ھەپتىلىك خەۋەرلەر (26 - يانۋاردىن 1 - فېۋرالغىچە)
2008.02.01
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 2007- يىللىق كىشىلىك ھوقۇقى دوكلاتى ئېلان قىلدى
مەركىزى ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 31- يانۋار كۈنى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ 2007 - يىلقى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى. مەزكۇر دوكلاتتا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.
بۇ دوكلاتتا بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ سۆز ئەركىنلىكى، مەتبۇئات، دىنىي ئېتىقاد ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويغانلىقى، شۇنىڭدەك ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بەرگەن كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقى تەنقىد قىلىنغان.
دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكى ھەققىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، "ھۆكۈمەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پەقەت دۆلەت كونتروللىقىدىكى دىنىي سورۇنلار ۋە ئۆلىمالارنىڭ پائالىيىتىگىلا رۇخسەت قىلىپ، ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىشىنى، بەزى جايلاردا مەسچىتكە كىرىشىنى چەكلىدى" دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى سوفىيە رىچاردسون، مۇخبىرىمىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى؛ "شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى تىبەتكە قارىغاندا بىر ئاز پەرقلىنىدۇ. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يەردىكى باستۇرۇش ھەرىكىتى بىر قەدەر شىددەتلىك ئېلىپ بېرىلماقتا. بىز دىنىي، مەدەنىيەت، سىياسى جەھەتتىكى ئىپادە ئەركىنلىكىنىڭ بۇرۇنقىغا قارىغاندا ۋەھىمىلىك تۈس ئالغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز."
قار ئاپىتى ئۇيغۇر خەلقىگە بالايى - ئاپەت ئېلىپ كەلدى
ئىككى ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قار ئاپىتى خىتاينىڭ كۆپلىگەن جايلىرىغا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ۋادىسى ئەتراپىدىمۇ قار ئاپىتى يۈز بېرىپ، قەشقەر، ئاقسۇ ۋە قىزىل سۇ قاتارلىق ۋىلايەت ھەم ئوبلاست تەۋەسىدىكى 300 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قار ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان.
قار ئاپىتى قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدە بىر قەدەر ئېغىر بولغان بولۇپ، 1 - ئاينىڭ 16- كۈنىدىن باشلاپ ياغقان قار ئۇدا ئون كۈن توختىمىغاندىن كېيىن، 26- چېسلا پەسەيگەن. خىتاي مەتبۇئاتلىرى قار ئاپىتىگە ئۇچرىغانلارغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يەرلىك پۇقرالار بۇ خەۋەرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشتى.
پرېزىدېنت جورج بۇش دۆلەت نۇتقى سۆزلىدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا دۆلەت نۇتقى ئېلان قىلدى. بۇ پرېزىدېنت جورج بۇشنىڭ پرېزىدېنتلىق مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن ئېلان قىلغان ئاخىرقى قېتىملىق دۆلەت نۇتقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
پرېزىدېنت جورج بۇش بۇ قېتىم ئېلان قىلغان دۆلەت نۇتقىدا ئىراققا ئەسكەر كۆپەيتىش پىلانىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلگەنلىكىنى، ئەل-قائىدىچىلەر ئىراقتىن قاچقانلىقىنى، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ 20 نەچچە مىڭ ئەسكىرى ئىراقتىن قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ قايتىدىن يۇقىرى ئۆرلىشىدىن ئۈمىد بارلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىش مەسىلىسى، ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتى، دېموكراتىيە مەسىلىسى ۋە باشقا كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى تىلغا ئالدى.
بىراق، "ۋاشىنگتون پوست" گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، 2007 - يىلى ئامېرىكىدا پرېزىدېنت جورج بۇشنى قوللاش نىسبىتى %30 غا چۈشۈپ قالغان بىر يىل بولغان ئىدى.
