ھەپتىلىك خەۋەرلەر (29 - دېكابىردىن 4 - يانۋارغىچە)


2008.01.04

ئۇيغۇرلار يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدى

31 - دېكابىر بىلەن 1 - يانۋارنىڭ ئۆتكۈنچى ئاخشىمى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار 2008 - يىلىنى كۈتۈۋالدى. يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىم - پائالىيەتلىرى ئامېرىكا، تۈركىيە، گېرمانىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. 31 ‏- دېكابىر كۈنى كەچتە، ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە ئىشتاتىنىڭ ئالېكساندىرىيە شەھىرىدە ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى شىتاتلىرىدىن بولۇپ، 200 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن يېڭى يىل كەچلىكى ئۆتكۈزۈلگەن.

پائالىيەت جەريانىدا پائالىيەتكە قاتناشقان بالىلار، ياشلار ۋە ئانىلار ئۆزلىرى تەييارلىغان سەنئەت ۋە ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكەتلىرى ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىي تۇتقۇنلىرىغا قاراتقان قاتتىق قوللۇقلىرىنى چۈشەندۈرىدىغان نومۇرلارنى كۆرسەتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم مۇراسىم پائالىيىتىدە باشلىنىش نۇتقى سۆزلەپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلاش بىلەن بىرگە 2008 ‏- يىلى، تېخىمۇ جاپالىق خىزمەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە بارلىق ئۇيغۇرلاردىن تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.

ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتى

2 - يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي پويىز ئىستانسىسىنىڭ يېنىدىكى دېخۇي خەلقئارا سودا سارىيىنىڭ 12 قەۋەتلىك بىناسىغا ئوت كەتكەن بولۇپ، بۇ، ۋېنجولۇق سودىگەرلەرنىڭ مىلىچ ماللار، كىيىم-كېچەك ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك تاۋارلىرى ساتىدىغان سودا مەركىزى ئىدى.

ئوت ئاپىتىدە سودا سارىيى پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان، ئوت سودا سارىيى بىلەن بىر بىنادىكى دېخۇي مېھمانخانىسى ۋە سودا ساراينىڭ يېنىدىكى ئۈرۈمچى مېھمانخانىسىغا تۇتاشقان. ئوت ئۆچۈرۈش جەريانىدا 3 نەپەر ئۆت ئۆچۈرگۈچى خادىمنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالغان. نەق مەيدانغا پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن ۋە ئاپتونوم رايون مۇۋەپپەق رەئىسى نۇر بەكرى قاتارلىقلار يېتىپ كېلىپ، قوماندانلىق قىلغان.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، مەزكۇر سودا مەركىزى 380 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ قۇرۇلغان بولۇپ، ئومۇمى كۆلىمى 100 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدىكەن. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، مەزكۇر زور ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبى ۋە زىيانلىرى ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلانغان بولۇپ، شىركەتنىڭ باش خوجايىننىڭ مال-مۈلكى ۋە ھېساباتلىرى ۋاقتىنچە توڭلىتىپ قويۇلغان ئىكەن.

تۇرپاندا قۇش زۇكىمى بايقالدى

ئىگىلىشىمىزچە تۇرپاندا قۇش زۇكىمى بايقىلىپ، بەش مىڭ ئەتراپىدا توخۇ ئۆلۈپ كەتكەن. تۇرپان شەھەرلىك سەھىيە تارماقلىرى 29 مىڭدىن ئارتۇق توخۇنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق مەزكۇر كېسەلنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.

ھازىرغىچە دۇنيادا 200دىن ئارتۇق ئادەم قۇش زۇكىمى كېسىلى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى مەلۇم.

ئامېرىكىدىكى بىر تەشكىلات ئامېرىكىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى سېتىشىغا قارشى تۇردى

ئامېرىكىدا خىتاي شىركەتلىرىگە ھەربىي ساھەلەردە ئىشلىتىلىپ، كەلگۈسىدە ئامېرىكا ۋە دۇنياغا تەھدىت پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى بار مەھسۇلاتلارنى سېتىپ بېرىش مەسىلىسىدىكى تالاش-تارتىشلار داۋاملاشماقتا. بىر قىسىم ئاممىۋى ۋە سىياسىي تەشكىلاتلار خىتاينىڭ كەلگۈسىدە ھەربىي تەھدىت سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىشىغا قارشى تۇرۇشنى تەلەپ قىلماقتا.

