ھەپتىلىك خەۋەرلەر (2 - سېنتەبىردىن 7 - سېنتەبىرگىچە)
2007.09.07
د ئۇ ق بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى تەنقىد قىلدى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ، كومپارتىيىنىڭ 17 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدىكى چاقىرىقىغا نىسبەتەن نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ھەر دائىم قۇرۇلتاي مەزگىلىدە بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش ھەققىدە چاقىرىق چىقىرىشى، ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالارغا بولغان ئەندىشىسىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكى، خەلقنىڭ نارازىلىقىدىن قورققان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ، دېموكراتىك ئەللەردە ئەقەللىي ھوقۇق ھېسابلانغان كىشىلەرنىڭ " نامايىش قىلىش " ھوقۇقىنىمۇ دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
دىلشات رېشىت سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ئەڭ قاتتىق دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ خىل تەڭسىز سىياسەتتىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تولۇق خەۋەردار ئىكەنلىكى، شۇڭا خىتاينىڭ " ئولىمپىك" مۇراسىمىغا ساھىبخانلىق قىلىشقىمۇ لايىق ئەمەسلىكىنىڭ دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە تىلغا ئېلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يەنە رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلارغا مۇراجەتنامە ئېلان قىلىپ، رامازاننى ياخشى ئۆتكۈزۈش بىلەن ئۆز- ئارا ئىتتىپاقلىق، ئۆزارا ياردەم بېرىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇيغۇر سەنئەتچىلىرى سكاندانوۋىيىدىكى " خىتاي مەدەنىيەت ھەپتىلىكى" پائالىيىتىگە قاتناشتى
خىتاي ھۆكۈمىتى شۋېتسىيە ، نورۋېگىيە ،گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆتكۈزىلىدىغان خىتاي مەدەنىيەت فېستىۋالىغا مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئارتىسلىرىنىمۇ قاتناشتۇردى.
بۇرۇنقى پائالىيەتلىرىدە ئۇيغۇر ئارتىسلىرىنى ئارىلاشتۇرمىغان خىتاي دىپلوماتىيە ساھەسىنىڭ بۇ قېتىم بىردىنلا ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئارتىسلىرىدىن دىلنار ئابدۇللا، ئامانگۈل سىدىق قاتارلىق 33 كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىر ئۆمەكنى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرى ئەۋجى ئالغان يۇقىرىدىكى دۆلەتلەرگە ئەۋەتىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
4 - سېنتەبىر كۈنى بۇ ئارتىسلار شۋېتسىيىگە يېتىپ كېلىپ پائالىيىتىنى رەسمىي باشلىغان. شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇلارنى قارشى ئالغان.
جورج بۇش بىلەن خۇ جىنتاۋ ئۇچراشتى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ، 6- سېنتەبىر كۈنى ئاۋسترالىيىنىڭ سىدنېي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ، ئالىي دەرىجىلىك يىغىنىدا ئايرىم ئۇچرىشىپ، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى بىر قاتار قىيىن مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى. ئىنكاسلارغا قارىغاندا، سۆھبەتنىڭ ئاساسلىق تېمىسى، خىتاي-ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە مەسىلىسى، دارفۇر مەسىلىسى ھەم دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ، تەيۋەن مەسىلىسى قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارغا قارىتىلغان.
سۆھبەت جەريانىدا خىتاينىڭ ئامېرىكىغا كىرگۈزىۋاتقان ماللىرىنىڭ سۈپىتى مەسىلىسى ھەمدە خەلق پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتى قاتارلىقلارمۇ تىلغا ئېلىنغان ئىكەن.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، خۇ جىنتاۋ پرېزىدېنت بۇشنى ئائىلىسى بىلەن بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا تەكلىپ قىلغان.
ئامېرىكا دالاي لاماغا ئەڭ ئالىي " شەرەپ " مېدالى بەرمەكچى
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى يېقىندا بىر قارار لايىھىسى ماقۇللاپ، ئۆكتەبىر ئېيىدا دۆلەت مەجلىسىنىڭ مەركىزىي يىغىن زالىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، تىبەتنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لامانى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئالىي " شەرەپ " مېدالى بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، تىبەتنى ھىمايە قىلىش خەلقئارا تەشكىلاتىمۇ 17 - ئۆكتەبىر كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسى ئالدىدىكى مەيداندا مۇراسىم ئۆتكۈزىدىكەن.
ھۈسەيىن جېلىل تۇنجى قېتىم ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتى
ئۆتكەن يەكشەنبە يەنى 2- سېنتەبىر كۈنى كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل تۇنجى قېتىم ئانىسى ۋە سىڭلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلگەن . كانادا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد توختىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ھۈسەيىن جېلىل بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق كۆرۈشتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھۈسەيىن جېلىل كانادا پۇقراسى بولۇپ، ئۆزبېكىستانغا بارغاندا ئۆزبېك دائىرىلىرى ئۇنى خىتايغا تۇتۇپ بەرگەن ئىدى. ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى كانادا -خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشلىق مەسىلىگە ئايلانغان ئىدى.
ۋاڭ لېچۈئەن ليەنجەن بىلەن ھەمكارلاشماقچى
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۈرۈمچىدە، تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ پەخرى رەئىسى ليەنجەننى قىزغىن قارشى ئالغان ۋە ھەر خىل ساھەلەر بويىچە ھەمكارلىشىش ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
ۋاڭ لېچۈئەن سۆزىدە نېفىت، تەبىئىي گاز، سۇ ئىنشائاتى، ئېلېكتىر قۇۋۋىتى، قاتناش، ئۇچۇر -ئالاقە قاتارلىق ساھەلەردە تەيۋەندىكى گومىنداڭنىڭ ھەرخىل شەكىل بىلەن شىنجاڭنى ئېچىشقا قاتنىشىشىنى، بۇ ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشنا ئەللەرگە يۈزلىنىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ۋە بۇنداق ئىككى پارتىيە ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسى تەيۋەن مۇستەقىللىقىغە قارشى پارتىيە بولۇپ، ئۇ چېن شۈيبيەننىڭ مۇستەقىللىق پىكرىگە قارشى تۇرماقتا. گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ مۇستەقىللىق پىكىرلىرى ئەزەلدىنلا مەۋجۇت بولغان ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (25 - ئاۋغۇستتىن 31- ئاۋغۇستقىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 21- ئىيۇلدىن 27- ئىيۇلغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (15 - ئىيۇلدىن 20 - ئىيۇلغىچە)
- پاكىستاندا جۈمە كۈنى يەنە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (8 - ئىيۇلدىن 12 - ئىيۇلغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 30 - ئىيۇندىن - 6 - ئىيۇلغىچە )
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (23 - ئىيۇندىن 29 - ئىيۇنغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 9 - ئىيۇندىن 15 - ئىيۇنغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (1 - ئىيۇندىن 8 - ئىيۇنغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 19 - مايدىن 25 - مايغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (14- مايدىن 18 - مايغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (5 - مايدىن 11 - مايغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 30 - ئاپرىلدىن 4 - مايغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (23-ئاپرىلدىن 27-ئاپرىلغىچە)