ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 24 - فېۋرالدىن 29 - فېۋرال)


2008.02.29

رابىيە خانىمنىڭ ئاۋسترالىيىدىكى پائالىيەتلىرى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 19 - فېۋرالدىن 29 - فېۋرالغىچە بولغان ئون كۈن جەريانىدا ئاۋسترالىيىنىڭ سىدنېي، كامبېرا، ئادېلايد قاتارلىق شەھەرلىرىدە زىيارەتتە بولۇپ، ئۇ يەردىكى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەت، پارلامېنت ۋە باشقا ساھەنىڭ ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن سىرت يەنە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىن كۈتىۋېلىشىغا ئېرىشىپ، بىر قاتار ئۇچرىشىشلار ئېلىپ باردى.

رابىيە خانىم يەنە ئادېلايدىكى زىيارىتى جەريانىدا جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەت ئەربابلىرى ۋە جەنۇبىي ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر مەسىلىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشتىن سىرت، جەنۇبىي ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر قارار لايىھىسى قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

مۇرات ھەمرايېۋ ۋە مۇرات ناسىروف خاتىرىلەندى

ئۆتكەن ھەپتىدە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا ياشاپ ئىجادىيەت ھەم تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ زور نەتىجىدە قازانغان مەرھۇم ئالىم مۇرات ھەمرايېۋنى ئەسلەپ ئۆتتى. مۇرات ھەمرايېۋ 47 يىللىق ھاياتىدا ناھايىتى زور نەتىجىدە قازانغان بولۇپ، 28 يېشىدا پەن دوكتورى ، 40 يېشىدا ئاكادېمىك بولۇشتەك نەتىجىلىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئىچىگە كەڭ تونۇلغان ئىدى. مۇرات ھەمرايېۋ 1984 - يىلى، 47 يېشىدا تاشكەنتتە تۇيۇقسىز ۋاپات بولدى.

28 - فېۋرال كۈنى يەنە ئالمۇتادىكى جۇمھۇرىيەت سارىيىدا ئۆتكەن يىلى 1 - ئايدا موسكۋادا ۋاپات بولغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر ناخشا چولپىنى، كومپوزىتور مۇرات ناسىروپنىڭ ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلەش مۇراسىمى كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭغا قازاقىستان ۋە رۇسىيىنىڭ ئاتاقلىق چولپانلىرى ئىشتىراك قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتاينى ئولىمپىك ۋەدىسىدە تۇرۇشقا چاقىردى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلار بىرلەشمە كومىتېتى 27 - فېۋرال كۈنى ئىسپات بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، 2008 ‏ - يىلدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە خىتايدا قانۇننىڭ رولى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. يىغىندا ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتا ئەزالىرى خىتاي دائىرىلىرىنى كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشقا چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىنسان ھوقۇقىنى ياخشىلاش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشى لازىملىقىنى كۆرسىتىشتى.

سۆزگە چىققان ئاۋام پالاتا ئەزالىرى خىتايدا سۆز ئەركىنلىكى، مەتبۇئات ئەركىنلىكى ۋە مۇھىت مەسىلىنىڭ يەنىلا ناھايىتى ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىپ، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە يول قويىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ كىرىشىنىڭ تەسلىكى ھەمدە ھازىرغىچە يەنە 20 نەچچە نەپەر مۇخبىرىنىڭ تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقىنى شەرھىلەشتى.

"تيەنئەنمېن ئانىلىرى" خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسى كېڭەش ۋەكىللىرىگە ئوچۇق خەت يوللىدى

1989 - يىلىدىكى تىئەنەنمىن ۋەقەسىدە بالىلىرىدىن ئايرىلغان ئانىلاردىن تەشكىللەنگەن "تيەنئەنمېن ئانىلىرى" بىرلەشمىسى ئون نەچچە يىللاردىن بۇيان بۇ ۋەقەنى ئاقلاشنى تەلەپ قىلماقتا. يېقىندا مەزكۇر بىرلەشمە خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسى كېڭەشنىڭ يىغىنى ئېچىلىش ھارپىسىدا، قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىگە تەييارلىغان ئوچۇق خېتىنى ئېلان قىلغان.

ئۇلارنىڭ مەزكۇر ئوچۇق خېتىدە " تارىخىي يارىنى ساقايتىش، '4 - ئىيۇن' دا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار ئىزلىگەن ھەق - ئادالەت ئۈچۈن، بىز ھەربىرىڭلارغا چىن قەلبىمىزدىن شۇنى مۇراجەت قىلىمىزكى، مۇھىم تاپشۇرۇقنى نائۈمىد قويمىغان ۋە بۇرچۇڭلارغا داغ يەتكۈزمىگەن ئاساستا ھۆكۈمەتنى "4 - ئىيۇن" ۋەقەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن بىۋاستە، باراۋەر ۋە سەمىمىي دىئالوگ ئېلىپ بېرىشقا بۇيرۇغان بولساڭلار،" دېيىلگەن.

كاندىلىزا رايىس خىتايدىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى قويۇپ بېرىشنى ئالاھىدە تەكىتلىدى

ئۆتكەن ھەپتىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايس خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىپ، شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا مەسىلىلەر ھەمدە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتى ۋە تۈرمىدە يېتىۋاتقان سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى قويۇپ بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئارىلىقتا ئۈزۈلۈپ قالغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە پۈتۈشۈم ھاسىل قىلىنغان.

خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نەتىجىسىنى كۆرسەتمەكتە

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2007 ‏ - يىلى " ئاز تۇغۇپ، تېز باي بولۇش" قۇرۇلۇشى بويىچە مۇكاپاتلاش سىياسىتىنىڭ ئەڭ ياخشى بىر يىلى بولغانلىقى تەشۋىق قىلىنماقتا. خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە 65 مىڭ ئادەم ئاز تۇغۇلغان.

ئەمما، جۈمە كۈنىدىكى ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۆلەتلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 30 يىلدىن بۇيان يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان "بىر بالىلىق بولۇش" سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى ئاشكارىلىغان. بۇ خەۋەر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دەرھال دىققىتىنى جەلپ قىلدى.

رۇسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى رۇسىيىدە خىتاي مەھەللىسى بولۇشنى خالىمايدۇ

رۇسىيە قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئەڭ كۆپ جايلاشقان مەملىكەتلەرنىڭ بىرىدۇر. رۇسىيىدىكى كۆچمەنلەرنىڭ ئاساسىي قىسىمىنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلىرى ھەمدە خىتايدىن كەلگەنلەر ئىگىلەيدۇ. رۇسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ۋە باشقا دۆلەت كۆچمەنلىرىنىڭ رۇسىيىدە خىتاي كوچىسىغا ئوخشاش كۆچمەنلەر رايونى تەسىس قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى رۇسىيىدە خۇددى ئامېرىكا ۋە باشقا مەملىكەتلەردىكىگە ئوخشاش مەخسۇس خىتايلارنىڭ مەھەللىسى، يەنى " چايناتوۋن"نىڭ قۇرۇلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. رۇسلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانى رۇسىيىدە ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.