ھەپتىلىك خەۋەرلەر (17 - نويابىردىن 23 - نويابىرغىچە)
2007.11.23
رابىيە قادىر خانىم يېڭى ماقالە ئېلان قىلدى ھەم ياپونىيە زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ ياپونىيىگە قاراتقان ئۇچ ھەپتىلىك زىيارىتىنى مول مەزمۇنلار بىلەن داۋاملاشتۇرماقتا ھەمدە ئۇ 22-نويابىر كۈنى ياپونىيىنىڭ ئوساكادىكى ئاياللار پائالىيەت مەركىزىدە ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ئاياللار ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئەرباپلارغا نۇتۇق سۆزلىدى شۇنىڭدەك نارا شەھىرىدىكى يىپەك يولى مۇزېيىنى زىيارەت قىلغان.
رابىيە قادىر ئۆزىنىڭ ياپونىيىدە زىيارەت قىلىۋاتقان ۋاقىتلىرىدا بېيجىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بەرگەن ئاپتونومىيە ۋەدىلىرىگە شۇنىڭدەك ئولىمپىك يىغىنىنى ئېچىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن ۋەدىلىرىگە ۋاپا قىلمىغانلىقىنى شەرھىلەيدىغان " ئۇيغۇرلارنىڭ پەريادى" ناملىق ماقالىسىنى يازغان بولۇپ، 22-نويابىر كۈنى بۇ ماقالە ئامېرىكىنىڭ "Wall Street Journal" گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىندى.
رابىيە خانىم بۇ ماقالىسىدە يېقىندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قەشقەردە بەش نەپەر ئۇيغۇرغا ئۆلۈم ھۆكۈم قىلغانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئۇيغۇرلارنى قاتتىق جازالاۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
ئالبانىيىدە ياشاۋاتقان ئادىل شۋېتسىيىگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىدى
گۇئانتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بەش ئۇيغۇرنىڭ بىرى بولغان ئادىل ئابدۇلھەكىم 18 - نويابىر كۈنى كەچتە شۋېتسىيىگە يىتىپ كەلدى ھەمدە شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ھەدىسى كەۋسەر خانىم ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن جەم بولدى.
ئادىل ئابدۇل ھەكىم ئۇنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئايرودرومغا ئۇنىڭ شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئاچىسى كەۋسەر خانىم ئائىلىسى، شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى، گۇئانتانامو تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىن بىر ئادۋوكاتى بولغان سابىن ۋېلىت ھەمدە شۋېتسىيە تېلېۋىزىيىسىنىڭ مۇخبىرلىرى چىققان. ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئادىل ئابدۇل ھېكىمگە شۋېتسىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ شۋېتسىيە خېلسىنكى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تۆت كۈنلۈك ۋىزا بەرگەن.
ئادىل ئابدۇل ھېكىمنىڭ تۇنجى قېتىم ئالبانىيىدىن سىرتقا چىقىپ، خەلقئارالىق يىغىنغا قاتنىشى مەتبۇئاتلار ۋە ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان. نۆۋەتتە، ئادىل ئابدۇل ھاكىمنىڭ شۋېتسىيىدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان.
رۇسىيىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدىكى يېڭى كىتاب چىقتى
يېقىندا قازاقىستانلىق رۇس ژۇرنالىست ۋادىم ئوبۇخوۋنىڭ " ئالتە ئىمپېرىيىنىڭ شىنجاڭ ئۈچۈن ئېلىشىشى " ناملىق كىتابى موسكۋادا نەشىر قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئەسەردە 1944-1949-يىللىرىدا سوۋىت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى توقۇنۇشلىرى، ستالىننىڭ قانداق قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇربان قىلغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ئارخىپلار ئاساسىدا يورۇتۇلغان
سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، بىر قىسىم رۇس تارىخچىلىرى ۋە ژورنالىستلىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئېچىۋېتىلگەن ئارخىپلىرى ئارىسىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 20 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى ئازادلىق ئىنقىلابلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى جۈملىدىن سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ 30 - ۋە 40 - يىللاردا مەيدانغا كەلگەن ئىككى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى ئىلگىرى مۇتلەق مەخپىي دەپ ھۆكۈم قىلىنغان ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى بىر-بىرلەپ قېزىپ چىقىپ، ئۇلارنى ئۆز ماقالىلىرى ۋە مەخسۇس كىتابلىرى ئارقىلىق يورۇتۇشقا باشلىدى.
ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر بولماقچى
شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ 20 - نويابىر كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلى بىلەن قازاقىستاننىڭ چېگرىسى بولغان ئالاتاۋ ئېغىزىنى ناھىيە دەرىجىلىك چېگرا شەھرى قىلىشقا تەرەددۇت قىلماقتا. ئالاتاۋ چېگرا باشقۇرۇش كومىتېتى، يۇقىرى دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرگە ئالاتاۋنى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر قىلىپ قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان.
نۆۋەتتە، ئالاتاۋ ئېغىزى ئارقىلىق نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبىلىرى ۋە تومۇر يول ئۆتىدۇ. بۇ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ياۋرو ئاسىيادىن كىرگۈزىدىغان ئېنېرگىيىسىنىڭ ئەڭ چوڭ تۆگىنى شۇنىڭدەك قاتناش تۈگىنىدۇر.
پىلان بويىچە ئالاتاۋ شەھەر دائىرىسى 27.65 كۋادرات كىلومېتىر ئەتراپىدا قۇرۇلماقچى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالاتاۋنىڭ بارغانچە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىمپورت - ئېكىسپورت سۈرىتىگە ماس ھالدا، چېگرا ئەتراپىدا 300 دەك شىركەت ھەم ئورۇنلار قۇرۇلغان. نوپۇسى 30 مىڭغا يەتكەن.
باكۇدا تۈرك دۇنياسى قۇرۇلتىيى چاقىرىلدى
17-19- نويابىر كۈنلىرى ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇ شەھىرىدە تۈركىي دۆلەتلىرى ۋە جەمئىيەتلىرىنىڭ 11-قېتىملىق دوستلۇق، قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق قۇرۇلتىيى چاقىرىلدى. مەزكۇر قۇرۇلتايغا ئەزەربەيجان پرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ساھىبخانلىق قىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا يەنە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان ۋە سابىق تۈركىيە پرېزىدېنتى سۇلايمان دېمىرەل قاتارلىق ھەر قايسى تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلىپ سۆز قىلغان.
قۇرۇلتايغا 30 دۆلەتتىن كەلگەن 1500 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان. قۇرۇلتايغا ئۇيغۇر ۋەكىللىرىمۇ قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تونۇشتۇرغان.
تايىپ ئەردوغان ۋە سابىق تۈركىيە پرېزىدېنتى سۇلايمان دېمىرەل تۈركىي خەلقلىرىنى بىرلەشتۈرۈش مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ قېتىم تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ سېكىرتارىياتىنى تەسىس قىلىش قارار قىلىندى. نۆۋەتتە، تۈركىي خەلقلەر بىرلىشىشنىڭ يېڭى يوللىرىنى ئىزدىمەكتە، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بىرلىشىشىگە تارىختىن بۇيان خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئىككى نەپەر ئۆزبېك دىنىي مەھبۇس قېيىن - قىستاق ئاستىدا ئۆلتۈرۈلگەن
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، يېقىندا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پائالىيىتى چەكلەنگەن ئىسلامىي گۇرۇپپىلارنىڭ بىرى بولغان خىزبىل - تەقرىر تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنغان 2 ئۆزبېك ياش ئۆلتۈرۈلگەن.
نۆۋەتتە، پەرغانە ۋادىسىدا خىزبۇل -تەقرىر تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك ئۇچۇرلار مەۋجۇت بولسىمۇ، بىراق دىكتاتورلۇق بىلەن تەنقىد قىلىنىۋاتقان ھەم بۇ قېتىم يەنە ئۆز پرېزىدېنتلىق نامزىتىنى كۆرسەتكەن ئىسلام كەرىموف ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆكتىچىلەرگە تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن زەربە بېرىۋاتقانلىقى ئەيىبلەنمەكتە. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (10 - نويابىردىن 16 - نويابىرغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (3 - نويابىردىن 9 - نويابىرگىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (20 - ئۆكتەبىردىن 26 - ئۆكتەبىرگىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (13- ئۆكتەبىردىن 19 - ئۆكتەبىرگىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (6- ئۆكتەبىردىن 12- ئۆكتەبىرگىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 1- ئۆكتەبىردىن 6 - ئۆكتەبىرگىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 22 - سېنتەبىردىن 28 - سېنتەبىرگىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (15 - سېنتەبىردىن 21 - سېنتەبىرگىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (2 - سېنتەبىردىن 7 - سېنتەبىرگىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (25 - ئاۋغۇستتىن 31- ئاۋغۇستقىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 21- ئىيۇلدىن 27- ئىيۇلغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (15 - ئىيۇلدىن 20 - ئىيۇلغىچە)
- پاكىستاندا جۈمە كۈنى يەنە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (8 - ئىيۇلدىن 12 - ئىيۇلغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 30 - ئىيۇندىن - 6 - ئىيۇلغىچە )