ھەپتىلىك خەۋەرلەر (30-ئاپرېلدىن 6-مايغىچە)

0:00 / 0:00

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى «دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

3-ماي كۈنى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى 2016-يىللىق «دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.

«ئەركىن ۋە ئوچۇق-ئاشكارا بولغان ئاخباراتچىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ياخشىلاشتىكى زۆرۈر ئامىل» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان مەزكۇر باياناتتا خىتاينىڭ ئاخباراتنى قاتتىق قامال قىلىشى تۈپەيلى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ تاشقى دۇنياغا ئاڭلىتىلمايۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مەزكۇر باياناتتا يەنە 2015-يىلى خىتايدا قولغا ئېلىنغان 49 ژۇرنالىست ئىچىدە 14 نەپىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ھەمدە پاتىگۈل غۇلام دېلوسى قاتارلىق ۋەقەلەر ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىمۇ 2-ماي كۈنى دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە داۋاملىق باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇيغۇر ھۇجۇمچىلارنىڭ شىئەندە ۋەقە پەيدا قىلغانلىقى، ئەمما دائىرىلەرنىڭ ئۇنى يوشۇرۇۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە

ئالدىنقى كۈنلەردە بىرقانچە نەپەر ئۇيغۇرنىڭ شىئەندىكى بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى، ۋەقەدە 8 كىشىنىڭ ئۆلۈپ، بەش كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالغان ئىدى.

ۋەقەدىن كېيىن شىئەن لەنتيەن رايونلۇق ئېلېكتر قۇۋۋىتى شىركىتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە چىقارغان بىر ئىچكى ئۇقتۇرۇشى توردا ئاشكارا بولغان. ئۇنىڭدا «شەرقى تۈركىستان كۈچلىرى» نىڭ 28-ئاپرېل كۈنى شىئەندە تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. يېقىندا شىئەندىكى بىر قاتناش ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى يەنە بىر ئىچكى ئۇقتۇرۇشى ئاشكارا بولغان.

رادىيومىز بۇ ۋەقەنى دەلىللەش ئۈچۈن شىئەن شەھىرىدىكى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇ ھەقتە خەۋەرسىزلىكىنى بىلدۈرۈپ، مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان يالتىراقنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر 1-ماي كۈنى مەخسۇس بەلگىلىمە چىقىرىپ، دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىدىغان ئالاھىدە نېپىز يالتىراقنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىشلىتىلىشكە باشلىغان يالتىراق «يېزا-ئىگىلىكىدىكى ئاق رەڭلىك ئىنقىلاب» دەپ تەرىپلەنگەن بولسا، دائىرىلەر نۆۋەتتە ئۇنى «يېزا-ئىگىلىكىدىكى ئاق بۇلغىما» دەپ تەنقىد قىلىشقا باشلىغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى سۇ قىسلىقى تۈپەيلى تېرىلغۇ يەرلەرگە يالتىراق ئىشلىتىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشى ياخشى ئېلىپ بېرىلمىغاچقا بۇلغىنىشنىڭ يىلدىن-يىلغا ئېشىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ چاغراق كەنتىدە ھىجرەت فىلىمى كۆرگەن ئاچا-سىڭىل، ئۇرۇق-تۇغقانلار تۇتقۇن قىلىنغان

رادىيومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ چاغراق كەنتىدە بىر ئائىلىدىكى قېرىنداشلار جەم بولۇپ «ھىجرەت فىلىمى» كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم.

ئىگىلىنىشىچە، تۇتقۇن قىلىنغانلار مەزكۇر ئائىلىدىكى روشەنگۈل ياسىن، ئارزۇگۈل ياسىن، ئېلى ياسىن ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى بولۇپ جەمئىي 5 كىشى ئىكەن. ئۇلاردىن بىرى 7 يىللىق كېسىلگەن، ئەمما قالغانلىرىنىڭ ئاقىۋىتى مەلۇم ئەمەس.

بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندى، مەزكۇر ئائىلە پاجىئەسىگە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ «مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ» دېگەن يوليورۇقىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇيغۇر ئېلى بىلەن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار «قوش تىللىق مائارىپ» قا نىسبەتەن ئوخشىمىغان ئىنكاسلارنى قايتۇرماقتا

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «قوش تىللىق مائارىپ» سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتى يىغىنى 28-ئاپرېل ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان.

يىغىندا دائىرىلەر «13-بەش يىل» مەزگىلىدە «قوش تىللىق مائارىپ» نى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر ئېلى بىلەن قازاقىستاندىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ئەللەردىكى «قوش تىللىق مائارىپ» ۋە ئۇنىڭ ئۈنۈمىگە نىسبەتەن پەرقلىق ئىنكاس قايتۇردى.

ئۇلارنىڭ ئىنكاسلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بىلەن بىلىم ئادەملىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى تېخىمۇ ئاشۇرماقتا.

شاھىتلار گېرمانىيەدىكى «ئازادلىق» رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى ۋە ياۋروپادىكى تۇنجى ئۇيغۇر جامائىتى ھەققىدە توختالدى

گېرمانىيەدىكى «ئازادلىق» رادىيوسىدىن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن تاكى 1978-يىلىغىچە ياڭرىغان ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش - غەرب دۇنياسىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر ئاۋازى ھېسابلىنىدۇ.

«سوغۇق ئۇرۇش» مەزگىلىدە كوممۇنىزم لاگېرىغا قارشى ئەركىنلىك تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغان «ئازادلىق» رادىيوسى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى ئارقىلىق گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ياۋروپادىكى تۇنجى ئۇيغۇر جامائىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

«غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلار» ناملىق ھۆججەتلىك رادىيو پروگراممىسى ئۈچۈن ئەسلىمە تەقدىم قىلغان ھايات شاھىتلار ئۆز كەچۈرمىشلىرى ۋە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن سەرگۈزەشتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مۇھاجىرەت تارىخىنىڭ ئۆتكەن ئەسىردىكى سەھىپىلىرىنى يورۇتتى.