ناخشىچى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ يېڭى ناخشىسى بىلەن تاراتقۇلاردا قايتا ئوتتۇرىغا چىقتى

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ (AJ) يېڭى مۇزىكىلىق ۋىدىيوسى، قايتا پىششىقلانغان ناخشا ئالبومى ۋە تونۇش-بىلىشلىرى ئورتاقلاشقان ئۇچۇرلار ئارقىلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا سەككىز يىلدىن كېيىن قايتا ئوتتۇرىغا چىقتى.

2018-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي 11 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان داڭلىق ئۇيغۇر مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ (AJ) يېڭى مۇزىكىلىق ۋىدىيوسى، قايتا پىششىقلانغان ناخشا ئالبومى ۋە تونۇش-بىلىشلىرى ئورتاقلاشقان ئۇچۇرلار ئارقىلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا سەككىز يىلدىن كېيىن قايتا ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئالدىنقى ھەپتە، «ئابلاجان AblajanAwutAyup» ناملىق ئۈندىدار ھېسابىدا ئابلاجاننىڭ تەخمىنەن ئۈچ مىنۇت ئۇزۇنلۇقتىكى يېڭى خىتايچە ناخشىسى «مۇكەممەل» (完美) نىڭ ۋىدىيلۇق نۇسخىسى ئېلان قىلىنغان. ئارقىدىنلا، بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن كۆپ قېتىم ھەمكارلاشقان ناخشىچى گۈلمىرە تۇرغۇن ئۈندىدار ھېسابىدا ئابلاجان بىلەن بىللە چۈشكەن سۈرىتىنى چىقىرىش بىلەن بىرگە: «يېرىم يىل بۇرۇن چۈشكەن رەسىمنى ئەمدى يوللايدىغان ۋاقىت كەپتۇ، يېڭى ناخشىلارغا مۇبارەك بولسۇن، تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار يار بولسۇن، ئابلاجان" دەپ يازغان. 3-ئۆكتەبىر «ئابلاجان مودا ناخشا گورۇپپىسى» ناملىق ھېساب ئۇنىڭ بۇرۇنقى 12 ناخشىسىنىڭ ئاۋاز جەھەتتىن قايتا ئىشلەنگەن ئالبۇمىنى تارقاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردىن ئابلاجاننىڭ تەخمىنەن بۇ يىل ئەتىيازدا تۈرمىدىن چىققانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

تۇتقۇن قىلىنىشتىن بۇرۇن، ئابلاجان كۆپلىگەن مودا ناخشىلارنى ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ناخشلىرى ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا زور ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ «ئانا يۇرت»، «مەشرەپ»، «ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟» قاتارلىق ناخشىلىرى كەڭ تارقالغان. 2017-يىلى مارتتا، ب ب س نىڭ زىيارىتىدە ئابلاجان ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان چوڭ تۇتقۇن باشلىنىپ تەخمىنەن بىر يىلدىن كېيىن، يەنى 2018-يىلى مايدا، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇنىڭ شۇ يىلى فېۋرالدا ئەسلى يۇرتى گۇما ناھىيەسى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى تەھقىقلىگەنىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ 11 يىللىق كېسىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالغان، ئەمما نېمە سەۋەپتىن جازالانغالىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئاشكارا ۋە ئىشەنچلىك ئۇچۇر تارقالمىغان.

ھالبۇكى، ئابلاجان تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بەزى ناخشلىرىمۇ چەكلەنگەن. 2024- يىلى دېكابىردا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئاممىۋىي يىغىندا، ساقچى دائىرىلىرى ئاۋامغا ئېلان قىلغان يۈزدىن ئارتۇق چەكلەنگەن ئۇيغۇرچە ناخشىلار ئىچىدە ئابلاجاننىڭ «ئانا يۇرت» ناملىق ناخشىسى تىلغا ئېلىنغان.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردىن گەرچە بۇ ناخشىچىنىڭ تۈرمىدىن چىققانلىقى جەزملەشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قاچان قويۇپ بېرىلگەنلىكى ۋە نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس.