەندە 30 غا يېقىن كىشى قازا قىلغان بولۇپ، ساقچىلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە ، مەزكۇر ھۇجۇم خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتىلغان بولسىمۇ، بىراق پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسى پاكىستانلىقلار ئىكەن.

ئىسلام ئابادتىكى قىزىل مەسچىتنى قورشاش ۋە ھۇجۇم قىلىشنىڭ خىتاي بېيجىڭنىڭ پەرۋىز مۇشەررەپكە بېسىم كۆرسىتىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى كۆز قاراشلار پاكىستان مەتبۇئاتلىرىدا كۆرۈلگەندىن كېيىن، ئىسلامىي رادىكال گۇرۇپپىلارنىڭ خىتاي پۇقرالىرىدىن ئۆچ ئېلىشقا كىرىشكەنلىكى ھەققىدە ئانالىزلار مەيدانغا چىقماقتا ھەمدە بۇ قېتىمقى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىق پارتلاشنىڭ شۇنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.

بۈگۈر كان رايونىدىكى ئاپەتتە 11 كىشى ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن

18 ‏- ئىيۇل كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 ئەتراپىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايىنغۇلىن ئاپتونوم ئوبلاستى بۈگۈر ناھىيىسىدىكى كۆمۈر كان رايونىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە، كۆمۈر كان ‏- گېئولوگىيە ئىدارىسىنىڭ 161 ‏- ئەترىتى 204 ‏- بۇرغىلاش گۇرۇپپىسىنىڭ 11 نەپەر ئىشچىسىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكى ھەققىدە ئۇچۇر يوق. ئەمما، ئۇلارنى ئىزدەشلەر داۋاملاشماقتا.

تۈركمەنىستان رەھبىرى خىتاينى زىيارەت قىلدى

تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى قۇربانگۈل بەردىمۇھەممەدوف 16-18- ئىيۇل كۈنلىرى خىتايدا رەسمىي زىيارەتتە بولۇپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئېنېرگىيە مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت بىر قاتار مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزدى ھەمدە مۇھىم ھۆججەتلەرگە قول قويدى.

ئىككى دۆلەت ئارىسىدا 30 يىللىق مۆھلەت بىلەن ھەر يىلى 30 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىندى . بۇ كېلىشىمگە بىنائەن ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياسىلىشى مۇمكىن ئىكەن. خىتاي ۋە تۈركمەنىستان رەھبەرلىرى يەنە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان شۇنىڭدەك ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى ئۈچ خىل كۈچ دەپ قارىلاپ، ئۇلارغا ئورتاق زەربە بېرىشكە پۈتۈشكەن.

ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر مۇقامى ئورۇندالدى

15 - ئىيۇل كۈنى يەنى يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكىدىكى ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا "يىپەك يولىدىكى مىللەتلەر" نامىدا سەنئەت كۆرۈكى ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر كۆرەككە ئۇيغۇرلارغا ۋەكىل بولۇپ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇقامچىسى ، ئۆزبېكىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىست سۇلتان مەمەت ئەپەندى تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ ئۇيغۇر مۇقامى ۋە ناخشا ‏- مۇزىكىلىرىنى ئورۇندىدى.

بۇ سۇلتان مەمەت ئەپەندىنىڭ تۇنجى قېتىم ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بۇ خىل سەنئەت پائالىيىتىگە قاتنىشىشى بولسىمۇ، لېكىن باشقا جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن ھەر خىل پائالىيەتلەرگە ئىزچىل قاتنىشىپ، ئۆز سەنئەت ماھارىتىنى نامايان قىلغان. ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق ئۈگۈتىلىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرىدۇر. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.