ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 19 - مايدىن 25 - مايغىچە)
2007.05.25
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينى كىشىلىك مەسىلىسى بويىچە ئەيىبلىدى
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 23 - ماي كۈنى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدىكى 2007 - يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، باسقۇنچى ھۆكۈمەتلەر ۋە قوراللىق گۇرۇھلارنى قەستەن تېررورلۇق ۋەزىيىتى يارىتىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى يىمىرىپ تاشلىماقچى بولدى، دەپ ئەيىپلىدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىدا خىتاي ئالاھىدە ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتايدىكى ئادۋوكاتلار ۋە مۇخبىرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋە ئىغۋاگەرچىلىككە ئۇچراش ئەھۋاللىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقى، دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، ھەتتا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنغان.
دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىمۇ كۆرسىتىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاملىق تۈردە قاتتىق باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنغان.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ئابلىكىم ئابدۇرېيىمگە بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى ئارتىپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى، ئۇنىڭ جىددىي داۋالىنىشى كېرەكلىكى، كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە تېخىچە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كانادا دىپلوماتلىرى بىلەن ئۇچراشمىغانلىقى قاتارلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنغان.
بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇرلاردىن باشقا تىبەتلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىمۇ بايان قىلىنغان.
شىۋېتسىيىدە ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلەر مەدەنىيەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى
19 - ماي كۈنى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ياۋروپادا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرىنىڭ "ئۈمىد يۇلتۇزى" دەپ ئاتالغان مەدەنىيەت كېچىلىكىنى ئۆتكۈزدى.
مەزكۇر پائالىيەتكە شىۋېتسىيە، بېلگىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرى ئىشتىراك قىلغان. پائالىيەت جەريانىدا، مەرھۇم كومپوزىتور كۈرەش كۈسەننىڭ ئىجادىيەتلىرى ئورۇندالغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ياش ئۆسمۈرلەر ئۆزلىرىنىڭ تەييارلىغان ئەدەبىيات -سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتكەن.
ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ فرانكفورت شۆبىسى قۇرۇلدى
19 - ماي كۈنى گېرمانىيىنىڭ فرانكفورت شەھىرىدە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ فرانكفورت شۆبىسى رەسمىي قۇرۇلدى.
مەزكۇر تەشكىلات دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىش ئېلىپ بارىدۇ، گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ ئۇچۇرى بېرىشىچە، بۇ شۆبە تەشكىلاتقا فرانكفورتتا تۇرۇشلۇق يازغۇچى كۈرەش ئاتاخان مەسئۇل بولغان.
قىزلار تيەنجىنگە مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلگەن
قەشقەر ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت تور بېتى ئۆتكەن بىر يىلدا يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش پىلانى بويىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئېلىپ كېتىلگەنلەرنىڭ 560 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان بۇ سان داۋاملىق ئۆرلىمەكتە ئىكەن. ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، قەشقەرنىڭ پەيزىۋات، يەركەنت قاتارلىق ناھىيىلىرىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلەرنىڭ سانى نىسبەتەن كۆپرەك ئىكەن.
ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى ناھىيىلىرىدىن ئىشلەمچىلىككە ئېلىپ كېتىلگەنلەرنىڭ كۆپ ساندىكىسى 16 ياشتىن 20 ياشلار ئەتراپىغىچە، توي قىلمىغان قىزلار بولۇپ، ئاساسەن تيەنجىن ھەمدە چىڭداۋ قاتارلىق شەھەرلەردىكى زاۋۇتلارغا ئېلىپ كېلىنگەن.
بۇ قىزلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگەن بىر ئۇيغۇر سودىگەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، قىزلار مەجبۇرى ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، ئۇلار ئىشلەۋاتقان ئورۇنلار قىزلارنىڭ سىرت بىلەن ئالاقە قىلىشىنى قاتتىق قامال قىلغان ۋە قىزلارغا تۆۋەن ئىش ھەققى بەرگەن.يېمەك-ئىچمەك ۋە باشقا ناچار شارائىت تۈپەيلىدىن قىزلاردا ئاغرىپ قېلىش ۋە قېچىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن.
فرانسىيە ئېنگىس شىركىتى ئۇيغۇر ئېلىدە شىركەت قۇردى
دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ غەيرىي رەڭلىك مېتال كانچىلىق شىركەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلانغان فرانسىيە ئېنگىس شىركىتى، 23 - ماي كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدە، ئېنگىس شىنلوڭ ۋېرمىكۇلىت شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى ۋە ئېڭىس يىلۇڭ ئاندالۇزىت شىنجاڭ چەكلىك شىركىتىنى قۇردى.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايىنغۇلىن تەۋەسى مەزكۇر ئوتقا چىداملىق، قۇرۇلۇشتا ئىشلىتىدىغان ۋېرمىكۇلت بىلەن ئاندالۇزىتنىڭ زاپىسى ئەڭ كۆپ رايون بولۇپ، خىتاي بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.
فرانسىيە شىركەتلىرى مەزكۇر رايوننى كەلگۈسى ئۈچ يىل ئىچىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ۋېرمىكۇلت ۋە ئاندالۇزىت تەييارلايدىغان نۇقتا قىلىپ قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىنىڭ يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلمەيۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلماقتا.
ئۇيغۇر تىلشۇناسىتۇغلۇقجان تالىپوفنىڭ 80 ياشقا كىرگەنلىكىخاتىرىلەندى
قازاقىستاندا ياشايدىغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر تىلشۇناس، تۈركولوگ تۇغلۇقجان تالىپوف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى ھەمدە ئىلمىي تەتقىقات ھاياتىنىڭ 55 يىللىقى ئۆتكەن ھەپتىدە ئالماتا شەھىرىدە داغدۇغۇلۇق خاتىرىلەندى.
فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتورى، پروفېسسور تۇغلۇقجان تالىپوف ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن تۇنجى قېتىم يېتىشىپ چىققان ھەمدە ئۆمۈر بويى ئۇيغۇر تىلى ۋە باشقا تۈركىي تىللارنىڭ فونېتىكىسىنى تەتقىق قىلىپ، تۈركولوگىيە ئىلمىي ساھەسىدە زور شۆھرەت قازانغان ئالىمدۇر.
ئۇ ئۇزۇن يىللار قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تىلشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى، ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى ۋە كېيىنكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا خىزمەت قىلغان، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا دەرس بەرگەن. شۇنىڭدەك كۆپلىگەن ياش ئالىملارنى تەربىيىلىگەن ھەمدە ئون نەچە پارچە كىتاب ۋە يۈزلىگەن ئىلمىي ماقالە يېزىپ ئېلان قىلغان. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (14- مايدىن 18 - مايغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (5 - مايدىن 11 - مايغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 30 - ئاپرىلدىن 4 - مايغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (23-ئاپرىلدىن 27-ئاپرىلغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (16 - ئاپرىلدىن 20 - ئاپرىلغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (8-13- ئاپرىل)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (31 – مارت – 6 – ئاپرىل)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (24 – 30 – مارت)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (17-23-مارت)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (10-16-مارت)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (3 – 9 – مارت)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (24-فېۋرال-2-مارت)