ھەپتىلىك خەۋەرلەر (5-مارتتىن 11-مارتقىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.03.11
erkin-asiya-radiosi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

رابىيە قادىر خانىم جاڭ چۈنشيەننىڭ بېيجىڭدا قىلغان سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن ئالدىنقى كۈنى بېيجىڭدىكى «ئىككى يىغىن» دا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ھازىر ‹زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى› ئازىيىشقا قاراپ يۈزلەندى. ھۆكۈمەتنىڭ رايوندا كۆرۈلۈۋاتقان جىددىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى ئۆستى.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم جاڭ چۈنشيەننىڭ بۇ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە پەسىيىش بولغانلىقىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

رابىيە خانىم «ئەگەردە جاڭ چۈنشيەن ئېيتقاندەك ئۇيغۇر ئېلىدە قارشىلىق پەسەيدى دېيىلسە، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشتىن ۋاز كەچكەنلىكى ئەمەس، بەلكى قارشىلىق كۆرسىتىش شەكلىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنىڭ بىر ئىپادىسى» دېدى.

خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ سىنىپلىرى» دا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىنكاسلىرى دىققەت قوزغىماقتا

شىنخۇا تورىنىڭ ئالدىنقى ھەپتىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دائىرىلەر خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تەسىس قىلغان «شىنجاڭ سىنىپلىرى» نى داۋاملىق كېڭەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاراتقۇلىرى «شىنجاڭ سىنىپلىرى» نى ياشلارغا «پارلاق كەلگۈسى» يارىتىشتىكى بىر قىممەتلىك پۇرسەت دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلگەن بولسا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇنى ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان مائارىپىدىكى بىر «تۇيۇق يول»، دەپ تەنقىد قىلماقتا.

خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ سىنىپلىرى» دا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بۇ ھەقتە رادىئومىزغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ قىيىن ئەھۋالىدىن ئۇچۇر بەردى.

ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى جېيمېس لېيبولدت بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ سىنىپى» قۇرۇش ئارقىلىق ئۆزلىرى كۈتكەن نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى، بەلكى ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردا مىللىي كىملىك ئېڭى تېخىمۇ كۈچەيمەكتە، دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈردى.

دائىرىلەر پوسكامدا سىياسىي مەكتەپ قۇرۇپ دىنىي زاتلارنى جىددىي تەربىيىلەشكە كىرىشكەن

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن ئاشكارا بولۇشىچە، دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ناھىيەلەردە تەسىس قىلىنغان سىياسىي مەكتەپلەرنىڭ رولىنى كۈچەيتىشكە ھەدەپ مەبلەغ سالماقتىكەن.

سىياسىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسلىق خىزمەت كۈنتەرتىپى ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك» ۋە «مىللەت بۆلگۈنچىلىكى» ئىدىيەلىرىنى تۈگىتىش ئۈچۈن كومپارتىيىگە سادىق خادىملارنى تەربىيەلەش ئىكەن. سىياسىي مەكتەپلەردە يەرلىكتىكى دىنىي زاتلار قەرەللىك ھالدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئالاقىدار سىياسەت، قانۇن-تۈزۈملىرى بىلەن تەربىيەلىنىدىكەن.

پوسكامدىكى سىياسىي مەكتەپكە 6 مىليون سومدىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، يېڭىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئىكەن. مەزكۇر مەكتەپتە مىللىي ۋە دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل خادىملار بىلەن دىنىي زاتلار جىددىي تەربىيەلەنمەكتىكەن.

قەشقەر قازرىق دېھقانلىرى 14 يىلدىن بۇيان تارتىۋېلىنغان تېرىلغۇ يەرلىرىنى تېخىچە قايتۇرۇۋالالمىغان

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى چوڭ-كىچىك شەھەرلەرنى تېز سۈرئەتتە كېڭەيتىپ قۇرۇشى ۋە زور كۆلەمدە نوپۇس كۆچۈرۈشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەن تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

2002-يىلى قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن نەزەرباغ يېزىلىق دائىرىلەر قەشقەر شەھىرىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش ھەمدە قەشقەر ئايرودرومىنى قايتا قۇرۇش باھانىسى بىلەن قازرىق كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ 5 مىڭ موغا يېقىن يېرىنى تارتىۋالغان.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازرىق دېھقانلىرى 14 يىلدىن بۇيان قولدىن كەتكەن يەرلىرىنى تېخىچە قايتۇرۇۋالالمىغانلىقىنى ۋە تېگىشلىك تۆلەمگىمۇ ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئاشكارا قىلدى.

پەيشەنبەبازار ئىمامى ئېزىز ئەمەت بالا ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن 9 يىللىق كېسىلگەن

ئىگىلىشىمىزچە، ئاقسۇ ئايكۆلدىكى پەيشەنبەبازار مەسچىتىنىڭ ئىمامى، 47 ياشلىق دىنىي زات ئەزىز ئەمەتنىڭ بالا ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن 9 يىللىق كېسىلگەنلىكى مەلۇم.

رادىئومىزغا كەلگەن بۇ ھەقتىكى ئۇچۇردا، ئىمام ئېزىز ئەمەتنىڭ كەنت ئامانلىق مۇدىرى مامۇت ئاۋۇت تەرىپىدىن يېزىلىق ساقچىخانىغا ئاپىرىپ بېرىلگەنلىكى، شۇنىڭدىن كېيىن ئېزىز ئەمەت ھەققىدە ئائىلىسىگە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەنلىكى بايان قىلىنغان.

رادىئومىز پەيشەنبەبازار كەنتىدىكى ئامانلىق مۇدىرىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئىمام ئەزىز ئەمەتنىڭ مەخپىي ھالدا سوتلىنىپ 9 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىق خەۋىرى ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلگەن كامېرداشلىرى ئارقىلىق ئاشكارا بولغان ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك كادىرلار بىلەن دېھقانلار سۇ ۋە مۇھىت كرىزىسىدىن شىكايەت قىلماقتا

سۇ مەنبەلىرىنىڭ جىددىي تۈردە ئازىيىشى بىلەن مۇھىتنىڭ بۇزۇلۇشى ئىچكى قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا مەنسۇپ بولغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيەسىدىكى ئەڭ ئېغىر كرىزىس بولۇپ بىلىنمەكتە.

ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر سۇ ئىشلىرى كادىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سۇ ۋە مۇھىت كرىزىسىنىڭ روشەن كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى، ئاۋات ناھىيەسىدە دېھقانچىلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قۇدۇقلارنىڭ 90 مېتىردىن 120 مېتىرغىچە چوڭقۇرلۇقتا كولىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

قۇمۇل ۋىلايىتىدىن ئېلىنغان ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، يەرلىكتە سۇ مەسىلىسى قىس بولۇپلا قالماستىن، بەلكى زاۋۇت ۋە كانلارنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلۇشى بىلەن مۇھىتنىڭ ناچارلىشىپ تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ كۆرۈلۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.