ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 25 - ئۆكتەبىردىن 31 - ئۆكتەبىرگىچە )

0:00 / 0:00

گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل خانىم بېيجىڭدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل خانىم، 23 - ئۆكتەبىر پەيشەنبە كۈنى باشلىنىپ، شەنبە كۈنى ئاياغلاشقان 3 كۈنلۈك خىتاي زىيارىتى جەريانىدا، تىبەت مەسىلىسى بىلەن بىرگە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئالغان شۇنداقلا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىككى رايوننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

بۇ، گېرمانىيە باش مىنىستىرىنىڭ تۇنجى قېتىم " ئۇيغۇر " دېگەن كەلىمىنى تىلغا ئېلىشى، شۇنداقلا خىتاي بىلەن بولغان مۇزاكىرىلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاڭلىتىش باشلىدى

26 - ئۆكتەبىر، تۈركىيە دۆلەتلىك رادىئوسى ئۇيغۇر تىلىدا ئاڭلىتىش بېرىشنى باشلىغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن چەتئەللەردە بىۋاسىتە ئۇيغۇر تىلىدا ئاڭلىتىش بېرىدىغان رادىئو ئىستانسىلىرىدىن يەنە بىرى كۆپەيدى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر رادىئونىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى پروگراممىسى خەلقئارا خەۋەرلەر، تۈرك دۇنياسى خەۋەرلىرى، تىل - مەدەنىيەت ۋە تارىخ قاتارلىق مەزمۇنلاردا ھەر كۈنى بىر سائەتتىن ئىككى قېتىم ئاڭلىتىش بېرىدىكەن.

تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى تۈركىيە رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ قارمىقىدىكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان رادىئو ئىستانسىسى بولۇپ، نۆۋەتتە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى - خىزمەتچىسى بار بولغان، 30 خىل تىلدا ئاڭلىتىش بېرىدىغان ئەڭ چوڭ ۋە مۇھىم ئاخبارات ئورنىدۇر.

ئۇيغۇر ئالىم ئەركىن سىدىقنىڭ ئالەم تېخنىكىسى ساھەسىدىكى يېڭى كەشپىياتى مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىغا جايلاشقان بىر تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىنژېنېرى دوكتۇر ئەركىن سىدىق، ئالەم بوشلۇقىدىكى تېلېسكوپنى يەر شارى باشقۇرۇش مەركىزىدە تۇرۇپ تەڭشەشتە ئىشلىتىدىغان بىر يېڭى تېخنىكا كەشىپ قىلغان بولۇپ، ئالىمنىڭ مەزكۇر تېخنىكا نەتىجىسى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ تېخنىكا تېخى تۇنجى قېتىم ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، 28 - ئۆكتەبىر ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە ھەم ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسىنىڭ " كەشپىيات ۋە تۆھپە باشقارمىسى" ئالىمغا، مۇكاپات بۇيۇمى ھەم مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك شەرەپ گۇۋاھنامىسىنى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.

دوكتور ئەركىن سىدىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ پەقەت ھازىر مۇكاپات ئالغان تېخنىكىسى بىلەنلا توختاپ قالمىغان بولۇپ، ئۇ يېقىندا يەنە ئۆزى كەشىپ قىلغان ئىككى خىل يېڭى تېخنىكىنى ئېلان قىلىدىكەن.

گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى تۈرمە ھەربىي دائىرىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

26 ‏ - ئۆكتەبىر ئامېرىكىنىڭ گۇئانتانامودىكى ھەربىي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ باش ئادۋوكاتى سېيبىن ۋېللىت ئەپەندى، مەزكۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا فېدېرال سوتىدىكى تەرەققىياتىنى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىغا يەتكۈزۈش ھەمدە ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن، گۇئانتاناموغا كەلگەن.

تەرجىمانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، روشەن خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر ياشلارنىڭ روھى كەيپىياتى ئادەم ھەيران قالغۇدەك دەرىجىدە يۇقىرى بولۇپ، ئۇلار ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئۈمىدىنى قىلچە يوقاتمىغان ئىكەن.

27 ‏ - ئۆكتەبىر مەزكۇر ئادۋوكات سېيبىن ئەپەندى، ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى يەنىلا كىشەنلەنگەن ھالدا كۆرۈشنى خالىماي، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىكىدىن ئۇلار بىلەن زەنجىر ۋە كىشەنسىز ئەركىن ھالەتتە ئۇچرىشىشنى تەلەپ قىلغان.

تەن جازاسىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرى توغرىسىدىكى دوكلات ب د ت غا يوللاندى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش شتابى خىتاي تۈرمىلىرىدە ئېغىر قىيىن - قىستاق ۋە تەن جازالىرىغا يولۇققان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرى توغرىسىدا، مەخسۇس بىر دوكلات ھازىرلاپ، ئالدىنقى ھەپتە ب د ت قىيىن - قىستاققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىغا يوللانغان.

بۇ يىل 11 - ئايدا ب د ت قىيىن - قىستاققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى جەنۋەدە يىغىن چاقىرىپ، خىتايدىكى تەن جازاسى مەسىلىسى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە،، د ئۇ ق يەنە بۇ يىل 11 - ئايدا خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ، ب د ت باش شىتابىدا خىتايدىكى قېيىن - قىستاقلار ھەققىدە مەخسۇس يىغىن چاقىرىدىكەن ھەمدە خىتاي تۈرمىلىرىدە زۇلۇم چەككەن ئۇيغۇرلارنى تىرىك شاھىدلار سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىرىدىكەن.

خىتايدا مېھمانخانىلار ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلغاندا دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىش بۇيرۇقى تاپشۇرۇۋالغان

يېقىندا خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرى خەيدىيەن رايونى تەۋەسىدىكى خۇئايۇئەن يولى ساقچىخانىسى ئۆز رايونىدىكى مېھمانخانا ۋە مۇنچا مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلارغا قارىتا بىر ئۇقتۇرۇش چىقارغان.

ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، خەيدىيەن رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك تارماق ئىدارىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھازىردىن باشلاپ خەيديەن رايونىغا تەۋە ھەرقايسى مېھمانخانا ۋە يۇيۇنۇش ئورۇنلىرى ئۇيغۇر ۋە تىبەت مېھمانلارنى قوبۇل قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىش ۋە مەزكۇر مىللەتكە تەۋە مېھمانلارنى قوبۇل قىلغاندا ئۇلارنىڭ گۇۋاھنامىلىرىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش ھەمدە "مىللەت" كاتېگورىيىسىنى ئەستايىدىل تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.

رادىئومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مەزكۇر ئۇقتۇرۇش ئەسلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى چۈشۈرگەن ھۆججەتنىڭ روھىغا ئاساسەن چۈشۈرۈلگەن ھەمدە بېيجىڭ شەھىرىدىكى ھەرقايسى مېھمانخانا ۋە يۇيۇنۇش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلارغا بىردەك تارقىتىلغان.