تونۇلغان دىنىي ئۆلىما ۋە جامائەت ئەربابى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم ئالەمدىن ئۆتتى
تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى» بىلەن «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى ۋە نازىرى، تونۇلغان دىنىي زات ۋە جامائەت ئەربابى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم 12-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەردە تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتتى.
مەرھۇمنىڭ مېيىت نامىزى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى زەيتىنبۇرنۇدىكى ئەمىن ئىنانچ مەسچىتىدە چۈشۈرۈلۈپ، دەپنە قىلىندى.
ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتى تۈركىيە ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى مۇسىبەتكە چۆمدۈردى. ئۇنىڭ سەپداشلىرى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەرھۇمنىڭ ھاياتىغا يۇقىرى باھا بەردى ۋە ئۇنىڭ روھىغا ئاللاھدىن مەغپىرەت تىلىدى.
ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ ساقچىخانا ۋە تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىدا دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا
يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتايدىكى ساقچىخانا ۋە تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىدا خورلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ مىللىي، دىنىي ۋە ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
بۇ ھەقتە رادىيومىزغا ئىنكاس بىلدۈرگەن بىر قىسىم خانىم-قىزلار ئۆزلىرىنىڭ ساقچىخانا، ئايرودروم ۋە باشقا جايلاردا دۇچ كەلگەن ئېغىر قىسمەتلىرىنى ئاڭلاتتى. ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم ساقچىخانىلارمۇ بۇنداق ئەھۋاللارنى ئىنكار قىلمىدى.
كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن رۇقىيە تۇردۇش خانىم ئۆز ۋەتىنىدە ئېغىر خورلۇققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ پسىخىكىلىق ياردەمگە موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسچىت چېقىش ھەرىكىتىگە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى
دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا «مەسچىتلەرنى ئەلالاشتۇرۇش» ۋىۋىسكىسى بىلەن كەڭ كۆلەمدە مەسچىتلەرنى چېقىۋاتقانلىقى خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىماقتا.
يەرلىك ساقچىخانىلار بىلەن مەسئۇل خادىملار ئۆز تەۋەلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەسچىت چېقىش ھەرىكىتى داۋامىدا يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن مەسچىت جامائىتىدىن قاتتىق بىر نارازىلىق ياكى قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى بايان قىلدى.
سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، دائىرىلەرنىڭ مەسچىت چېقىش قىلمىشىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلغان «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىدىن كېيىنكى يەنە بىر تازىلاش پىلانى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر تۈرمە ساقچىلىرىنى داۋاملىق كۆپەيتمەكتىكەن
بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۈرمىلەرنى كېڭەيتىپ قۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان ئىدى. يېقىندا خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئۇچۇر بېرىپ، رايوندا تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ كۆپەيتىلىشكە باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان 64 نەپەر تۈرمە ساقچىسى يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى قوراللىق ساقچى قىسىم مەشىق بازىسىدا رەسمىي مەشىق باشلىغان. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىردەك «قوش تىللىق» بولۇشى شەرت قىلىنغان ئىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ئەھۋال بۇ يىل يازدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا كېڭەيتىپ قۇرۇلۇۋاتقان تۈرمىلەرنىڭ ئادەم كۈچىگە بولغان زور ئېھتىياجىنى ئاشكارىلاپ بەردى، دەپ ھېسابلىماقتا.
كەلپىننىڭ كۆل كەنتىدىكى دىنىي باستۇرۇشتا بىر ئائىلىدىن 3 كىشى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان
خىتاي ھۆكۈمىتى 2012-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا قوزغىغان «ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش» ھەرىكىتى داۋامىدا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ «دىنىي ئاشقۇنلۇق» بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغانلىقى، قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ياكى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكى مەلۇم.
ئاقسۇنىڭ كەلپىن ناھىيەسى ئاچال يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ياقۇپ بارات ئائىلىسى «دىنىي ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش» ھەرىكىتىدە ئائىلە ئەزالىرى بويىچە قولغا ئېلىنىپ، قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئائىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەن.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يەرلىك ئاھالىلەر ياقۇپ بارات ۋە ئايالى گۈلنىسا ھەمدە ئوغلى ئابدۇللا ياقۇپنىڭ ئۇزۇن يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
مۇتەخەسسىسلەر سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسى ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇمغا ئېرىشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا بېرىپ-كېلىشى ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مۇتەخەسسىسلەر، دونالد ترامپ ئاقسارايغا كىرگەندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىدە مەلۇم ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ، دەپ مۆلچەرلىمەكتىكەن
يېقىندا ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئاممىۋى تور بەتلىرى بەس-مۇنازىرە قوزغاپ، سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسى ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ يېشىل كارتىغا ئېرىشكەن كىشىلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىگە بېرىپ-كەلسە يېشىل كارتىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى، ھەتتا كەلگۈسىدىكى ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسىغىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسى ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇم ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا بېرىپ-كېلىشى خەلقئارادىكى ئۇيغۇر دەۋاسىغا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، دېدى.