ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 24 - نويابىردىن 30 - نويابىرغىچە)
2007.11.30
رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە پارلامېنت خادىملىرى بىلەن كۆرۈشتى
ياپونىيىدە ئۈچ ھەپتىلىك زىيارەتتە بولغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 25 - نويابىر كۈنى ياپونىيىنىڭ خوككايدو ئۆلكىسىدىكى نېگاتە شەھىرىدىكى جامائەت سورۇنى زالىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى ھەمدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە سورالغان تۈرلۈك سوئاللارغا جاۋاب بەردى.
28 - نويابىر كۈنى يەنە، توكيو شەھىرىدە ياپونىيە پارلامېنت خادىملىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىيونلارنىڭ كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىدە ياپونىيە پارلامېنت خادىملىرى ھەم سىياسىيونلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇلارغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشتۇرغان.
ياپونىيە پارلامېنتنىڭ ئىككى پالاتاسىنىڭ 20 دىن ئارتۇق ئەزاسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئەربابلار قاتناشقان بۇ سورۇن رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارىتىنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىك ۋە مۇھىم قىسىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
قىرغىزىستان "ۋەتەن" پارتىيىسى ئىتتىپاق جەمئىيىتى بىلەن ئۇچراشتى
قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاق جەمئىيىتى يېقىندا سايلام ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يېڭى رەئىس ۋە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئۆز پائالىيەتلىرىنى باشلىغان ئىدى.
يېقىندا قىرغىزىستاننىڭ ئوش ۋە جالال - ئاباد ۋىلايەتلىرىدىكى ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېكلەرنىڭ ۋەتەن پارتىيىسىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى بىشكەككە كېلىپ، ئىتتىپاق جەمئىيىتى بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، ھەمكارلىق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.
مەزكۇر ۋەكىللەرنىڭ بىر قىسىمى ئوش ۋىلايىتىدىكى قارا سۇ ناھىيىسىدىن كەلگەن بولۇپ، ھازىر بۇ جايدىكى قەشقەر قىشلاق قاتارلىق جايلاردا خېلى كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار ياشايدۇ. بۇ ئوش تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بېشكەكتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
خىتايدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى تېز ئاشماقتا
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە 2007 - يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر خىتايدا بىر يىل ئىچىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 700 مىڭغا يېتىدىكەن. خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ساننى مەلۇم قىلغان.
نۆۋەتتە، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى خىتايدا ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، ئاسىيا ئەللىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئۇيغۇر ئېلى بولسا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش بويىچە خىتايدا ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن بولۇپ، ئەيدىز ئاغرىقلىرىنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلار بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا ئالىمى جۇستىن رۇدېلسون ئەيدىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن زور تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىدىكى قوش تىللىق مائارىپ ئۈچۈن زور مەبلەغ سالدى
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ رايونلىرىدا 'قوش تىللىق مائارىپ' نى يولغا قويۇش ئۈچۈن 430 مىليون يۈەن ئاجراتقان.
خىتاينىڭ 'شىنجاڭ خەۋەر تورى'دىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر بۇ رايونلاردا 'قوش تىللىق مائارىپ' دېگەن نام ئاستىدا 50 مىڭ بالا خىتايچە ئوقۇۋاتىدۇ. پىلان بويىچە، 2010-يىلىغا يەتكەندە بۇ رايونلاردا خىتايچە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بالىلىرىنىڭ سانى 258 مىڭغا يەتكۈزىلىدىكەن.
ھازىر قوش تىلى سىنىپلىرىنىڭ سانى 5000 غا، بۇنىڭغا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 150 مىڭدىن يەتكەن. قوش تىلىنى يەسلىدىن باشلاش پىلانىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا. قوش تىللىق مائارىپ دېگەننىڭ ئەمەلىيەتتە، خىتاي تىللىق مائارىپ ئىكەنلىكى جەزىملەشتۈرۈلمەكتە.
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىن 60 مىڭ دېھقان سىرتقا يۆتكەلدى
نۆۋەتتە، قەشقەر ۋە قىزىلسۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەش ئىستراتېگىيىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولماقتا.
شىنخۇئا تورىنىڭ 27 - نويابىر خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2007- يىلىنىڭ ئىچىدە قىزىلسۇدىن ئىككى مىڭدىن ئارتۇق دېھقان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى بويىچە خىتاينىڭ جېجياڭ، جياڭسۇ، خېبېي قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىكى ۋە تيەنجىن قاتارلىق جايلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئەۋەتىلىپ ئىشلىتىلگەن.
ئىچكىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئەۋەتىلگەنلەرنىڭ ئاساسەن يېشى 16 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان توي قىلمىغان قىزلار ئىكەنلىكى مەلۇم. بۇ مەسىلە نۆۋەتتە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلماقتا. ئىگىلىنىشىچە، 2007 - يىلى بىر يىل ئىچىدىلا مۇشۇ خىل سىياسەت بىلەن قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ھەر قايسى ناھىيە - يېزىلىرىدىن 60 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان يەرلىرىنى تاشلاپ سىرتلارغا يۆتكەلگەن بولۇپ، يەرلىك دائىرىلەر دېھقان چارۋىچىلارنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە.
پەلەستىن ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يىغىنى ئېچىلدى
ئىسرائىلىيە- پەلەستىن تىنچلىق يىغىنى 27 - نويابىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئانناپولىس شەھەرچىسىدە ئېچىلىپ، تىنچلىق سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلدى.
بۇ كېلىشىمنى ئىجرا قىلىدىغان بىر كومىتېت تەشكىللەندى. بۇ يىغىنغا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئولمورت ۋە پەلەستىن رەھبىرى ماخمۇد ئابباس شۇنىڭدەك سەئۇدى ئەرەبىستان، سۈرىيە قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ۋە باشقا مەملىكەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.
28 - نويابىر كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئاق سارايدا ئىسرائىلىيە رەھبىرى ئولمورت بىلەن پەلەستىن ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى مەھمۇد ئابباسنى قوبۇل قىلىپ، تىنچلىق سۆھبىتى ئۈچۈن ياردەملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (17 - نويابىردىن 23 - نويابىرغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (10 - نويابىردىن 16 - نويابىرغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (3 - نويابىردىن 9 - نويابىرگىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (20 - ئۆكتەبىردىن 26 - ئۆكتەبىرگىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (13- ئۆكتەبىردىن 19 - ئۆكتەبىرگىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (6- ئۆكتەبىردىن 12- ئۆكتەبىرگىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 1- ئۆكتەبىردىن 6 - ئۆكتەبىرگىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 22 - سېنتەبىردىن 28 - سېنتەبىرگىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (15 - سېنتەبىردىن 21 - سېنتەبىرگىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (2 - سېنتەبىردىن 7 - سېنتەبىرگىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (25 - ئاۋغۇستتىن 31- ئاۋغۇستقىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 21- ئىيۇلدىن 27- ئىيۇلغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (15 - ئىيۇلدىن 20 - ئىيۇلغىچە)
- پاكىستاندا جۈمە كۈنى يەنە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (8 - ئىيۇلدىن 12 - ئىيۇلغىچە)