ياپونىيىدە توڭلىتىلغان خىتاي جۇۋاۋىسىدىن 200 دىن ئارتۇق ئادەم زەھەرلەندى
ياپونىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 30-يانۋار كۈنى، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىپ، توڭلىتىلغان جۇۋاۋىدىن زەھەرلەنگەن ياپونىيىلىكلەر سانىنىڭ 10 غا يەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، ياپونىيە تېلېۋىزىيە ۋە مەتبۇئاتلىرى پەيشەنبە كۈنىگە قەدەر بۇ ساننىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، زەھەرلەنگەن ئادەم سانىنىڭ 200 دىن ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇ يېمەكلىكلەر ئاساسلىقى خىتاينىڭ تەنياڭ يېمەكلىك شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئىكەن. ياپونىيە سۈپەت تەكشۈرگۈچىلىرى بۇ جۇۋاۋىلار تەركىبىدىن زىيانلىق ماددىلارنى تاپقان بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئىنكار قىلىشىغا ئۇچرىغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياپونىيە ۋە خىتاي ئارىسىدا ئىختىلاپ كېلىپ چىققان بولۇپ، ياپونىيە پۇقرالىرى خىتاي يېمەكلىكلىرىنى ئىمپورت قىلماسلىق تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.
خىتاينىڭ يېڭى تۆمۈر يول لىنىيىسى ۋە ياۋرو - ئاسىيا ئېنېرگىيە سىياسىتى
يېقىندا خىتايدىكى خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى خىتاينىڭ 2010 - يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بىلەن يەنە ئىككى تۆمۈر يول لىنىيىسىنى تۇتاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇلارنىڭ بىرى قەشقەردىن باشلىنىدىغان خىتاي - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈر يولى، يەنە بىرى قورغاستىن قازاقىستانغا تۇتىشىدىغان تۆمۈر يول.
مۇتەخەسسىسلەر مەزكۇر تۆمۈر يول لىنىيىسىنىڭ خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش ۋە غەربىي يېرىم شار ئىستراتېگىيىسىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى. ئامېرىكىدا تۇرىۋاتقان بىر ئۇيغۇر سىياسەتشۇناس مەزكۇر تۆمۈر يوللارنىڭ خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
د ئۇ ق نىڭ تۈركىيىدىكى ۋەكىللىرى بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى
ئۆتكەن ھەپتىلەردىن بۇيان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تۈركىيىدە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. د ئۇ ق تەپتىش ھەيئەت ئەزاسى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى، د ئۇ ق ياشلار كومىتېتى تۈركىيە ۋەكىلى ئابدۇللاھ تۇرسۇن باشچىلىقىدىكى ھەيئەت 1-ئاينىڭ 24-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتتىدىكى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، سابىق قاتناش مىنىستىرى ئوكتاي ئۇرال ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
ئۆتكەن ھەپتىدە مەزكۇر تەشكىلات يەنە ئۇيغۇر داۋاسىغا ھەسسە قوشقان بىر قانچە نەپەر تۈركىيىلىك سىياسىيون ۋە ئاممىۋى تەشكىلات باشلىقلىرىنى مۇكاپاتلاپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا قوشقان تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
د ئۇ ق نىڭ تۈركىيىدىكى مەزكۇر ۋەكىللىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۈل، دۆلەت مىنىستىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدى. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (20-يانۋاردىن 26-يانۋارغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (5 - يانۋاردىن 11 - يانۋارغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (29 - دېكابىردىن 4 - يانۋارغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (22 - دېكابىردىن 28 - دېكابىرغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 1 - دېكابىردىن 7 - دېكابىرغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 24 - نويابىردىن 30 - نويابىرغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (17 - نويابىردىن 23 - نويابىرغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (10 - نويابىردىن 16 - نويابىرغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (3 - نويابىردىن 9 - نويابىرگىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (20 - ئۆكتەبىردىن 26 - ئۆكتەبىرگىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (13- ئۆكتەبىردىن 19 - ئۆكتەبىرگىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (6- ئۆكتەبىردىن 12- ئۆكتەبىرگىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 1- ئۆكتەبىردىن 6 - ئۆكتەبىرگىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 22 - سېنتەبىردىن 28 - سېنتەبىرگىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (15 - سېنتەبىردىن 21 - سېنتەبىرگىچە)