ھەپتىلىك خەۋەرلەر (11 - ئۆكتەبىردىن 17 - ئۆكتەبىرگىچە)
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2008.10.17
2008.10.17
د ئۇ ق نامايىشتا ئۆزىنى كۆيدۈرگەن مەمەتتۇرسۇن ئەپەندىنى تەقدىرلىدى
بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىغا قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىن ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىگە نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىگە ئوت قويۇپ كۆندۈرۈۋالغان مەمەتتۇرسۇن ئەپەندى دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغاندىن كېيىن 13 - ئۆكتەبىر كۈنى يارىسى ياخشىلىنىپ، دوختۇرخانىدىن چىقىپ، ئىستانبۇلغا قايتىپ كەلگەندە كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن ھەمدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلار تەقدىرلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ ، ئۇنى تەقدىرلىگەن ھەمدە 10500 دوللار ياردەم پۇلى بەرگەن.مەمەتتۇرسۇن 4 - ئايدا ئولىمپىك مەشئىلى ئىستانبۇلدىن ئۆتكەندىمۇ ئۇنى ئۆچۈرۈشكە تىرىشقان ئىكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئوز پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ، مەزكۇر تەقدىرلەشنىڭ ئۇنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ قەيسەر پىداكارلىق روھىغا ئاتالغانلىقى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز قەھرىمانلىرىنى قەدىرلەشنى بىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى
ھۈسەيىن جېلىلنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ناچارلىشىپ قالغان
2006 - يىلى تۇغقان يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن كانادادىن ئۆزبېكىستانغا بارغاندا قولغا ئېلىنىپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن، شۇنداقلا خىتاي تەرىپىدىن " تېررورچى" دەپ ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ھۈسەيىن جېلىلنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ناچار ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.بۇ ھەقتە كانادا چىقىدىغان يەر شارى پوچتىسى گېزىتى ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ماقالىدە ھۈسەيىن جېلىلنىڭ 75 ياشلىق ئانىسى سالىخان ۋە ھەدىسى خەيرىگۈلنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى شۇنىڭدەك ھۈسەيىن جېلىلنىڭ قاتتىق رېجىم ئاستىدا تۇتۇلۇش سەۋەبىدىن سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھۈسەيىنجان جېلىل كۆپ قېتىم دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ تەلەپ ئورۇندالمىغان.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى نامزاتلىرى مۇنازىرە ئېلىپ باردى
ئامېرىكىدىكى پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ سايلام پائالىيەتلىرى جىددىي داۋاملاشماقتا، 10 ئاينىڭ 15 - كۈنى كەچتە، نيۇيورك شەھىرىنىڭ لوڭ ئايلاند ئارىلىدىكى خوفسترا ئۇنىۋېرسىتېتىدا دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى باراك ئوباما بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى جوھن مىككېيىن ئوتتۇرىسىدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق مۇنازىرە بولۇپ ئۆتتى. بۇ مۇنازىرە ئۇلارنىڭ ئاخىرقى غەلىبىلىرىدە مۇھىم رول ئوينىشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.ئوباما بىلەن مىككېيىن مۇنازىرىسىدە ئامېرىكىنىڭ تاشقى - ئىچكى سىياسىي، ئىقتىسادىي كرىزىس ،مائارىپ ، ساقلىقنى ساقلاش، باج سىستېمىسى ۋە پاراۋانلىق قاتارلىق تۈرلۈك مەسىلىلەرنى تالاش - تارتىش قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرى ۋە پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم بۇ ئارقىلىق مىليونلىغان ئامېرىكىلىقلارنى قايىل قىلىشقا تىرىشقان. ئۇلارنىڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ سايلىمى 11 - ئاينىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
5 - نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ياشلىرى قۇرۇلتىيى تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلدى
5 - نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ياشلار قۇرۇلتىيى تۈركىيىنىڭ قارابۈك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ھەر قايسى ئەللەردىن كەلگەن 250 دىن ئارتۇق تۈركىي مىللەت ياشلىرىنىڭ تەركىبىدە ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ۋەكىللىرىمۇ بار. 1991 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن كۆپ ساندا تۈركىي مىللەتلەر مۇستەقىللىققا ئېرىشتى. بۇ تۈركىي مىللەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۆپ ساندا ئاممىۋى تەشكىلاتلار قۇرۇلغان ئىدى.ئەنە شۇنىڭدىن تارتىپ ئۆتكۈزۈلگەن قۇرۇلتايلارغا ئۇيغۇر ۋەكىللىرىمۇ ئىزچىل قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈركىي مىللەت ياشلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە ئىكەن. يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق جەمىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى خەيرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قۇرۇلتايغا قاتنىشىشىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پاكىستان پرېزىدېنتى زەردارى خىتاينى زىيارەت قىلدى
تېخى يېقىندىلا پاكىستاننىڭ پرېزىدېنتلىق ئورنىنى ئىگىلىگەن ئاسىپ زەردارى 15 - ئۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭنى رەسمىي زىيارەت قىلىپ؛ خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كوپ مەسىلىلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇرغان. ئۇلارنىڭ سۆھبەتلىرىدە خىتاي بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى سودا - ئىقتىساد ، سەرمايە، يادرو ئېنېرگىيىسى، تېخنىكا ۋە "تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش " قاتارلىق مەسىلىلەر مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن.زەردارىنىڭ بۇ زىيارىتى پاكىستاننىڭ سابىق پرېزىدېنت پەرۋىز مۇشەررەپنىڭ خىتايغا قاراتقان ھەمكارلىق سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. زەردارىنىڭ بۇ زىيارىتى ئامېرىكىنىڭ ھىندىستان بىلەن يادرو كېلىشىمى تۈزگەن شۇنىڭدەك ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ تالىبانلارغا قارشى ھەرىكەتلىرى كۈچەيگەن بىر پەيتكە توغرا كەلگەن. زەردارى ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە خىتاي بىلەن يېقىن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.









