نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ”ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ شېرىكى“ دەپ ئەيىپلەندى

10-ئۆكتەبىر ئېمما رەيلى ئۆزىنىڭ ئېكىس ئاككونتىدا ناۋى پىللاينى ”ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ شېرىكى“ دەپ ئيىپلىدى.

9-ئۆكتەبىر، 2026-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىلىق ئىنسان ھەقلىرى قانۇنشۇناسى، ب د ت سابىق ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى ناۋى پىللاي (Navi Pillay) غا بېرىلگەنلىكى جاكارلاندى. ئەمما بۇ قارار دەرھاللا ئېغىر تالاش-تارتىشلارغا سەۋەب بولدى.

جەنۋەگە جايلاشقان «ب د ت نى كۆزىتىش تەشكىلاتى» (UN Watch) 10-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان باياناتىدا، ب د ت نىڭ سابىق خادىمى، ئىنسان ھەقلىرى ئادۋۇكاتى ئېمما رەيلى (Emma Reilly) نىڭ ئەيىبلىشىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، پىللاي ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىلدە (2008-2014)، ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئورگاننىڭ ب د ت ئىنسان ھەقلىرى يىغىنىدا خىتاينى ئەيىپلىگەن ئۆكتىچىلەرنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەمىنلىگەنلىكىنى ھەمدە بۇ قىلمىشنىڭ مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پەرۋا قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

10-ئۆكتەبىر ئېمما رەيلى ئۆزىنىڭ ئېكىس ئاككونتىدا ناۋى پىللاينى ”ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ شېرىكى“ دەپ ئيىپلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئېمما رەيلى 2013-يىلىلا بۇ مەسىلىنى پاش قىلىشقا باشلىغان. ئارقىدىن ئاشكارىلانغان ب د ت نىڭ ئىچكى ئېلخەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايغا تەمىنلەنگەن تىزىملىكتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شۇ چاغدىكى رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان دولقۇن ئەيسانىڭ ئىسىمى بار ئىكەن.

«ب د ت نى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ھىللېل نوئېر (Hillel Neuer) نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئېغىر ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىغان بىر كىشىگە تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلگەنلىكىگە سۇئال قويۇپ، نوبېل كومىتېتىدىن ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتى بولسا مۇكاپاتلاش باياناتىدا، پىللاينىڭ خەلقئارا قانۇن، ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش ھەمدە ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئۇزۇن يىل ئىلگىرى سۈرگەنلىكى ئۈچۈن مۇكاپاتلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھازىرچە، پىللاينىڭ بىۋاسىتە بۇ تىزىملىكلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەمىنلەشكە بۇيرۇق بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئاشكارا دەل-ئىسپاتلار ئوتتۇرىغا چىقمىدى. ئۇنىڭ ئۆزى ۋە نوبېل كومىتېتىمۇ بۇ ئەيىبلەشلەرگە قارىتا ئېنىق ئىنكاس قايتۇرمىدى.