ھەپتىلىك خەۋەرلەر (10 - مايدىن 16 - مايغىچە)

0:00 / 0:00

رابىيە قادىر خانىم ياۋروپا پارلامېنتىدىكى يىغىنغا قاتناشتى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم يېتەكچىلىكىدىكى د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى 15 - ماي كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېچىلغان "خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنمىغان دۆلەتلەر يىغىنى" غا قاتناشتى.

بۇ يىغىنغا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەھبەرلىرى، ئەزالىرى ۋە بىر قىسىم خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، رابىيە قادىر خانىم ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ يىغىن زالىغا كىرگەندە گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىغان. رابىيە قادىر خانىم يىغىندا نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇرلار ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەرگەن.

رابىيە قادىر خانىم يەنە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەربابلىرى بىلەن ئۇچراشقان ۋە 16 - ماي كۈنى يەنە باشقا پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلغان.

قەشقەردە توي خېتى بېرىش ۋاقتىنچە توختىتىلىپ قويۇلغان

ئىگىلىشىمىزچە قەشقەر دائىرىلىرى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا توي قىلىش يېشىغا تولغان ياشلارغا توي خېتى بېرىشنى توختاتقان بولۇپ، 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن كېيىنكى بەلگىلىمە ئايرىم ئۇقتۇرۇلۇدىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە يەنە، ئىچكىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئىشلەشكە بارىدىغان ئۇيغۇر قىزلىرىغىمۇ شۇنداق بەلگىلىمە چىقارغان بولۇپ، ئەگەر 2 يىل ئىچكىرىدە ئىشلىمىسە توي خېتى بېرىلمەيدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. بۇنداق مەجبۇرىي شەكىلدە ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرىگە ئىشلەشكە ئېلىپ بېرىش ھەم ئۇلارنىڭ توي قىلىش ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلىش بىر قىسىم كىشىلەر ئارىسىدا نارازىلىق پەيدا قىلغان بولۇپ پەيزىۋات ناھىيىسىدە بىر قىزنىڭ قىزلارنى ئىچكىرىگە ئېلىپ ماڭىدىغان كادىرغا پىچاق تىقىش ھەم ئاقىۋەتتە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن .

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى ۋە ئەلچى مارك لاگون يېقىندا ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى بىر خەلقئارا قانۇن جەمىيىتىدە سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلار ئەمگەك كۈچى ئەتكەسچىلىكىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، "ئۇيغۇر ئاياللىرىنى شىنجاڭ رايونىدىن تەشكىللىك ۋە مەجبۇرى يۆتكەش شۇنداقلا شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرلار بۇنىڭ قۇربانلىرىدۇر." دەيدۇ سۆزىدە.

دالاي لامانىڭ بەش دۆلەت زىيارىتى خىتايغا قارىتىلغان بېسىمنى كۈچەيتىدۇ

تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ گېرمانىيە، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىش سەپىرىنى باشلىدى.

كۆزەتكۈچىلەر دالاي لامانىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تىبەت مەسىلىسىدە خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى چىڭىتىشتا جۈملىدىن بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاينى تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما ياكى ئۇنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان رەسمىي سۆھبەتتە تىبەتنىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي مەسىلىلەردە قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك قەدەم بېسىشىنى ئىلگىرىلىتىش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

سىچۈەندىكى يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئاشماقتا

ئۆتكەن ھەپتىدە سىچۈەندە يۈز بەرگەن قاتتىق يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بارغانسېرى ئاشماقتا. ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 22 مىڭدىن ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن ھەمدە ئىز - دېرەكسىزلەرنىڭ سانى ۋە تېخى قۇتۇلدۇرۇلمىغانلارنىڭ سانى قېتىلغاندا، ئۆلگەنلەرنىڭ 50 مىڭغا يېتىشىنىڭ مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا .

خەلقئارا قىزىل كرېست جەمىيىتىنىڭ ئېنىقلىشىچە، سىچۈەننىڭ بېيچىڭ ناھىيىسىدە 160 مىڭ دېھقان بولۇپ بۇلارنىڭ %80 سىنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرى ۋەيران بولغان.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، بۇ سىچۈەن ئۆلكىسىگە يەنە مەخپىي يادرو قوراللىرى تەجرىبىخانىسى جايلاشقان بولۇپ، يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن رادىئوئاكتىپ ماددىلارنىڭ قېچىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ قېلىشى ھەمدە سۇ ئامبارلىرىنىڭ خەتەر ئاستىدا ئىكەنلىكى سەۋەبىدىن ئاھالىلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئىشلىرىمۇ ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇرلار 1 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق شائىرلار يىغىنىغا قاتناشتى

تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، كونيا شەھىرىدىكى سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى كونىيا شەھەرلىك ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىشىپ، زالىدا 9 - مايدىن 11 - ماي كۈنىگىچە 1 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق شائىرلار يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

يىغىنغا ئەزەربەيجان، ئىران، گېرمانىيە، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە كوسوۋا قاتارلىق 10 دۆلەتتىن كەلگەن 70 ئەتراپىدا شائىر قاتناشقان. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن تۈركىيىنىڭ ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت قاتناشقان.

ئالىمجان ئىنايەت يىغىندا سۆز قىلغاندىن سىرت يەنە ئۆزى يازغان شېئىرنى ئوقۇپ ئۆتكەن.

خىتاي مىللىي ئىشلار كومىتېتى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

13 - ماي كۈنى خىتاي مىللىي ئىشلار كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر باياناتتا، " بۇ يىل بەزى يەرلىك دائىرىلەر، مەركەزنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىگە خىلاپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھېسسىياتىنى رەنجىتىدىغان پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلار ئارىسىدا نارازىلىقلار كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان" دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى خەۋەر شىنخۇئا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن تارقىتىلغان.

خىتاي مىللىي ئىشلار كومىتېتى يەنە، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشقا چاقىرغان. ئەمما، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلەن يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئىش بېجىرىش ئۇسۇلى ۋە ئەمەلىيىتىدە پەرقلەر مەۋجۇت بولۇپ، يەرلىك خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەركەزنى ئالداش ۋەقەلىرى ئۇيغۇر ئېلى قاتارلىق جايلاردا بۇرۇندىن تارتىپ يۈز بېرىپ تۇرغان.