رابىيە قادىر نورۋىگىيىدە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى
ئۆتكەن ھەپتىدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە خانىم نورۋىگىيىدە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. بۇ قېتىم رابىيە قادىر خانىمغا، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوفمۇ ھەمرا بولغان.
رابىيە خانىم 12 - ئاپرىل كۈنى نورۋېگىيە رافتو جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن بېرگېن شەھىرىدىكى ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىدى. بۇ پائالىيەتكە 200 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى، مۇتەخەسسىس ھەم ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىققۇچىلار قاتناشتى. رابىيە قادىر خانىم ئوسلو شەھىرىگە كېلىپ، 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر جەم بولغان كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، تەسىرلىك نۇتۇق سۆزلىدى .
رابىيە قادىر خانىم 14 - ئاپرىل كۈنى بولسا، نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن ھەم مۇناسىۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك نورۋېگىيە ئەربابلىرى بىلەن ئۇچراشتى.
د ئۇ ق ھەيئىتى تۈركىيە پارلامېنت باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى
يېقىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى باشلىقى ۋۇ باڭگونىڭ تەكلىپىگە بىنائەن رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن ، 6 - ئاپرېلدىن 12 - ئاپرېلغىچە بېيجىڭدا زىيارەتتە بولۇپ قايتىپ كەلگەن تۈركىيە پارلامېنتنىڭ باشلىقى كۆكسال ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەن. كۆك سال ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە تىلغا ئالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
پەيزىۋاتتىن يەنە بىر تۈركۈم قىز ئىچكىرى خىتايغا ئېلىپ كېتىلدى
ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ بېرىپ ئىشقا سېلىش داۋاملاشماقتا. 9 - ئاپرىل پەيزىۋات ناھىيىسىدىن يەنە بىر تۈركۈم قىز تيەنجىن قاتارلىق شەھەرلەرگە ئېلىپ كېتىلگەن. ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ قېتىم پەيزىۋاتتىن 243 نەپەر ئۇيغۇر قىزى ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە، پەيزىۋات، يوپۇرغا، يېڭىسار قاتارلىق ناھىيىلەر ئاساسلىق نۇقتىغا ئايلانغان.
ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي شەھەرلىرىدىكى ھەر خىل زاۋۇتلارغا ئېلىپ بېرىپ ئىشقا سېلىنىش مەسىلىسى تۈرلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىماقتا. چەتئەللەردىكى ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىمۇ بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، قىزلارنىڭ كۆپ ئىشلىتىلىپ، ئاز ھەق بېرىلىش، ئىش ھەققىنى تۇتۇۋېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
دانىيىلىك سەنئەتكار گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى سەنئەت پروگراممىسىغا قاتناشتۇرماقچى
دانىيىدىكى "كوپىنھاگىن پوچتىسى " گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، توربېن خەنسېن ئىسىملىك بىر دانىيىلىك سەنئەتچى گۈئانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلاردىن ئىككى كىشىنى ئۆزىنىڭ بىر سەنئەت پروگراممىسىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىش قارارىغا كەلگەن .
مەزكۇر سەنئەتكار، رادىئودىن مەزكۇر ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالى جۈملىدىن ئۇلارنى ئالىدىغان بىرەر دۆلەتنىڭ چىقمىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ پروگراممىسىغا قاتناشتۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپ تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلدى
پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپ، 6 كۈنلۈك خىتاي سەپىرىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى سۈپىتىدە پەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلدى. پەرۋىز مۇشەررەپ بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن پاكىستان - ئۇيغۇر ئېلى ئىقتىسادىي مۇنبىرى يىغىنىغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ئاپتونوم رايون پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشكەن.
لېكىن، خىتاي تەرەپنىڭ ئاخباراتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇش مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنغان ياكى ئېلىنمىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرمىدى. ئەمما، بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلى پاكىستاندىن ئۆتكەن كۈنى ئىسلامئابادنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئىسلامىي گۇرۇپپىلارنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچراشتىن ئەندىشە قىلىپ، كۆپلىگەن ساقچىلارنى ئىشقا سالغان ھەمدە پاكىستاندىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى نەزەربەند ئاستىغا ئالغان.
ئولىمپىك مەشئىلى ئايلىنىپ يۈرمەكتە
ئولىمپىك مەشئىلى 17 - ئاپرىل كۈنى ھىندىستاندىن ئۆتكەندە تىبەتلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ھىندىستان دائىرىلىرى 15 مىڭ ساقچىنى ئىشقا سېلىپ، مەشئەلنى قوغدىغان.
ئاۋسترالىيە دائىرىلىرى بولسا،16 - ئاپرىل كۈنى بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلى كېلەر ھەپتە ئاۋسترالىيىگە كەلگەندە ئەگەر مەشئەلنى مۇھاپىزەت قىلىپ ماڭغان خىتاينىڭ كۆك كۆينەكلىك قوغدىغۇچىلار ئەترىتىنىڭ نامايىشچىلارغا قول تەككۈزسە قولغا ئېلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. مۇنداق تەدبىرنى ئالىدىغانلىقىنى ياپونىيىمۇ بىلدۈرگەن.
پۇتىن رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ۋە باش مىنىستىرى بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا رۇسىيىدىكى ئەڭ چوڭ ۋە ھاكىمىيەتتىكى پارتىيە ھېسابلىنىدىغان رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسىنىڭ 9 - قۇرۇلتىيى چاقىرىلىپ، 15 - ئاپرىل كۈنى قۇرۇلتاي مەزكۇر پارتىيىنىڭ يېڭى رەھبەرلىك سىستېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
45 مىنۇتلۇق خۇلاسىلەش يىغىنىدا ھازىر ۋەزىپە ئاتقۇرىۋاتقان پرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىنغا رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بولۇش تەكلىپى قويۇلۇپ، پۇتىن ئۆزىنىڭ مەزكۇر ۋەزىپىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك 5 - ئايدىن كېيىن، ئوز ۋەزىپىسىدىن رەسمىي قېلىش بىلەن پارتىيە رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئاتۇقۇرىدىغانلىقى ھەمدە باش مىنىستىر بولۇشقىمۇ تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. رۇسىيىلىك تەھلىلچىلەر پۇتىننىڭ دېڭشياۋپىڭغا ئوخشاش رۇسىيىنى باشقۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.