ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 29 - نويابىردىن 5 - دېكابىرغىچە)

ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.12.05

ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار كۆپەيمەكتە

ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن تۇنجى يۇقۇملانغۇچى بايقالغان ئۆتكەن 13 يىل جەريانىدا، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 60 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئۇيغۇر ئىلى سەھىيە تارماقلىرىنىڭ مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ يىل سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 14 ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەرلىرىدە تىزىمغا ئېلىنغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 24 مىڭ 818 نەپەرگە يەتكەن.

خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى 2006 - يىلى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شۇ يىلى ئىيۇنغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە تىزىمغا ئېلىنغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 16 مىڭ 35 نەپەر بولۇپ، يۇقۇملانغۇچىلار سانى ئىككى يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 8735 نەپەر كۆپەيگەن.

باراك ئوباما ئۆز ھۆكۈمىتىدە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار ۋەزىپە ئۆتەيدىغان خادىملارنى جاكارلىدى

1 - دېكابىر دۈشەنبە كۈنى، يېڭىدىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان باراك ئوباما، ئۆز ھۆكۈمىتىدە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار ۋەزىپە ئۆتەيدىغان خادىملارنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىلارىي كلىنتون خانىمنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسى ئۆتەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئاخبارات ئېلان قىلىشى يىغىندا، نۆۋەتتىكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتىسنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى مۇقىملاشتۇرۇلغاندىن باشقا يەنە، پېنسىيىگە چىققان گېنېرال جىم جونېزنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى، ئېرىك ھولدېرنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرلىكى باش مىنىستىرى، ئارىزونانىڭ شتات باشلىقى جەنەت ناپولىتانونىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى باش مىنىستىرى ۋە سۇزەن رايىسنىڭ ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولۇپ تەيىنلىگەنلىكىنى جاكارلاندى.

چىڭداۋدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان

30 - نويابىر خىتاي ساقچىلىرى سەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭداۋ شەھىرىدىكى جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خۇاڭداۋ شۆبە مەكتىپىدە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۇرۇپ، ئېغىر زەخىملەندۈرگەن.

ۋەقە 11 - ئاينىڭ 30 ‏ - كۈنى كەچقۇرۇن مەكتەپ جايلاشقان رايوندىكى " ئامازون" ئېلېكتر سايمانلار دۇكىنىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، تېلېفون باتارېيىسى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئامازون ئېلېكتر سايمانلار دۇكىنىغا كىرگەن 5 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى كەينىگە " پايلاقچى" كىرىۋالغانلىقىنى بايقىغان.

مەزكۇر پايلاقچىلار، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلىرى بىلەن مېڭىشقا بۇيرىغان، ئەمما ئوقۇغۇچىلار رەت قىلغاندىن كىيىن، ساقچى كىنىشكىسىنى چىقىرىپ ئۆزلىرىنىڭ ساقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان شۇنداقلا ئۇيغۇر بالىلارنىڭ "بىز ئوقۇغۇچى" دېگىنىگە قارىماي، ئۇلارنى نەق مەيداندا ئۇرۇپ - دەسسەپ كېتىشكەن.

15 نەپەردەك خىتاي ساقچىسى 5 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى ئۇرۇپ، ئاغىز - بۇرۇنلىرىنىڭ قانغا مىلىۋەتكەن. كىيىن ئۇلار يەنە ئوقۇغۇچىلارنى دۇكان سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ داۋاملىق ئۇرغان. نەتىجىدە ئارىسىدىكى بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ بىلىكى سۇنۇپ كەتكەن باشقىلار ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يارىلانغان.

ۋەقەدىن كېيىن بۇ ئىشقا مەكتەپ دائىرىلىرى ئارىلاشقان بولۇپ، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نېمە ئۈچۈن سەۋەبسىز تاياق يېگەنلىكىنى سۈرۈشتۈرگەن، ئوقۇغۇچىلارنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىش، داۋالاش راسخودىنى ساقچىخانا چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئاقتۇدا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ھەر بىر دېھقان ئائىلىلىرىگە بىردىن ماتېرىياللىرى ئوقۇپ بەرگۈچى بېكىتتى

ئۇيغۇر ئېلى يەرلىك خەۋەر مەنبەلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئاقتو ناھىيىسى دائىرىلىرى تارقىتىلغان "مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى ئۆگىنىش ماتېرىياللىرى"نى دېھقانلارنىڭ مېڭىسىگە قۇيۇش ئۈچۈن ھەر بىر ئائىلىگە بىردىن ماتېرىيال ئوقۇپ بەرگۈچى بېكىتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئوقۇپ بەرگۈچىلەر ھەر بىر دېھقان ئائىلىسىدىكى ساۋاتلىق كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۈندە كەچلىك تاماقتىن كېيىن ھۆكۈمەت تارقاتقان مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ماتېرىيالىنى ئۆز ئائىلە ئەزالىرىغا ئوقۇپ بېرىپ، سىياسىي ئۆگىنىشكە تەشكىللەشنى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى تارقاتقان "مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش" قا ئالاقىدار سىياسىي ئۆگىنىش ماتېرىيالى ھەر بىر ئۇيغۇر دېھقاننىڭ قولىغا قەدەر تولۇق يەتكۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن دېھقانلار ساۋاتسىز بولغاچقا ماتېرىيالنى ئومۇملاشتۇرۇش مەقسىتىگە يېتەلمىگەن بولغاچقا، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ خىل چارىنى ئويلاپ تاپقان.

سەنلۇ سۈت پاراشوكىدىن زەھەرلەنگەنلەر ئىچىدە ئەڭ كىچىكى ئۇيغۇر ئېلىدە

خىتايدا چەكلەنگەن زەھەرلىك سەنلۇ ماركىلىق سۈت پاراشوكىنىڭ تەسىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەڭ چەت ياقىلىرى غىچە تارالغان بولۇپ، مەزكۇر پاراشۇكتا زەھەرلەنگەن مۇجاھىت بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كىچىكى ۋە ئەڭ ئېچىنىشلىق قىسمەتكە يولۇققىنى بولسا كېرەك.

مەلۇم بولۇشىچە، مۇجاھىت تېخى 8 ئايلىقتىن سەل ئاشقان بوۋاق بولۇپ، ئۇنى ئاتا - ئانىسى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيىسىدىن، 11 - ئاينىڭ بېشىدا داۋالىتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەلگەن.

رادىئومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە مۇجاھىت شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى بىرىنچى دوختۇرخانىسىدا بۆرەكتىكى تاشنى چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلىنىپ داۋالانماقتا.

گەرچە 11 - نويابىر كۈنى مۇجاھىتنىڭ ئوڭ بۆرىكىدىن تاش چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولسىمۇ، قايتا تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە دوختۇرلار ئۇنىڭ سول بۆرىكىدىمۇ تاش پەيدا بولغانلىقى ھەم سۇ يىقىلغانلىقىغا دىئاگنوز قويغان.

نۆۋەتتە مۇجاھىتنىڭ ئاتا - ئانىسى ياسىن بىلەن ھۆرنىسا ئوغلى مۇجاھىتنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۇرچى مەيدانغا كەلتۈرۈلگەن بارلىق روھى ۋە ئىقتىسادى بەدەللەرنى تۆلەش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.