ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 1- ئۆكتەبىردىن 6 - ئۆكتەبىرگىچە)


2007.10.05

خىتاينىڭ 1-ئۆكتەبىر بايرىمى نامايىشلارغا دۇچ كەلدى

10-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 58 يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر. بۇ كۈن خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى بولۇپ، بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 1-ئۆكتەبىرنى ئۇيغۇرلارنىڭ "ماتەم كۈنى" دەپ بېكىتكەن بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، تۈركىيە، نورۋېگىيە، شۋېتسىيە ۋە باشقا مەملىكەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ھەم كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشلىرى ئېلىپ بېرىلدى.

ئەنگىلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا ئەنگلىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ قاتنىشىپ نۇتۇق سۆزلىدى.

بۇ قېتىمقى نامايىشلار رامىزان مەزگىلىگە توغرا كەلدى. 1-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق نامايىشتا سۆز قىلغان ئالىم سېيىت، ئىلشات ۋە ئابدۇشۈكۈر ھەم رۇقىيە قاتارلىق نامايىشچىلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار، فالۇنگوڭچىلار، تىبەتلەر ھەمدە خىتاي ئۆكتىچىلىرىگىمۇ زۇلۇم سالغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ، بۇنداق ھۆكۈمەتنىڭ ئىنسانىيەتنى تىنچلىق ۋە دوستلۇققا ئۈندەيدىغان، كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىگە لايىق ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رابىيە قادىر خانىم ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى ۋە بىر قىسىم پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئەنگىلىيىنى زىيارەت قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. 1-ئۆكتەبىر يەنى دۈشەنبە كۈنى لوندوندا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە ئەنگىلىيە تىبەت دوستلىرى بىرلەشمىسىنىڭ مەركەزلىرىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان يىغىنلارغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتىنى تونۇشتۇردى.

10 - ئاينىڭ 3 ‏- كۈنى، رابىيە خانىم يەنە ئەنگىلىيە پارلامېنتى ئۇيۇشتۇرغان يىغىندا، ئەنگىلىيىنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى پالاتا ئەزالىرى ۋە ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى. رابىيە خانىم ئۇلاردىن ياۋرۇپا پارلامېنتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە خۇددى ئامېرىكىغا ئوخشاش كۆڭۈل بۆلۈشىنى ۋە ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو -تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىنمۇ ئۇيغۇر تىلىدا ئاڭلىتىش بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ۋەكىللىرى پولشادا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

9‏-ئاينىڭ 24‏- كۈنى پولشانىڭ پايتەختى ۋارشاۋا شەھىرىدە ئېچىلىپ، 5 ‏- ئۆكتەبىر كۈنىگە قەدەر داۋاملىشىدىغان، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقان ئامېرىكا ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى، يىغىندا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئامېرىكا ۋەكىللىرى ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈپەيلىدىن ئۆزلىرى قول قويغان خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە خىلاپ ھالدا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىش بىلەن بۇ ئىشنى توختىتىشقا چاقىردى.

ھەقىقەتەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان بىر قانچە ئونلىغان ئۇيغۇرنى ئاشكارا ۋە مەخپىي يوسۇندا خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، بۇ خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان ئىدى. ئۆزبېكىستان خىتايغا تۇتۇپ بەرگەن كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر.

بىڭتۈئەندىكى خىتاي دېھقانلىرى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

مەركىزى خوڭكوڭدىكى جۇڭگو دېموكراتىيە - كىشىلىك ھوقۇقى ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بىڭتۇەن دەپ ئاتىلىۋاتقان ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ كۈيتۈن شەھىرىدىكى 127 ‏- پولكىغا تەۋە سۇشىڭتەن دەيدىغان كۆچمەنلەر يېزىسىدا بىڭتۇەن دېھقانلىرى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ ۋەقە بىڭتۇەننىڭ پاختىكارلارغا كۆتۈرىگە بېرىلگەن كېۋەزلىكلەرنىڭ پاختىسىنى ئۇلار ئۆز ئالدىغا ساتماقچى بولغان ئالتە سومدىن يۇقىرى باھادىن كۆپ تۆۋەنلىتىپ سېتىۋالماقچى بولۇشى بىلەن كېلىپ چىققان بولۇپ، ساقچىلار دېھقانلارنىڭ پاختىلارنى سىرتقا توشۇشىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن بارلىق يوللارنى قامال قىلىپ، ئۇلارنى ئەرزان سېتىشقا مەجبۇرلىغان.

نەتىجىدە، 23- سېنتەبىر كۈنى دېھقانلار ساقچىخانىغا كېلىپ، نارازىلىق بىلدۈرگەندە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇش كېلىپ چىققان. خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، 40 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان، 25 دېھقان تۇتۇلغان بولسىمۇ، كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش قارار لايىھىسى ماقۇللىدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى سەيشەنبە كۈنى قارار لايىھىسى ماقۇللاپ، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە داۋاملىق قورال - ياراق سېتىپ بېرىشىنى ۋە تەيۋەننىڭ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشىغا ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئاۋام پالاتاسىنىڭ قارارى ماقۇللانغان مەزگىلى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى ب د ت ئومۇمى يىغىنىدا ۋە باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ خىتاي دۆلەت بايرىمىدا تەيۋەننى ئاگاھلاندۇرغان مەزگىلگە توغرا كەلدى.

خەلقئارا جەمئىيەت جۈملىدىن ئامېرىكا خىتاي ھۆكۈمىتىنى بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىگە تىنچ نامايىشچىلارنى باستۇرماسلىق ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان بولسىمۇ، بىراق بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان بېيجىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەلەپلىرىنى بىجا كەلتۈرمىگەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.