ۋىسكونسىن يادرو قوراللىرىنى چەكلەش تەشكىلاتى 3 - يانۋار كۈنى " بىز خىتايغا ئىشىنەلەمدۇق؟" ناملىق 22 بەتلىك بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شەخسىي خىتاي شىركەتلىرىگە ھەربىيدە ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى سېتىپ بېرىش پروگراممىسىنىڭ ئامېرىكا بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، بۇ پروگراممىنى توختىتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيە پۇقرالىققا قوبۇل قىلىشقا ئائىت يېڭى قانۇنىي ماددا ماقۇللىدى

ئۆتكەن ھەپتىدە تۈركىيە پارلامېنتى ۋەتەنداشلىق قانۇنىغا تۈزۈتۈش كىرگۈزگەندىن كېيىن، بۇنى ئاۋازغا قويۇپ، رەسمىي تەستىقلىغان. مەزكۇر قانۇندا چەتئەللىكلەرنىڭ تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىغا قوبۇل قىلىنىشى ئاسانلاشتۇرۇلغان.

تۈركىيىگە مەبلەغ سېلىپ كارخانا قۇرغان، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، پەن - تېخنىكا ۋە سەنئەت ساھەسىدە ئالاھىدە مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ياكى يۇقىرىقى ساھەلەردە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقى پەرەز قىلىنغان كىشىلەر مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىكلەرنىڭ تەكلىپى بويىچە، ھۆكۈمەت كابىنېتىدا مۇزاكىرە قىلىنىپ ۋەتەنداشلىققا قوبۇل قىلىنىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە چەتئەللىكلەرنىڭ تۈركىيىدە تۇغۇلغان بالىلىرىمۇ ئاتا-ئانىلىرى خالىغان ئەھۋال ئاستىدا تۈركىيە ۋەتەندىشى بولالايدىكەن. بۇ يېڭى قانۇن تۈركىيىدە ۋاقىتلىق تۇرىۋاتقان كۆچمەنلەرنى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى خۇشال قىلغان.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى يىللىق دوكلات ئېلان قىلدى

پەيشەنبە كۈنى شىتابى پارىژغا جايلاشقان چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 2007 - يىللىق دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى دوكلاتى ئېلان قىلدى. مەزكۇر دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 2007 ‏- يىلىدا دۇنيادا 86 نەپەر مۇخبىر بىلەن 20 نەپەر ئاخبارات ياردەمچىسى ھەر خىل شەكىلدە ئۆلتۈرۈلگەن، 887 نەپەر مۇخبىر قولغا ئېلىنغان.

1511 نەپەر مۇخبىر زوراۋانلىق ھۇجۇمى ۋە تەھدىتكە ئۇچرىغان. 67 مۇخبىر گۆرۈگە ئېلىنغان، 528 ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ خىزمەتلىرى تەكشۈرۈلگەن. خىتايمۇ ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەڭ چەكلەنگەن دۆلەت بولۇپ، مەلۇم ساندا مۇخبىرلار تۈرمىدە ياتماقتا ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ ئەركىن مەلۇمات بېرىشى چەكلەنمەكتە.

خىتايدا خىزمەتكە ئورۇنلىشالمىغان ياشلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە

خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى 3 ‏- يانۋار كۈنى " جەمئىيەت كۆك تاشلىق كىتابى" نى ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن يىلى خىتايدا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن بەش مىليون ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ بىر مىليونىنىڭ تېخى خىزمەت ئورنىغا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئەلۋەتتە، مەزكۇر دوكلاتتا، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى جۈملىدىن ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەزمۇنلار بارلىقى نامەلۇم بولسىمۇ، لېكىن، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا خىتايلارغا نىسبەتەن ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.