ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 1 - دېكابىردىن 7 - دېكابىرغىچە)


2007.12.07

رابىيە خانىم "بىرلا ئىنقىلاب - ياۋروپا ئۈچۈن زوراۋانسىز لايىھە‏ - لىبېراللىق " يىغىنىغا قاتناشتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 6-دېكابىر كۈنى بېلگىيىگە يېتىپ كېلىپ، ياۋروپادىكى رادىكاللار پارتىيىسى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتىدىكى بىر قىسىم پارتىيىلەر بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان "بىرلا ئىنقىلاب - ياۋروپا ئۈچۈن زوراۋانسىز لايىھە‏ - لىبېراللىق" ناملىق يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى ۋە ھەرقايسى پارتىيە گۇرۇھلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلار بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى.

رابىيە قادىر خانىمغا يىغىندا سۆز قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، ئەمگەك ھوقۇقى، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ھوقۇقى قاتارلىق تۈرلۈك ھوقۇقلىرىغا دەخلى تەرۈز قىلىۋاتقانلىقىنى سىستېمىلىق پاش قىلىپ، ياۋروپا پارتىيىلىرىنى ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشكە چاقىردى.

چېگرىسىز مۇخبىرلار مۇكاپاتى پارىژدا تارقىتىلدى

شىتابى فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژغا جايلاشقان چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 5-دېكابىر كۈنى ئۆزىنىڭ 16-قېتىملىق مۇكاپاتىنى تارقاتتى. بۇ مۇكاپات 2007 ‏- يىل ئىچىدە، ئاخبارات ئەركىنلىكى ساھەسىدە زور تەسىر پەيدا قىلغان شەخس ۋە ئورۇنلارغا بېرىلدى. مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر ئىچىدە، نۆۋەتتە بېيجىڭدا نازارەت ئاستىدا ياشاۋاتقان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن خۇ جىيا ۋە ئۇنىڭ ئايالى زېڭ جىڭيەنمۇ بار.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىللىق مۇكاپاتى كوللېكتىپ تۈرى بويىچە، نورۋىگىيىدىكى دېموكراتىك بېرما ئاۋازى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن ئىراقتىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىغا بېرىلدى. شەخسلەر تۈرى بويىچە يەنە، مىسىرلىق سىياسىي ئۆكتىچى كەرىم ئامىرغىمۇ مەزكۇر مۇكاپات بېرىلدى.

خۇ جيا ئۇزۇن يىللار ئەيدىزنى توسۇشنى ئوز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، بىر قانچە قېتىم قولغا ئېلىنغان. بۇ قېتىم ئۇ مۇكاپاتنى ئۆزى تاپشۇرىۋالالمىغان بولۇپ، ئۇ 5-ئايدىن باشلاپ، ئوز قوروسىدا نەزەربەند ئاستىدا تۇرغان

پەرھات ھاجى قىرغىزىستان ئالى كېڭىشىگە نامزات قىلىپ كۆرسىتىلدى

قىرغىزىستاننىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇنى بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلىمى پائالىيىتى داۋاملاشماقتا. ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، يېڭى قانۇن بويىچە قىرغىزىستاندىكى بىر قىسىم مىللەتلەرنىڭمۇ ئۆز نامزاتلىرىنى پارلامېنتقا كىرگۈزۈش سالاھىيىتى بولىدىكەن.

شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلاردىن پەرھات ھاجى تلېنبايېف ئوز نامزاتلىقىنى كۆرسەتكەن. 4 - دېكابىر كۈنى قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقى ھەيئەتلىرى بىشكەكتە يىغىن ئېچىپ، پەرھات ھاجى تلېنبايېفنىڭ قىرغىزىستان ئالى كېڭىشىگە نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنى 16 - دېكابىر قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزىلىدىغان سايلامدا پەرھات ھاجىنىڭ پارلامېنت ئەزالىقى ئۈچۈن بېلەت تاشلاشقا سەپەرۋەر قىلىشنى قارار قىلدى.

قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغاندا، ئۇيغۇرلاردىن بىر كىشى پارلامېنت ئەزاسى بولغان، كېيىن بۇ پۇرسەت قولدىن كەتكەن ئىدى.

مارالبېشى ۋە يېڭىسار ناھىيىسىدىن 12 نەپەر ئۇيغۇر دېھقان گازدىن زەھەرلىنىپ قازا قىلدى

5‏- دېكابىر كۈنى مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ شامال ئورمان مەيدانىدىكى دالاغا تىكىلگەن چېدىر ئىچىدە گازدىن زەھەرلىنىش ھادىسىسى كۆرۈلۈپ، 12 كىشى قازا قىلغان، 2 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى زەھەرلىنىپ ئۆلگەن ۋە يارىلانغان كىشىلەرنىڭ مىللەت تەركىبى ھەققىدە ھېچ نېمە يازمىغان بولسىمۇ، بىراق ئىنتېرنېت تورلىرىدا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامدىيالمىغان، ئىشسىز ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ دورىلىق ئۆسۈملۈك چۈچۈك بۇيا يىغىش بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا بۇ ھادىسىگە يولۇققانلىقىنى ئىنكاس قىلىشقان. لېكىن، ھازىرچە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئۇلارنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرى مەسىلىسىدە قانداق چارە قوللانغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقىتىلمىدى.

ئامېرىكا - خىتاي ئالىي رەھبەرلىرى تەيۋەن مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 6 ‏- دېكابىر كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىلەن تېلېفون ئارقىلىق سۆھبەتلىشىپ، تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى. سۆھبەت جەريانىدا خۇ جىنتاۋ بۇشقا " :تەيۋەن مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر بولۇش، ئامېرىكا ۋە خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم ۋە ساغلام تەرەققى قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك" دېگەن.

پرېزىدېنت بۇش بولسا خۇ نىڭ سۆزىگە جاۋابەن ": ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇھىم، ئامېرىكا تەرەپ بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن تەيۋەن مەسىلىسى ئۈستىدە ھەمكارلىقنى ساقلايدۇ" دەپ بىلدۈرگەن.

تەيۋەن مەسىلىسى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئەڭ نازۇك مەسىلە بولۇپ، خىتاي تەرەپ، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق ئېلان قىلسىلا، ھەربىي ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى تەھدىت قىلىپ كەلمەكتە. بىراق، 5-چېسلا بېيجىڭدا ئېچىلغان ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 28 يىللىق خاتىرە يىغىنى سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى جىمى كارتېر سۆز قىلىپ، بەزى مەخپىيەتلىك تۈسىدىكى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى قورال بىلەن تەمىنلىشىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى مەخپىي كېلىشىم ئاساسىدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

رەسسام ئابدۇكېرىم ئەيسا ئىتالىيىدە رەسساملار كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى

قازاقىستاندىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر رەسسامى ئابدۇكېرىم ئەيسا، يېقىندا ئىتالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيادىكى ئاتاقلىق رەسساملار كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭ رەسىملىرى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ، ئەسەرلىرى بۇ كۆرگەزمىگە قويۇلغان تۇنجى ئۇيغۇر بولۇشى، كۆرگەزمىگە قاتناشقانلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان ھەمدە ئۇلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

ھازىر قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ " مىڭ ئۆي" ناملىق بىر جەمئىيىتى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ رەسساملار ئوز ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشقا مۇھىم ھەسسە قوشماقتا.

قازاقىستان ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىس دۆلىتى بولىدۇ

قازاقىستان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان دۆلەتلەر ئىچىدە بىرىنچى قېتىم 2010 - يىلى ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بولىدۇ. بۇ قارار يېقىندا ئىسپانىيىنىڭ مادرىد شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يىغىنىدا ئېلىنغان. پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، رەئىسلىك ۋەزىپىسىنىڭ مۆھلىتى بىر يىل بولىدىكەن.

قازاقىستاننىڭ مەزكۇر ئابرويلۇق تەشكىلاتقا رەئىسلىك قىلىشىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دېموكراتىك ئۆزگىرىشى ئۈچۈن زور پايدىلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.