ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 3 - مايدىن 9 - مايغىچە)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008.05.09

 ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئىشلار كومىتېتى دوكلات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى خەلقئارا دىنىي ئىشلار كومىتېتى 2 - ماي كۈنى 2008 - يىللىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى ئېلان قىلدى. مەزكۇر دوكلاتتا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى چەكلىنىۋاتقان بىر قىسىم دۆلەتلەر قاتارىدا خىتايمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مەسىلىسىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.

دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنىي تەربىيە ئېلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى ھەتتا، ھۆكۈمەت كادىرلىرى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ناماز ئوقۇشى، روزا تۇتۇشى قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغىمۇ چەك قويۇلغانلىقى مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈلگەن.

دوكلاتتا يەنە دىنىي ئىشلار كومىتېتى ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە ئەھمىيەت بېرىشى ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈرۈمچى ۋە لخاسادا كونسۇلخانا ئېچىش تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تۈركىيىدىكى پائالىيەتچىلەر تېلېۋىزىيە ئارقىلىق تۈركلەرنى ئولىمپىككە قاتناشماسلىققا چاقىردى

تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان باشكەنت تېلېۋىزىيىسىنىڭ 6 - ماي كۈنى " خەۋەرچىنىڭ سائىتى" پروگراممىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، بۇ پروگراممىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك قاتناشقان.

سېيت تۈمتۈرك ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىن شارائىتلىرى ھەققىدە توختىلىش بىلەن بىرگە تۈرك تەنھەرىكەتچىلىرىنى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشماسلىققا چاقىرغان.

ياپونىيىنىڭ سابىق باش ۋەزىرى خۇ جىنتاۋدىن توختى تۇنىيازنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

خۇ جىنتاۋ 10 يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ياپونىيىنى زىيارەت قىلغان خىتاي رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن 6 - ماي كۈنىدىن ئېتىبارەن ئۇ ياپونىيە زىيارىتىنى باشلاپ، ئىلگىرى كېيىن ياپونىيىنىڭ بىر قىسىم ھازىرقى ۋە سابىق باش ۋەزىرلىرى ھەم مۇناسىۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
 
ياپونىيىنىڭ " سانكەيى گېزىتى" 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىكى سانىدا ياپونىيىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك باش ۋەزىرى ئابە ئەپەندىنىڭ خۇ جىنتاۋدىن 10 يىلدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى توختى تۇنىيازنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئېلان قىلىنغان. بۇ تۇنجى قېتىم ياپونىيە تەرەپنىڭ خىتاي ئالىي رەھبىرىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك مۇنداق تەلەپ قويۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

خۇ جىنتاۋنىڭ نامايىشى جەريانىدا تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار ۋە بىر قىسىم ياپونلارنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرىغا دۇچ كەلگەن. خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ياپونىيە زىيارىتىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى ئىللىتىش رولىنى ئوينايدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى خىتاي بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئېلان قىلدى

4 - ماي كۈنى دالاي لامانىڭ لودى گارى قاتارلىق ئىككى ۋەكىلى شېنجىندا خىتاي كومپارتىيىسى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى جۇۋېيچۈن ۋە سىتا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ 13 - مارتتىن كېيىن تىبەت بىلەن خىتاي تەرەپنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇلارنىڭ سۆھبىتى غەيرى رەسمىي دەپ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، دەسلەپكى بىر قانچە كۈن ئىچىدە سۆھبەتنىڭ مەزمۇنلىرى ئېلان قىلىنمىغان ئىدى. 8 - ماي كۈنى لودى گارى دارامسالادا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىشى يىغىنىدا بىلدۈرۈشىچە، تىبەت تەرەپ سۆھبەتتە 3 تۈرلۈك تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويغان. تەكلىپلەرنىڭ بىرىدە، خىتاينىڭ نۆۋەتتە تىبەتتە داۋاملاشتۇرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشنى ۋە مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

سۆھبەت جەريانىدا ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئىنكار قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما سەۋرىچانلىق بىلەن مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان شۇنىڭدەك يەنە رەسمىي سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پۈتۈشكەن. لېكىن، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا تىبەتلەرنىڭ سىياسىي تەقدىرى مەسىلىسىگە ئائىت مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنمىغان ئىكەن.

رۇسىيە يېڭى پرېزىدېنت مېدۋېدېۋ دەۋرىگە كىردى

7 - ماي سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنكى، رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ تارىخىدىكى مۇھىم كۈن. بۈگۈن موسكۋادا يېڭى پرېزىدېنت دىمىترىي مېدۋېدېۋنىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، پۇتىننىڭ 8 يىللىق پرېزىدېنتلىق دەۋرىگە خاتىمە بېرىلدى.

دىمىترىي مېدۋېدېۋ قەسەم بېرىپ، پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. ئۇ، بورىس يېلتسىن، ۋلادىمىر پۇتىندىن كېيىنكى ئۈچىنچى نۆۋەتلىك پرېزىدېنت بولۇپ قالدى. مېدۋېدېۋ شۇ كۈنىلا ۋلادىمىر پۇتىننى باش مىنىستىرلىققا كۆرسەتكەن بولۇپ، 8 - ماي كۈنى رۇسىيە دۇماسىنى پۇتىننىڭ باش مىنىستىرلىك ئورنىنى تەستىقلىدى. دېمەك، پۇتىن 8 - مايدىن ئېتىبارەن رۇسىيە باش مىنىستىرى بولۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى داۋاملاشتۇردى.

9 - ماي كۈنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرىغا قارشى 4 يىللىق ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە قازانغانلىقىنىڭ 63 يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر. 9 - ماي كۈنى موسكۋادىكى قىزىل مەيداندا چوڭ كۆلەملىك پارات ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مېدۋېدېۋ نۇتۇق سۆزلىگەن.

خىتايدا بالىلار ۋىرۇسى يامرىماقتا

بۇ يىل مارتنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ خىتاينىڭ بەزى ئۆلكىلىرىدە تارقىلىشقا باشلىغان ئەجەللىك بالىلار ۋىرۇسى EV71 ھازىرغا قەدەر 34 نەپەر بالىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.

ھازىر بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ 20 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. بۇ كېسەل ئەنخۇي ئۆلكىسىدە بىر قەدەر ئېغىرراق بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، بالىلارنىڭ پۇر - قوللىرىدا بولىدىغان مەزكۇر يۇقۇملانغانلار 24 سائەت ئىچىدە دوختۇرغا بارمىسا، ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.

شىنجاڭ خەۋەر تورى بۇ خىلدىكى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى دەپ پەرەز قىلىنغان بالىلارنىڭ ئۈچ نەپەرگە يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.