ئافغانىستان ۋاخان كارىدورى تاشيولىنى پۈتتۈردى، ئەمما خىتاي چېگرانى ئاچمىدى

ئافغانىستان تالىبان ھۆكۈمىتى 4-ئۆكتەبىر ئافغانىستان بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى تۇتاشتۇرىدىغان ۋاخان كارىدورى تاشيولىنىڭ رەسمىي پۈتۈپ قاتناش باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، بىراق خىتاي تەرەپ چېگرا ئېغىزىنى ئاچمىغاچقا، بۇ يول ھازىرچە چېگرا ھالقىغان قاتناش رولىنى تېخى ئوينىيالمىدى.

ئافغانىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 121 كىلومېتىر بولۇپ، ئافغانىستاننىڭ بەدەخشان ئۆلكىسى ۋاخان رايونىدىن باشلىنىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ غەربىدىكى خىتاي چېگراسىغىچە سوزۇلىدىكەن. تالىبان ھۆكۈمىتى بۇ يول ئارقىلىق خىتاي بىلەن بولغان سودىنى راۋاجلاندۇرۇپ، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە تۇتىشىدىغان ئەنئەنىۋى سودا يوللىرىغا بولغان تايىنىشنى ئازايتىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

ۋاخان كارىدورى ئافغانىستان بىلەن خىتاي بىۋاسىتە چېگرىلىنىدىغان بىردىنبىر رايون بولۇپ، ئۇنىڭ شەرقىي ئۇچى ۋاخجىر ئېغىزى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تاشقورغان ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ.

ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيەسىنىڭ 8-ئۆكتەبىر خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ چېگرا يولىنى ئېچىشنى ئارقىغا سوزۇشى ئاساسلىقى بىخەتەرلىك ئەندىشىسىدىن بولۇپ، ئۇلار ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ۋاخان كارىدورى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نىڭ خىتاي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ، تالىباندىن بۇ تەشكىلاتقا قارشى تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى. 2025-يىلى ئاۋغۇستتا، خىىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئافغانىستاننى زىيارەت قىلغاندا، تالىباندىن بۇ تەشكىلاتقا زەربە بېرىشنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلغانىدى.

ھالبۇكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2020-يىلى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نى تېررورلۇققا چېتىشلىق ئالاھىدە تىزىملىكتىن چىقىرىۋەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى سۈپىتىدە ئون نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ تەشكىلاتنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئىشەنچلىك پاكىتنىڭ يوقلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى. بىراق بۇ تەشكىلاتنىڭ نامى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار جازا تىزىملىكىدە يەنىلا ساقلىنىپ تۇرماقتا.

رۇيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 2024-يىلى 2-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تالىبان ھۆكۈمىتى خىتاي تەرەپ بىلەن ۋاخان كارىدورىدا يول ياساش ئارقىلىق، ئافانىستاننىڭ خىتاي ۋە ئىران بىلەن بولغان قاتناش ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ھەققىدە مەسلىھەتلەشكەن، ئەمما ئەمدىلىكتە بۇ تاشيول پۈتكەن بولسىمۇ، خىتاي چېگرانى ئاچمىغان.