ھەپتىلىك خەۋەرلەر (27-ئاۋغۇستتىن 2-سېنتەبىرگىچە)

0:00 / 0:00

ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسىنىڭ ئاقسارايدىكى يىغىنىغا ئۇيغۇر ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان

30-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى سۇزان رايس ئاقسارايدا يىغىن چاقىرىپ، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى بويىچە پىكىر ئاڭلىغان.

مەزكۇر يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان 9 ۋەكىل ئىچىدە ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيتوف ئەپەندىمۇ بار ئىكەن.

بۇ، ئوباما تەختكە چىققاندىن بۇيانقى 8 يىل مابەينىدە ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ ئاقسارايدا پىكىر بايان قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سورۇنى ئىكەن. بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالىم سېيتوف ئەپەندى ئاقسارايدىكى مەزكۇر يىغىننىڭ تەپسىلاتىنى ۋاقتىنچە ئاخباراتقا ئاشكارا قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىرىنچى قول خىتاي ئەمەلدارىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشىغا ئىنكاس قايتۇردى

29-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي تاراتقۇلىرى خەۋەر بېرىپ، جاڭ چۈنشيەننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقى ۋە «ئايرىم ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىنىپ، جاڭ چۈنشيەننىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك سېكرېتارلىقىغا تەيىنلەنگەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن مەمەت توختى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا بىرىنچى قول ئەمەلدارىنى ئالماشتۇرۇشى ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ،» دېدى.

ئىلھام توختى بۇنىڭدىن 6 يىل ئىلگىرى جاڭ چۈنشيەننىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كونترول قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن

«5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ئۈمىدىدە ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئورنىغا جاڭ چۈنشيەننى تىكلىگەن ئىدى.

ھالبۇكى، كۆزەتكۈچىلەر جاڭ چۈنشيەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى بولغان 6 يىل مابەينىدە رايوندىكى مىللىي زىددىيەتنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ۋىجدان مەھبۇسى ئىلھام توختى 2010-يىلى 5-ئايدا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «ئەگەر ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تەڭسىز سىياسەت ئۆزگەرمىسە، جاڭ چۈنشەن دەۋرىدىمۇ ياخشىلىنىش بولمايدۇ،» دېگەن بېشارەتنى بەرگەن ئىدى.

خىتاينىڭ قىرغىزىستاندىكى ئەلچىخانىسى ئاپتوموبىللىق بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

30-ئاۋغۇست كۈنى خىتاينىڭ قىرغىزىستاندىكى ئەلچىخانىسى بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىل ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، سالاھىيىتى نامەلۇم بىر كىشى بومبا قاچىلانغان بىر ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ بىشكەكتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ دەرۋازىسىغا ئۈستۈرگەن. ئاپتوموبىلدىكى بومبا پارتلاپ ھۇجۇمچى نەق مەيداندا ئۆلگەن، دەرۋازىدا كۆزەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان ئىككى نەپەر قىرغىز ساقچىسى بىلەن بىر ئايال يارىلانغان.

ۋەقەدىن كېيىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇنى «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ ئەيىبلىگەن. ئىگىلىنىشىچە، قىرغىزىستاندا بۇ قېتىملىق ھۇجۇم گۇماندارىنىڭ ئۇيغۇر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان گەپ-سۆزلەر تارقالغان. ھالبۇكى، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى رادىيومىزدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇنىڭ ئاساسسىز پەرەز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇرلار خوتەندە قۇرۇلغان قاشتېشى سودا مەركىزىدىن چەتتە قالدۇرۇلماقتىكەن

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 28-ئاۋغۇست كۈنى 13-قېتىملىق خوتەن قاشتېشى مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى باشلانغان. شۇ كۈنى يەنە خىتايدىكى ئەڭ چوڭ قاشتېشى سودا سۇپىسى - خوتەن قاشتېشى سودا مەركىزى تىجارەت باشلىغان.

ھالبۇكى، خوتەن دىيارىدا ئەۋلادمۇئەۋلاد قاشتېشى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئاتا مىراس يەرلىك ئۇيغۇر تاشچىلار مەزكۇر سودا مەركىزىدىن چەتتە قالدۇرۇلماقتىكەن.

بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خوتەندىكى يەرلىك ئۇيغۇر تاشچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئەزەلدىن ھۆكۈمەت ئۇيۇشتۇرغان «قاش تېشى بايرىمى» ياكى «قاشتېشى سودا يەرمەنكىسى» دېگەندەك سورۇنلارغا قاتنىشىپ باقمىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن نەپ ئالىدىغانلارنىڭ ئاساسلىقى خىتاي سودىگەرلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭى سېكرېتارى چېن چۈەنگو «مۇقىملىق» نى بۇزغۇچىلارنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇشنى تەلەپ قىلغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو ۋەزىپىگە ئولتۇرا-ئولتۇرمايلا «مۇقىملىقنى بۇزغۇچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئۇلارنى بىخ ھالىتىدە ئۇجۇقتۇرۇش» نى تەلەپ قىلغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 30-ئاۋغۇست چاقىرىلغان «مۇقىملىق خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى» دا چېن چۈەنگو «مۇقىملىقنى ساقلاشتىن ئىبارەت كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇقنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش» ھەققىدە كۆرسەتمە بەرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان خىتاي سېكرېتارىنىڭ بۇ سۆزلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە قانداق بىر ۋەزىيەتتە ياشاۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ،» دېدى.