ھەپتىلىك خەۋەرلەر (14 - ئىيۇندىن 20 - ئىيۇنغىچە)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008-06-20
Share

 بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلى ئۇيغۇر دىيارىدا

17 - ئىيۇندىن 19 - ئىيۇنغىچە 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۇزۇتۇش پائالىيىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر، شىخەنزە، سانجى شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كۈچلۈك بىخەتەرلىك چارىلىرى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان مەزكۇر پائالىيەتكە 624 مەشئەلچى قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ %45 نى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىگىلىگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى %90 دەپ قارىلىۋاتقان قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى، قەدىمى ئۇيغۇر شەھىرى قەشقەردىكى مەشئەل ئۇزۇتۇش پائالىيىتىگە 208 مەشئەلچى قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاران 80 نەچچە ئادەم ئۇيغۇر، قىرغىز، تاجىك ۋە باشقا مىللەت بولۇپ، %60 تىن ئارتۇق ساننى خىتايلار ئىگىلىگەن ئىكەن. ھەتتا، خەنزۇ قىزلىرىنى ئۇيغۇرچە كېيىندۈرۈپ، يۈزلىرىگە خىتاي دۆلەت بايرىقىنى چاپلاپ، مەشئەلنى قارشى ئېلىشقا ئېلىپ چىقىش ئەھۋاللىرىمۇ بولغان. ھۆكۈمەت بىر تۇتاش ھالدا مەشئەلنى قارشى ئېلىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان. بۇ قېتىمقى مەشئەل كۆتۈرۈشتە ئۇيغۇرلاردىن بوكسىيورچى ئابدۇشۈكۈر، دارۋاز ئادىل ھوشۇر ھەمدە كوممۇنىستىك پارتىيە تەشۋىقاتچىسى داۋۇت ھاشىم قاتارلىقلارمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇسسۇلچى رەنا ئولىمپىك تارىخىدىكى يېڭىلىق سۈپىتىدە ئۇسۇل ئويناپ مەشئەل كۆتۈرگەن.

خىتاي مەتبۇئات ۋاسىتىلىرى بۇ قېتىمقى مەشئەل ئۇزۇتۇش پائالىيىتىگە يۇقىرى باھا بېرىشىپ، "بۇ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەملىكەت خەلق بىلەن تەڭ نەپەس ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ" دەپ تەبىر بەردى. ئەمما، شىتابى مەركىزى نيۇيوركتىكى مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى شۇ كۈنى قەشقەردىكى ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىدە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقىنى تەنقىدلىدى.

مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى كوردىناتورى باب دېتس مۇخبىرىمىزغا بەرگەن باياناتىدا " بۇ ۋەقە بىزنى ئەپسۇسلاندۇردى. بۇ خىتاينىڭ 2001 ‏ - يىلى ئولىمپىك ساھىبخانلىقىنى تالاشقاندا بەرگەن مەتبۇئات ئەركىنلىكى توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە قانچىلىك رىئايە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ " دەپ كۆرسەتتى. ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، دائىرىلەر مۇخبىرلارنىڭ كوچىدىكى پۇقرالار بىلەن پاراڭلىشىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئولىمپىك مەشئىلىگە قارشى نامايىشلار

بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا يېتىپ كېلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇنىڭغا يۈزلىگەن ئۇيغۇرلاردىن باشقا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان.

ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇزۇتۇلۇش پائالىيىتىگە قارشى 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى يەنە كانادانىڭ ۋانكۇۋېر شەھىرىدە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلىكلەر بىرلىكتە بىرلەشمە نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى. ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بولسا، كېلەر ھەپتىدە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاي ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

6 - ئاينىڭ 17 - 18 - كۈنلىرى 4 - قېتىملىق ئامېرىكا - خىتاي ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادىي سۆھبىتى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ھېنرى پائۇلسون بىلەن خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋاڭ زھىشان باشچىلىقىدىكى ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى ئارىسىدا ئىككى دۆلەتنىڭ سودا - ئىقتىساد ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلىرى ھەققىدە سۆھبەت داۋاملاشتى.

بۇ كۈنلەردە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتايدىكى مەسىلىلەر بويىچە بىر قاتار گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلىشىپ باشقۇرۇشىدىكى خىتاي ئىشلار كومىتېتى 18 - ئىيۇن كۈنى دۆلەت مەجلىسىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ پىكىرىنى ئالدى. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تېمىسى خىتاي قانۇن تەرەققىياتىنىڭ كېلەچەكتىكى يۆنىلىشىگە بېغىشلانغان.

شۇ كۈنى يەنە ئامېرىكا ‏خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى بىناسىدا، خىتايدا بوغۇلۇۋاتقان ئاخبارات ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىك ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىلغان. مەزكۇر يىغىندا خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ دەخلى - تەرۈزگە ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىلگەن.

شۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئولىمپىك مەسىلىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق يىغىنى ئېچىلدى

بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلى ئۇيغۇر دىيارىغا يېتىپ كەلگەن 16 ‏ - ئىيۇن كۈنى، شۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ سكاندىيە زالىدا " خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئولىمپىك " تېمىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.

بۇ يىغىننى شۋېتسىيە پارلامېنتتىدىكى مۇدىراتلار پارتىيىسى ۋە خرىستىيان دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن "خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى" نامىدىكى تەشكىلات بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىنىپ ئۆتۈلگەن.

ياپونىيە سابىق باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلدى

9 - ئىيۇن كۈنىدىن ئېتىبارەن ياپونىيىدە سەپەردە بولۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك بىر قىسىم ياپونىيە ئىنسان ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تونۇشتۇرغان.

15 - ئىيۇن كۈنى سابىق ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن شۇنىڭدەك ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى 15 - ئىيۇن كۈنى توكيودا قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر جەمئىيەتكە ئىلھام مەخمۇت رەئىس بولۇپ سايلانغان ئىدى. بۇ ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئاشكارا يوسۇندا بىر جەمئىيەتكە ئۇيۇشۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى يېقىندىن بۇيان بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. 6 ‏ - 15 ‏ - كۈنى مەزكۇر جەمىيەت ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ ۋە سافاكۆي رايونلىرىدا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈن ئاچقان ئانا تىل يەسلى سىنىپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

مەزكۇر جەمىيەت يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي - مائارىپ ئىشلىرىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىستانبۇل قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق ئەمەلىي ئىشلارنى قىلغان ئىدى.

ساختا "شەرقىي تۈركىستانچى" قولغا چۈشتى

يېقىندا خىتاينىڭ شەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭداۋ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى ئۆزىنى "شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى" نىڭ ئادەملىرى دەپ ئاتاپ، پارتلىتىش تەھدىتى سېلىپ، ئىككى مىليون 080 مىڭ يۈەن تەلەپ قىلغان ئۇچ نەپەر خىتاينى قولغا ئالدى.

بۇ ھەقتە خىتاينىڭ قانۇنچىلىق تورى ئۇچۇر بەرگەن بولۇپ، قىمارۋازلىق قىلغان مەزكۇر خىتاي جىنايەتچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورچىلىق بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ نامىنى سۇيىئىستېمال قىلغان. بىراق، چىڭداۋ ساقچى دائىرىلىرى مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت