ھەپتىلىك خەۋەرلەر (30-مارتتىن 5-ئاپرېلغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-04-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ھەپتىلىك خەۋەرلەر (30-مارتتىن 5-ئاپرېلغىچە)
ھەپتىلىك خەۋەرلەر (30-مارتتىن 5-ئاپرېلغىچە)
Photo: RFA

داۋۇت ئابلەت جەمەتىدىن 44 كىشىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

يېقىندا دۆربىلجىندىكى جامائەت ئەربابى داۋۇت ئابلەتنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، شۇ قاتاردا ئۇنىڭ جەمەتىدىن 44 كىشىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارا بولدى.

داۋۇت ئابلەتنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئوغلى ئابدۇلئەھەد داۋۇت بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، دادىسىنىڭ ئۆتكەن يىلى بىر قېتىم لاگېردىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ھەمدە داۋالاشتىن كېيىن يەنە لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، داۋۇت ئابلەت ئىلگىرى دۆربىلجىن بازارلىق ھۆكۈمەت شەھەر قۇرۇلۇش ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى كۆپچىلىكنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن جامائەت ئەربابى ئىكەن.

ئالماس نىزامىدىننىڭ قاماقتىكى ئانىسى ۋە ئايالىنىڭ ئۇچۇرى مەلۇم بولدى

ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىدىن ئالماس نىزامىدىن كۆپ قېتىم ئاۋسترالىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ مەسىلىسىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن يېقىندا بۇ ھەقتە يېڭى خەۋەرگە ئىگە بولغان.

ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالماس نىزامىدىننىڭ كۆپ قېتىملىق تەلىپى بويىچە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىلەشكەن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابىنى ئالماسقا يەتكۈزگەن.

ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئالماسنىڭ ئايالى بۇزەينەپ ئابدۇرىشىت «توپلىشىپ جامائەت تەرتىپىنى بۇزۇش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ يەتتە يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. ئالماسنىڭ ئانىسىمۇ ئامېرىكادىن تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە قايتقىنىدا كېلىنىگە ئوخشاش جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان.

مارىيە مۇھەممەتنىڭ جەمەتىدىن 60 تىن ئارتۇق كىشى تۇتقۇن قىلىنغان

ئامېرىكانىڭ بوستون شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق مارىيە مۇھەممەد يېقىندا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاتۇشتىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن 60 نەچچە كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

مارىيە خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئاتۇشتا قارانچۇقسىز قالغان 90 ياشلىق ئانىسى يېقىندا ئۈندىدار ئارقىلىق ئۇنىڭغا لاگېرغا ۋە تۈرمىگە ئېلىپ كېتىلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن. شۇنداقلا «ئۆيدە مەنلا قالدىم. ئۆلۈپ قالسام مېنى يەرلىككە قويغۇدەك تۇغقانلارمۇ قالمىدى» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مارىيە مۇھەممەدنىڭ جەمەتىدىكىلەر «قۇرئان كەرىم» نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىدىن ئىكەن.

د ئۇ ق ھەيئىتىنىڭ كانادادىكى زىيارىتى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ھەيئەت گۇرۇپپىسىنىڭ كانادادىكى ئىككى ھەپتىلىك خىزمەت زىيارىتى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.

ھەيئەت ئەزالىرى بۇ قېتىم كانادادىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇچراشتى شۇنىڭدەك كانادا ھۆكۈمىتى، كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقى ۋە كانادا پارلامېنتىدىكى مەسئۇل كىشىلەر بىلەن سۆھبەتتە بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى يەتكۈزدى.

بۇ جەرياندا ئۇلار يەنە بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەردە دوكلات بېرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ھەر ساھە كىشىلىرىگە مەلۇمات بەردى.

ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈر تەنھەرىكەتچىلىرى تايلاندتىن دۇنيا چېمپىيونى بولۇپ قايتتى

يېقىندا تايلاند پايتەختى باڭكوك شەھىرىدە ئاياغلاشقان ئەركىن مۇشتلىشىش دۇنيا مۇسابىقىسىدە قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ماھىرلار بىرنەچچە ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى.

ئالمۇتا ۋىلايىتىدىن مۇسابىقىگە بارغان ئۇيغۇر ماھىرلاردىن سوھراب ھاشىمجانوۋ ياشلار كوماندىسى بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن.

ماھىرلارنىڭ يەنە بىرى بۇ يىل 7-سىنىپتا ئوقۇۋاتقان شاكىچىك ئەلىشىر سۇلتان خوجايېۋ بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم دۇنيا چېمپىيونى بولۇشى ئىكەن. بۇ ماھىرلار بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ياۋروپا ۋە ئاسىيا رايونىدا كۆپ قېتىم مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئىكەن.

مۇسۇلمانلار جامائىتىگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى پائال ئاڭلىتىلماقتا

ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ھەرقايسى جايلاردىكى مۇسۇلمانلار جامائىتىگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار پائال ھەرىكەتلەردە بولماقتا.

يېقىندا تېننېسى شىتاتىنىڭ مېمفېس شەھرىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىدىن ئەزىز سۇلايمان شۇ جايدىكى «مۇسۇلمانلار ھەپتىلىكى» كۆرگەزمە زالىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن فوتو سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرغان ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان.

ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر خانىملىرىمۇ بۇ جەھەتتە پىداكارلىق كۆرسىتىپ، سېدنىي شەھىرىدە تۇنجى قېتىملىق «ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى» پائالىيىتىنى تەشكىللىگەن ھەمدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قانداق بۇزغۇنچىلىقلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى جانلىق ئۇسۇلدا كۆرسىتىپ بەرگەن.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ پائال كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە ئەھمەدىيلەر مەزھىبىنىڭ بۇ يىل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق يىغىنىمۇ مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا بېغىشلاندى.

تولۇق بەت