ھەپتىلىك خەۋەرلەر (19-مارتتىن 25-مارتقىچە)
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرى.
-
مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-03-25 -
-
-
Your browser doesn’t support HTML5 audio
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى نورۇز چېچەكلىرىگە پۈركەنگەن ۋاشىنگتوندا بۇ يىللىق نورۇزنى كۈتۈۋالدى
تەبىئەت دۇنياسى ئويغىنىۋاتقان، ئەتىيازلىق كۈن-تۈن تەڭشىلىشكە قاراپ يۈزلەنگەن باھار پەيتىدە دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى بۇ يىللىق نورۇز بايرىمىنى كۈتۈۋالدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ 19-مارت كۈنى پۈتۈن دۇنيادىكى نورۇز بايرىمىنى قۇتلايدىغان خەلقلەرگە يوللىغان نورۇزلۇق سالىمى بۇ يىللىق نورۇز كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى 20-مارت كۈنى جەم بولۇپ، نورۇز چېچەكلىرى ھۈپپىدە ئېچىلىشقا باشلىغان ۋاشىنگتوندا 2016-يىللىق نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
پائالىيەتتە ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ نورۇز بايرىمىنى مۇبارەكلىدى.
غۇلجا ناھىيە ئويمانبايتوقاي كەنتىدىكى كوللېكتىپ تۇتقۇندا 41 كىشىنىڭ قاماققا ئېلىنغانلىقى مەلۇم
يېقىندا غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئارائۆستەڭ يېزا ئويمانبايتوقاي كەنتىدىن 41 نەپەر ياشنىڭ ئۇشتۇمتۇت تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى بىر ئۇچۇر رادىيومىزغا مەلۇم بولغان ئىدى، ئەمما ئۇچۇردا تۇتقۇنلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن ئىدى.
رادىيومىز مەزكۇر تەۋەلىكتىكى ساقچى ۋە ئاھالىلەرگە تېلېفون قىلىپ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئېنىقلاش ئېلىپ باردى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ چوڭ تۇتقۇن بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئىلگىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، 220 ئائىلىلىك نوپۇسقا ئىگە ئويمانبايتوقاي كەنتىدىن جەمئىي 41 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، يەنى كەنتتىكى ھەر 5 ئادەمدىن بىرىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكى دەلىللەندى. ئىگىلىشىمىز داۋامىدا بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 14 نەپەر ياشنىڭ كىملىكلىرى ئېنىقلاندى.
ئىگىلىنىشىچە، تۇتقۇن قىلىنغان 41 نەپەر ئۇيغۇر ياش مەزكۇر كەنتتە قازا قىلغان بىر نەپەر پارتىيە ئەزاسىنىڭ نەزىرىگە بېرىشنى رەت قىلغانلار ئىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئۆلىمالارنى باستۇرۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ غۇرۇرىغا تەگكەنلىك» دەپ قارىماقتا
يېقىندا خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەخسۇس خەۋەر بېرىپ، 2015-يىلىدا ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىدە «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان سالغان ياكى زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق بىلەن شۇغۇللانغان» دېگەن جىنايەت بىلەن 1084 قېتىملىق دېلو ئۈستىدىن سوت ئېچىلغانلىقىنى، 1419 كىشىنىڭ جازالانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئاشكارا قىلغان بۇ سان خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى چەكتى.
ئۇلار، بۇ ساننىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇرلار ئىگىلىشى مۇمكىن دېگەن تەخمىننى ئىلگىرى سۈرمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار يەنە خىتايدا بۇ يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى قانۇن» بىلەن «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش مىزانى» نىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
ئانالىزچىلار، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «7-نومۇرلۇق ھۆججىتى» نى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىكى يول خەرىتىسى، دەپ كۆرسەتمەكتە
مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدىن يىگىرمە يىل ئىلگىرى، يەنى 1996-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى «7-نومۇرلۇق ھۆججەت» نامىدا مۇتلەق مەخپىي بىر قارار چىقارغان.
مەزكۇر ھۆججەت ئۆز دەۋرىدە خىتايدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە مىنىستىرلىقتىن يۇقىرى دەرىجىلىك كومپارتىيە كومىتېتلىرىغا مەخپىي تارقىتىلغان بولۇپ، ئۇنى ئىچكى جەھەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ كەلگۈسى يول خەرىتىسى سۈپىتىدە قوللىنىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ئارىدىن يىگىرمە يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى مەزكۇر ھۆججەت ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ، ئۇنىڭ 20 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىكى دەستۇرى بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خوتەندىكى نامراتلىق ئۆلچىمى گۇمان قوزغىماقتا
يېقىندا خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى «13-بەش يىللىق نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش پىلانى ۋە نىشانى» نى ئېلان قىلىپ، خوتەن ۋىلايىتىدە كەلگۈسى بىر يىل ئىچىدە 244 نامرات كەنت بىلەن 130 نەچچە مىڭ ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقىنى جاكارلىغان.
رادىيومىز بۇ ھەقتە خوتەن ۋىلايىتىدىن مەخسۇس ئۇچۇر ئىگىلىدى. ئىگىلىنىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر بۇ پىلان بويىچە ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ نامراتلارنى تەكشۈرۈپ جەدۋەللەشتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما يىللىق كىرىمى 3 مىڭ سومغا ئاران يېتىدىغان ئائىلىلەرنىڭ «نامراتلىق» تىزىمىگە كىرگۈزۈلمىگەنلىكى مەلۇم بولدى.
نامراتلىق ئۆلچىمى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بېكىتكەن نامراتلىق ئۆلچىمىدىن خېلى تۆۋەن بولغان خوتەن ۋىلايىتىدە ئاھالىلەرنىڭ كەلگۈسى بىر يىل ئىچىدىلا «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى» كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك گۇمانىنى قوزغىماقتا.
«ياۋا كەپتەر» نىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسى ئامېرىكا رادىيوسىدا ئاڭلىتىلدى
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر يازغۇچىسى نۇرمەمەت ياسىننىڭ «ياۋا كەپتەر» ناملىق ئەدەبىي ئەسىرى ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانا شتاتىدىكى «ۋ ف ھ ب» رادىيو شىركىتى تەرىپىدىن ئاۋازلىق ئەسەر قىلىپ ئىشلەنگەن ۋە رادىيو دولقۇنلىرى ئارقىلىق تارقىتىلغان.
يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىن مەزكۇر ئەسىرى سەۋەبلىك 2005-يىلى خىتايدا 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇنىڭ جازا مۇددىتى توشقان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر قويۇپ بېرىلگەن ياكى قويۇپ بېرىلمىگەنلىكى، سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقى تېخىچە مەلۇم ئەمەس.
نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ «ياۋا كەپتەر» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئىنگلىزچە ئاۋازلىق نەشرىنى تارقىتىشقا مەسئۇل بولغان سىنسيا ۋولف خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلدى. ئۇ، نۇرمەمەت ياسىنىڭ ئۇشبۇ بەدىئىي ئەسەر ئۈچۈن قاماق جازاسىغا مۇپتىلا قىلىنغانلىقىدىن ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈردى.