ھەپتىلىك خەۋەرلەر (9-ئاپرېلدىن 15-ئاپرېلغىچە)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ خىزمەت ئۈستىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچراۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا

يېقىندا ئۈندىدار، فەيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە بىر نەپەر ئۇيغۇر ساقچىنىڭ خىزمەت ئۈستىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇرۇپ-دۇمبالىشىغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى بىر سىن كۆرۈنۈشى تارقالدى.

نەق مەيداندىن سۈرەتكە ئېلىۋېلىنغان بۇ سىن كۆرۈنۈشى ئاشكارا بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا بولدى.

رادىئومىز مەزكۇر ئۇچۇرغا ئاساسەن ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى 7 ساقچىخانىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال سۈرۈشتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ساقچىخانىلار بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشنى رەت قىلدى.

خوتەندىكى ئىككى نەپەر ياردەمچى ساقچى بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ياردەمچى ساقچىلارنىڭ 1200 سوم مائاش ئۈچۈن كۆپ ھاللاردا 24 سائەت نۆۋەتچىلىكتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «تېررورلۇق» قا دائىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى مۇكاپاتلاشنى تۈزۈملەشتۈردى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «تېررورلۇق» ھەرىكەتلىرىگە دائىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى خېلى بۇرۇنلا يولغا قويغان ئىدى.

دائىرىلەر يېقىندا بۇ توغرىلىق رەسمىي بەلگىلىمە چىقىرىپ، مۇكاپات سوممىسىنى ئۆستۈرگەنلىكىنى ۋە مۇكاپاتلاشنى تۈزۈملەشتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

مەزكۇر بەلگىلىمىدە كۆرسىتىلىشىچە، مۇكاپات دەرىجىگە ئايرىلغان بولۇپ، مۇكاپات سوممىسى تەمىنلىگەن ئۇچۇرنىڭ سالمىقىغا قاراپ پەرقلەندۈرۈلىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «تېررورلۇق» قا قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىدىكى ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن چىقىرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما بۇ بەلگىلىمە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يىلى» دا ئۇيغۇرلارنىڭ مېھمانخانىلاردىن ياتاق ئالالماسلىقى ئىنكاس قوزغىماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇدا 33 يىل ئېلىپ بارغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېيى» نى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، بۇ يىلنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىيات يىلى» قىلىپ بېكىتكەن ئىدى.

خىتاي تاراتقۇلىرى نۆۋەتتە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش - تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تەدبىر» دەپ تەشۋىق قىلماقتا.

ھالبۇكى، دەل مۇشۇ پەيتتە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى مېھمانخانىلاردىن ياتاق ئالالمايۋاتقانلىقىغا دائىر بىر سىن كۆرۈنۈشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا ئاشكارىلىنىپ، كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئومۇميۈزلۈك كەمسىتىش ۋە چەتكە قېقىشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى دەپ كۆرسەتمەكتە.

شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلارغا بولغان سەزگۈرلۈكنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى كۈچىيىۋاتقانلىقى مەلۇم

10-ئاپرېل كۈنى مالايشىيا تاراتقۇلىرى تايلاند ساقچى تەرەپنىڭ تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىدىكى ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بىر خەۋەرنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بۇ خەۋەرنىڭ مالايشىيا دائىرىلىرىنى جىددىيچىلىككە سالغانلىقى مەلۇم. مالايشىيانىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئەھمەد زاھىت بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى تېررورچى دەپ قاراش ئادالەتسىزلىكتۇر،» دېگەن.

ھىندونېزىيە دائىرىلىرى يېقىندا «شەرقىي ھىندونېزىيە مۇجاھىدلىرى» ناملىق جىھاد تەشكىلاتىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان 6 نەپەر ئۇيغۇردىن 4 نەپىرىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، قالغان 2 ئۇيغۇرنىڭ داۋاملىق قېچىپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تاراتقۇلىرىدا بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان ئۇيغۇر جىھادچىلىرىغا دائىر خەۋەرلەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدە ئەندىشە قوزغىماقتا.

پاتىگۈل غۇلامنىڭ قالغان ئىككى بالىسىنىڭمۇ تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم

«5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن غايىب قىلىۋېتىلگەن ئوغلىنىڭ ئىز -دېرىكىنى قىلىشنى توختاتمىغان پاتىگۈل غۇلامنىڭ 7-ئاپرېلدا يېپىق ھالدا سوتلىنىدىغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

ھالبۇكى، ئۇنىڭ 7-ئاپرېلدا سوتلانغان ياكى سوتلانمىغانلىقى، تەقدىرىنىڭ زادى قانداق بولغانلىقى ھەققىدە بۈگۈنگىچە ئېنىق مەلۇمات ئېلىش ئىمكانىيىتى بولمىدى.

ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە ئۆزىنى پاتىگۈل غۇلامنىڭ كونا قوشنىلىرىدىن بىرى دەپ تونۇشتۇرغان بىر خانىم پاتىگۈل غۇلامنىڭ قالغان ئىككى پەرزەنتىنىڭمۇ تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ھەتتا قولۇم-قوشنىلارنىڭ ئۇلاردىن ھال-ئەھۋال سوراشقا پېتىنالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرى قەشقەر تاختاكۆۋرۈك ھۇجۇمىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئارىدىن 10 ئاي ئۆتكەندە ئېتىراپ قىلدى

ئۆتكەن يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى، يەنى رامىزان ھارپىسىدا قەشقەر تاختاكۆۋرۈكتىكى خىتاي قاراۋۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي تاراتقۇلىرى ۋەقە ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى.

مەزكۇر ۋەقە رادىيومىز ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، چەتئەل مۇخبىرلىرى خىتاي تەرەپتىن ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى سورىغان. ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ بۇنداق ۋەقەنىڭ بولغانلىقىنى ئىنكار قىلغان.

ئارىدىن 10 ئاي ئۆتكەندە خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى قەشقەر تاختاكۆۋرۈك ھۇجۇمىدا ئۆلگەن ئابدۇساتتار ھاجىنى «ئىنقىلابىي قۇربان» لار تىزىملىكىدە تونۇشتۇرۇپ، مەزكۇر ھۇجۇمنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.