ھەپتىلىك خەۋەرلەر (11-ئىيۇندىن-17-ئىيۇنغىچە)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىدە 5 نەپەر تور بەت ساھىبى بىلەن تور باشقۇرغۇچىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم

ئىگىلىشىمىزچە، 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان مەزگىلدە ئۇيغۇر ئېلىدە ئاز دېگەندە 5 نەپەر تور ساھەسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم.

ئۇلار «مىسرانىم» تورىنىڭ ساھىبى ئابابەكرى مۇختەر، «مىسرانىم» تورىنىڭ كورلادىكى تور بەت باشقۇرغۇچىسى تۇرسۇنجان مەمەت مارشال، «باغداش» تورىنىڭ ساھىبى ئەكبەرجان ئەسەد، داڭلىق تور يازغۇچى ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر ھەمدە مائارىپ ساھەسىدىكى ئىسىم-شەرىپى تېخىچە دەلىللەنمىگەن يەنە بىر تور يازغۇچىسى بولۇپ 5 كىشى ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئابابەكرى مۇختەرنىڭ 10-ئىيۇن كۈنى قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، تۇرسۇنجان مەمەت مارشال 3-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، ھازىر ئۇ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەركىزىي تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن. «باغداش» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەرجان ئەسەد 4-ئايدا «كاماندىروپكا» غا ئېلىپ كېتىلىپ، ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ يىللىق رامىزاننى يەنىلا ئېغىر چەكلىمىلەر ئىچىدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بۇ يىللىق رامىزان ھارپىسىدا «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى» ناملىق ئاقتاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا نىسبەتەن ھېچقانداق چەكلىمىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئېلىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كىشىلەر بۇ يىللىق رامىزاننىڭ يەنىلا ھەر خىل چەكلىمىلەر ئىچىدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، دائىرىلەرنىڭ رامىزانلىق چەكلىمىسى نوقۇل مائارىپ ساھەسىدىلا ئەمەس، بەلكى ئاساسىي قاتلامدىكى يېزا-كەنت كادىرلىرى، پارتىيە ئەزالىرى، سىياسىي ئاكتىپلار ۋە شۇنداقلا ھۆكۈمەتتىن مائاش ئالىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئامېرىكىدا ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كوللېكتىپ ئىپتار پائالىيىتى باشلاندى

11-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭغا قوشنا رايونلاردىكى ئۇيغۇرلار ۋىرىگىنىيە شتاتىنىڭ فايرفاكس رايونىدىكى ئامېرىكا تۈرك دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ زالىغا جەم بولۇپ، بۇ يىللىق رامىزان ئېيىدىكى كوللېكتىپ ئىپتار پائالىيىتىنى باشلىدى.

بۇ قېتىملىق ئىپتار پائالىيىتىنى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇردى. بۇ ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 8-قۇرۇلتىيىدا يېڭى نۆۋەتلىك رەئىس ۋە ئىدارە ھەيئىتى سايلاپ چىقىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق پائالىيىتى ئىكەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە روزا تۇتۇش چەكلىنىۋاتقان بىر پەيتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ كوللېكتىپ ئىپتارلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشى ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە، دېدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى «15-ئىيۇن ئۇيغۇر ئانا تىل بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن دوكلات ئېلان قىلدى

ئىگىلىنىشىچە، ھەر يىلى 21- فېۋرالدىكى «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» نى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن خاتىرىلەش ئۇيغۇر ئېلى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلانماقتىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلىنىڭ 15-ئىيۇن كۈنىنى «خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن ئىدى.

بۇ يىللىق «خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى كۈنى» يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى قارمىقىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېرىتىپ يوقىتىش سىياسىتى - قوش تىل مائارىپى» ماۋزۇلۇق يېڭى دوكلات ئېلان قىلدى.

ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسىدىكى بىر كەنتتە 3 ئائىلىدىن 11 كىشى دىنىي مەزمۇندىكى لېنتا كۆرگەنلىكى ئۈچۈنلا كېسىلگەن

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك جەھەتتە «تارىختىكى ئەڭ ياخشى ۋەزىيەتتە» ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد سەۋەبلىك جازالىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

يېقىندا ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيە توخۇلا يېزىسىدا 3 ئائىلىدىن 11 كىشىنىڭ ئاتالمىش «قانۇنسىز ئۈن-سىن ماتېرىياللىرى» نى كۆرگەنلىكى ئۈچۈنلا 2 يىلدىن 17 يىلغا قەدەر قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى بۇنىڭ بىر دەلىلىدۇر.

كەنت سېكرېتارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جازالانغانلارنىڭ ھېچقايسىسى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەرقانداق شەكىلدىكى قارشىلىق ھەرىكىتىنى ئويلىغان ياكى پىلانلىغانلار ئەمەس ئىكەن. ئۇلار پەقەت ئۆزلىرى قىزىققان دىنىي ۋە ئىجتىمائىي تېمىدىكى ئۇچۇرلارنى تور ئارقىلىق كۆرگەنلەر ئىكەن.

قەشقەر كونا شەھەر ناھىيە ئاۋات يېزىسىدىكى 72 ياشلىق نۇرىمانخان ئانا سوراققا تارتىلغان

ئىگىلىشىمىزچە، نورۋېگىيە ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئۇستازلىرىدىن بىرى تۇرغۇنجان ئەمەتنىڭ قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى ئاۋات يېزا يالاڭ كەنتىدىكى 72 ياشلىق ئانىسى نۇرىمانخان ئانا 15-ئىيۇن كۈنى ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆز ئۆيىدە سوراق قىلىنغان.

دائىرىلەرنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئېغىر تەھدىتلىرىگە چىدىمىغان 72 ياشلىق نۇرىمانخان ئانا ئەڭ ئاخىرى بۇ بېسىملارنى ئۆز ئاۋازى بىلەن دۇنياغا ئاڭلىتىش نىيىتىگە كەلگەن. 24 يىلدىن بېرى ئانىسىنى كۆرەلمىگەن تۇرغۇنجان ئەمەتمۇ بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئانىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، تۇرغۇنجان ئەمەت ئۈرۈمچى ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ 92-يىللىق ئوقۇغۇچىسى بولۇپ ئۇ، 1996-يىلى سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۈچ يىل كېسىلگەن. تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، چەتئەلگە ھىجرەت قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا نورۋېگىيەگە يەرلەشكەن.