ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 21- ئىيۇلدىن 27- ئىيۇلغىچە)


2007.07.27

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى "قوش تىللىق مائارىپ" مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى

24-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان رابىيە قادىر خانىم رەھبەرلىكىدىكى ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى پروگراممىسى "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىللىق سىياسىتى ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان" دېگەن تېمىدا دوكلات ئېلان قىلدى.

11 بەتلىك مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ نامىدىكى مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئىستىراتېگىيىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تىلىنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر ۋەزىيىتى پاكىتلار ئارقىلىق بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاساسىي ئاپتونومىيىلىك ئاھالە ھېسابلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنىڭ مەكتەپلەر ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن قەدەم-قەدەم قالدۇرۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن خەتەرلىك ئىكەنلىكى شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ھەر جەھەتتىن قوغدىشى لازىملىقى تەكىتلەنگەن.

رابىيە خانىم دالاي لاما بىلەن كۆرۈشتى

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن ئېتىبارەن گېرمانىيىنىڭ ھامبۇرگ، ميۇنخېن قاتارلىق شەھەرلىرىدە زىيارەتتە بولدى. بۇ كۈنلەردە تىبەتنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما 10 كۈنلۈك گېرمانىيە زىيارىتىنى باشلاپ، گېرمانىيە پۇقرالىرى ۋە دالاي لامانىڭ مۇرىتلىرى، تىبەت مەسىلىسى ھىمايىچىلىرى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

رابىيە قادىرمۇ بۇ جەرياندا "گۈلدۈرماما" ناملىق كىتابىنىڭ سېتىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر قاتار پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغان ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلغان شۇنىڭدەك يەنە دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىپ پىكىر ئالماشتۇرغان .

26-ئىيۇل كۈنى د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ يىغىنى چاقىرىلغان بولۇپ، رابىيە قادىر خانىم بەزى يېڭى تولۇقلاشلارنى ئېلىپ بارغان ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن قىلىدىغان خىزمەتلەرنى بېكىتكەن.

ئەلىخان تۆرىنىڭ "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق كىتابى ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىندى

1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ 1966-1973-يىللىرى ئارىسىدا ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە يازغان " تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق كىتابنىڭ بىرىنچى قىسمى ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىندى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن نەشىر قىلدۇرۇلغان كىتابنى شۋېتسىيىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى ھاجى ئابدۇرېشىت كېرىمى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىملاسى بويىچە نەشىرگە تەييارلىغان. كىتابتا ئەلىخان تۆرىنىڭ تۇغۇلغاندىن تاكى 1938-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھاياتى تەسۋىرلىنىدۇ. ئەلىخان تۆرە 1946-يىلى 6-ئايدا سوۋېت جاسۇسلىرى تەرىپىدىن غۇلجىدىن تاشكەنتكە ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شۇ يەردە ياشىغان.

ئەلىخان تورىنىڭ بۇ كىتابىنىڭ ھازىرقى زامان ئۆزبېكچىسىمۇ نەشىردىن چىقىپ تارقىتىلغان ئىدى.

ۋاڭ لېچۈئەن "شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پىدائىيلار" قوشۇنىنى كۈتۈۋالدى

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ لېچۈئەن ۋە ئىسمائىل تىلىۋالدى قاتارلىقلار، بۇ يىل خىتاي ئۆلكىسىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن "شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پىدائىيلار" قوشۇنىغا تەۋە 910 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇلار بىلەن سۈرەتكە چۈشكەن.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، بىرىنچى تۈركۈمدە مەخسۇس ۋاڭ لېچۈئەننىڭ يۇرتى شەڭدوڭ ئۆلكىسىدىن 240 نەپەر ياش پىدائىي بولۇپ كەلگەندىن سىرت يەنە خېنەن، گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىرى بار ئىكەن. بۇ پىدائىيلار ئاساسىي قاتلامدىكى خىزمەت ئورۇنلىرىغا تەقسىم قىلىنىدىكەن.

بىراق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ھەر يىلى ئىچكىرىدىكى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ھەم باشقا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئېشىپ، ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قىيىن بولۇۋاتقان ، ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا ئىشسىزلىق كۆپىيىۋاتقان پەيتتە يەنە مۇنداق پىدائىيلارنى كۈتۈۋېلىش ھەم تەكلىپ قىلىش نارازىلىقلارنى كۈچەيتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن.

پەلەك شاھى ئادىل ھوشۇر نامىدا كۆچمە سېرىك مەيدانى ئېچىلدى

ئون يىلدىن بۇيان "پەلەك شاھى" دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان ئاتاقلىق ئۇيغۇر دارۋاز ئادىل ھوشۇر، يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى قېتىم كۆچمە سېرىك مەيدانى ئېچىپ ، ئىشقا كىرىشتۈردى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا سېرك مەيدانىدا ئۇيغۇر دارۋازلىق ماھارىتى، سېرىك ئويۇنلىرى ، سېھرىگەرلىك ، جانبازلىق ۋە ئۇيغۇر ناخشا- ئۇسۇل سەنئەتلىرى كۆرسىتىلگەندىن سىرت، چەتئەللەردىن تەكلىپ قىلىنغان سېرك ئۆمەكلىرىنىڭ تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ئويۇنلىرى كۆرسىتىلىدىكەن.

ئادىل ھوشۇر يەنە مەخسۇس ئۆسمۇرلەرنى دارۋازلىق بىلەن تەربىيىلەيدىغان دارۋازلىق مەكتىپىمۇ ئاچقان ئىدى.

ئۆكتىچىلەر قازاقىستان ساقچى دائىرلىرىنى خىتاينىڭ سوۋغىسىنى قوبۇل قىلماسلىققا چاقىردى

خىتاي بىلەن مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رامكىسى ئاستىدا ۋە ئايرىم ھەمكارلىقلىرىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ھەر خىل ماددى ھەم مالىيە ياردەملىرىنى كۆرسەتمەكتە.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خىتاي كۆرسىتىۋاتقان بۇ ياردەملەرنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا تۈرلۈك ئىنكاسلارنى قوزغاۋاتقانلىقىمۇ مەلۇم، يېقىندا قازاقىستاندىكى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى بىرلىكىنىڭ باشلىقى ئوراز جاندوسوپ، قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنسىتىرىغا ئوچۇق خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بەرگەن 390 مىڭ دوللار قىممىتىدىكى تۆت ماشىنا ۋە باشقا بۇيۇملارنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە ئۇلارنى خىتاينىڭ سوۋغىلىرىنى ئالماسلىققا چاقىرغان. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.