ھەپتىلىك خەۋەرلەر (19-يانۋاردىن 25-يانۋارغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.01.25
hepte-20190125.jpg ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىئو «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتى.
rubio.senate.gov

تىجارەتچى ۋەلى مەمەتنىڭ لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەندى

يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاتۇش شەھىرىدىكى سودىگەر ۋەلى مەمەتنىڭ لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا بۇ خەۋەرنىڭ راست ئىكەنلىكى دەلىللەندى.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ لاگېرلاردىكى جىسمانىي قىيناق، روھىي زەربە ۋە ناچار تۇرمۇش شارائىتى تۈپەيلىدىن كۆپ ساندىكى مەھبۇسلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋەلى مەمەت بۇ يىل 55 ياشتا بولۇپ، بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىل ئىلگىرى بالىلىرىنى دىنىي ئوقۇشقا بەرگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن. مەرھۇمنى تونۇيدىغانلار ئۇنىڭ ھەققانىيەتچى ۋە خەلقپەرۋەر بىر كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«مىراج» شىركىتى ساھىبىنىڭ بىر قىسىم ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان

ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك ئۇيغۇر رېستورانلىرىدىن «مىراج» رېستورانىنىڭ ساھىبلىرى ئابدۇرېشىت ھاجى ۋە ۋەلى ھاجى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرى ۋە تۇغقانلىرىنىڭ مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.

ھازىرقى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇرېشىت ھاجىنىڭ قۇدىسى ئىمىنجان ھاجى ئۆي-مۈلۈك سودىسى قىلىپ بېيىغان ئىكەن. بۇ قېتىم ئۇنىڭ 17 مىليارد يۈەنلىك مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان، ئۆزى 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «ئۇيغۇر بايلىرىنى يوقىتىش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان تەكرارلاپ كەلگەن ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى. ئۇلار ھېچقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ باي بولۇشىنى خالىمايدۇ،» دېدى.

نازىر دەرىجىلىك ئىككى ئۇيغۇر ئەمەلدار پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغان

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى شىرزات باۋۇدۇن ۋە ئىلى ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ئەنۋەر ئابدۇشۈكۈر «ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغان.

ئىلگىرى مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا ئالاقىدار خادىملار زىددىيەتلىك جاۋاب بېرىپ، ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا دائىر ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، پۈتكۈل قانۇن سىستېمىسىغا مەسئۇل بولىدىغان سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى بولۇش ئۈچۈن كومپارتىيەنىڭ قاتتىق «سىناق» لىرىدىن ئۆتۈش كېرەك ئىكەن. ئەنە شۇنداق «سىناق» لاردىن ئۆتكەن ئۇيغۇر كادىرلارنىڭمۇ ئامان قالمىغانلىقىنى ئانالىزچىلار «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە ھېچقانداق ئۇيغۇرنىڭ ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ،» دېدى.

دوكتور نەبىجان ھەبىبۇللانىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان نۆۋەتتىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىر مۇھىم تۇتقۇن نىشانى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. گېرمانىيەدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇغان نەبىجان ھەبىبۇللانىڭ 2018-يىلى فېۋرالدا تۇتقۇن قىلىنىشى بۇنىڭدىكى بىر تىپىك مىسال.

نەبىجان گېرمانىيەدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە ئۈرۈمچىگە چاقىرتىلىپ، 2018-يىلى فېۋرالدا تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان ئۇنىڭ قەيەرگە قامالغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا قانداق جازا بېرىلگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر بولمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، نەبىجان ھەبىبۇللا 1983-يىلى لوپ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. ئۇ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا پروفېسسور ئارسلان ئابدۇللانىڭ قولىدا ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇغان ئىكەن.

ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمان جەمئىيەتلىرى ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىنى ئۇيغۇرلارغا ھەمدەمدە بولۇشقا چاقىردى

يېقىندا ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئىسلام ئۆلىمالىرىدىن يۈزگە يېقىن كىشى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى تەنقىدلىدى.

باياناتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىش، بالىلارنىڭ ئائىلىلىرىگە قايتىپ كېلىشىگە يول قويۇلۇشى تەلەپ قىلىنىپلا قالماي، يەنە باشقا دىنىي جامائەتلەرنى بۇ تەلەپكە ئاۋاز قوشۇشقا چاقىرغان.

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىتلەردىن بولغان «ئادامس مەركىزى» دە ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ كۈلپەتلىرىنى ئاڭلىتىش پائالىيىتى تەشكىللەنگەن ئىدى. نۆۋەتتە مۇشۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ ھەرقايسى ئىسلام تەشكىلاتلىرىنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش رولى بولىدىغانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە.

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» قايتا تونۇشتۇرۇلدى

ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇم بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقاندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» يەنە بىر قېتىم تونۇشتۇرۇلدى.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە ئامېرىكا پرېزىدېنتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان دەپسەندىچىلىك سىياسەتلىرىنى ئەيىبلەشكە ھەمدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نى دەرھال تاقاشقا دەۋەت قىلىندى.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى قايتا تونۇشتۇرغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىت بۇ ھەقتىكى باياناتىدا خىتاي ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملارنى «دۇنيادىكى ئەڭ جىددىي كىشىلىك ھوقۇق رىقابىتى» دەپ ئاتىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.