ھەپتىلىك خەۋەرلەر (12-مارتتىن 18-مارتقىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.03.18
erkin-asiya-radiosi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھىندونېزىيە ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

ھىندونېزىيە ساقچى دائىرىلىرى 16-مارت كۈنى مەركىزى ھىندونېزىيە ئۆلكىسىدە 2 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

باياناتتا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ شۇ رايوندىكى بىر رادىكال گۇرۇھقا قاتناشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، ئەمما ئۇلارنىڭ كىملىكى، نېمە ئۈچۈن ھىندونېزىيەگە بېرىپ، ئۇ يەردىكى جىھادچىلار توپىغا قوشۇلۇپ قالغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھىندونېزىيەدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى «ئەندىشە قىلارلىق تەرەققىيات» دەپ كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر دېلو ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشكە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئوچۇق-ئاشكارا ۋە ئادىل بولۇشقا چاقىردى.

ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى تېكىستلەرنىڭ ئالماشتۇرۇۋېتىلگەنلىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەندىشە پەيدا قىلماقتا

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نەشرىياتى يېڭىدىن نەشر قىلغان ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى كەسكىن ئۆزگىرىشلەر ئۇيغۇرلار ئىچىدە كۈچلۈك ئەندىشە پەيدا قىلماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق يېڭى دەرسلىكتە ئەسلىدە بار بولغان ئۇيغۇر كلاسسىكلىرى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى چىقىرىۋېتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي كلاسسىكلىرى ۋە خىتاي ھازىرقى زامان يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن.

12-مارت كۈنى ئۈندىداردا ئېلان قىلىنغان «بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تەلەپ قىلىمىز» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئۇيغۇر مائارىپ ساھەسىدىكىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى يۈرەك ساداسىنى ئاشكارا قىلغان.

نۆۋەتتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان ئىنكاسلاردا ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ ئوز ئانا تىلىدا يېزىلغان ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى بىلەن تونۇشۇش ھوقۇقىنى تارتىۋالماسلىق تەلەپ قىلىنماقتىكەن.

بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋەكىللىرى كارىز قۇرۇلۇشىنى «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى» تىزىمىگە كىرگۈزۈش تەكلىپىنى بەرگەن

بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋەكىللىرى كارىز قۇرۇلۇشىنى «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى» تىزىمىغا ئىلتىماس قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن.

مەلۇمكى، كارىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان ئەڭ ئۇلۇغ ئىختىرالىرىدىن بىرى. ھالبۇكى، يېقىنقى مەزگىللەرگە كەلگەندە، ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت بايلىقىنىڭ شىددەت بىلەن قېزىلىشى نەتىجىسىدە يەر قاتلىمىدا چۆكۈش يۈز بەرگەن. مۇزلۇقلاردىن ئېقىپ كېلىدىغان سۇ مەنبەسىنىڭ ئازىيىشى ھەمدە قۇدۇقلارنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق قېزىلىشى نەتىجىسىدە كارىز سۇلىرى قۇرۇشقا يۈز تۇتقان.

كۆزەتكۈچىلەر، گەرچە بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋەكىللەر خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا كارىزلارنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش تەكلىپىنى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاللىقاچان قۇرۇپ كېتىشكە يۈز تۇتقان كارىزلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ساقلاپ قېلىش قىيىن، دەپ قارىماقتا.

ئۇيغۇر شاھىتلارنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى قاچقۇنلۇق ھېكايىسى دىققەت قوزغىماقتا

شاھىتلارنىڭ ئالدىنقى يىللاردا شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىدە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئاچچىق كەچۈرمىشلىرى خەلقئارادىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىنىڭ ئىچ يۈزىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

مەلۇمكى، 2013-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن 2015-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە بولغان مەزگىلدە مىڭلىغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار خىتاينىڭ جەنۇبىي ئۆلكىلىرى ئارقىلىق ۋىيېتنام، لائوس، كامبودژا، تايلاند، مالايشىيا قاتارلىق ئەللەرگە قېچىپ بارغان ئىدى. تايلاند ۋە مالايشىيادىكى لاگېرلارغا يىللارچە قامالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئالدىنقى يىللاردا تايلاند، خىتاي ۋە تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچ بۇرجەكلىك دىپلوماتىك تارتىشىشلارغا سەۋەب بولغان ئىدى.

تۈركىيە يەرلەشكەن بىر قىسىم شاھىتلار يېقىندا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىدىكى قېچىش كەچۈرمىشلىرىنى ئاشكارا قىلدى.

كۆزەتكۈچىلەر «ۋىلايەتلەرنى بىكار قىلىش ئۇيغۇرلارنى ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇشنىڭ بىر سىگنالى»، دەپ قارىماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا خوتەن ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر تەسىس قىلىش پىلانى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى ئاپرېلدا تۇرپان ۋىلايىتىنى، بۇ يىل يانۋاردا قۇمۇل ۋىلايىتىنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ۋىلايەتلىك دەرىجىلىك شەھەر تەسىس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ۋىلايەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ شەھەر مەمۇرىيىتى تەسىس قىلىشنى «مۇقىملىققا پايدىلىق ئىستراتېگىيە» دەپ تەشۋىق قىلماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر بىردەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شەھەر مەمۇرىيەت سىستېمىسىنى ئورنىتىشقا ئۇرۇنۇشى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى ئەڭ ئەقەللىي ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇشنىڭ بىر قەدىمى، دەپ قارىماقتا.

ئۇيغۇر مازار تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان ئىنگلىزچە يېڭى كىتاب ياپونىيەدە نەشر قىلىنغان

يېقىندا «مازار: مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيادىكى ئىسلامنىڭ مۇقەددەس ئورۇنلىرى» ناملىق ئىنگلىزچە يېڭى كىتاب ياپونىيەدىكى توكيو چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدا نەشر قىلىنغان.

مەزكۇر كىتابتا ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 20 نەپەر تەتقىقاتچىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مازارلار ۋە ئۇلارنىڭ تارقىلىشى، مازار تاۋابىتىگە دائىر ئادەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمى، مازار تەزكىرىلىرى ھەمدە ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى خوجىلار دەۋرىگە ئائىت ئىلمىي ماقالىلىرى ئورۇن ئالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، «مازار» دېگەن نام بىلەن ياپونىيەدە يورۇق كۆرگەن بۇ كىتاب تەتقىقاتچى جۇن سۇگاۋارا بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى راھىلە داۋۇتنىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە نەشر قىلىنغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.