ھەپتىلىك خەۋەرلەر (20-يانۋاردىن 26-يانۋارغىچە)
2008.01.25
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى كۇلۇبى «ئىلھام مۇكاپاتى» نى تارقاتتى
قازاقىستان ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت -مائارىپ ۋە سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ماددىي جەھەتتىن قوللاش ئارقىلىق كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. دىلمۇرات قوزىيېۋ باشچىلىقىدىكى قازاقىستان ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى كۇلۇبى "ئىلھام" دەپ ئاتالغان بىر مۇكاپات تەسىس قىلغان بولۇپ، ئۇلار بىر قانچە يىللاردىن بۇيان ھەر يىلى بىر قېتىم باھالاش ئېلىپ بېرىپ، ئەدەبىيات -سەنئەت، ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەنلەر ھەم باشقا ساھەلەردە كۆزگە كۆرۈڭەن ۋە نەتىجە ياراتقانلارنى مۇكاپاتلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا. 2 - يانۋار كۈنى ئالماتادىكى مۇختار ئەۋىزوف نامىدىكى دۆلەتلىك تېياتىرخانىدا 2007-يىللىق «ئىلھام مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى . چەتئەل ئەلچىلىرى ۋە دۆلەت ئەربابلىرى قاتناشقان مەزكۇر پائالىيەتتە مەدەنىيەت سېپىدىكى جۈملىدىن ئەدەبىيات ، سەنئەت ، تىنچلىق قاتارلىق ساھەلەردە مول نەتىجە ياراتقان تۆھپىكارلار مۇكاپاتلاندى. بۇ قېتىمقى مۇكاپاتنىڭ تۇرى ئالدىنقى يىلدىكىدىن كۆپەيگەن بولۇپ، ئۇنىڭ دائىرىسىگە تىنچلىق مۇكاپاتىمۇ كىرگۈزۈلگەن .
ئىلىدا بىر قىسىم چەتئەللىكلەر تازىلاندى
21- يانۋار كۈنى ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا ھۆكۈمەت ھەمدە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىرلىكتە ، چېگرىدىن قانۇنسىز كىرگەن ، رەسمىيەتسىز تۇرۇۋاتقان ھەم قانۇنسىز ئىشلەۋاتقان يەنى چەتئەل تىلى دەرسى بېرىپ، ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان چەت ئەللىكلەرگە قارىتا ئۈچ خىل قانۇنسىزلارنى تازىلاش ھەرىكىتى باشلىغانلىقى ۋە بۇ جەرياندا 19 چەتئەللىكنى قولغا ئالغانلىقى خەۋەر قىلىندى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت تور بېتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر چەتئەللىكنىڭ 17 نەپىرى قانۇنسىز چېگرىدىن كىرگەنلەر بولۇپ، ئىككى نەپىرى قانۇنسىز ئىشلىگەنلەر ئىكەن. ئىلى دائىرىلىرى يەنە تۈرلۈك تەكشۈرۈش ۋە كونترول قىلىش چارىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىننىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ھەم شۇ ۋاقىتتىكى ئامانلىق تەرتىپىنى ساقلاش مۇددىئاسىغا يەتمەكچى ئىكەن.
ئۈرۈمچىدە قوراللىق بىڭتۈئەن تەربىيىلەيدىغان چوڭ بىنا سېلىنىشقا باشلىغان
ئۈرۈمچىدىكى ۋۇجاچۈ دەپ ئاتىلىدىغان خىتاي قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ تۇرالغۇ جايى رەسمىي شەھەر قىلىپ ئۆزگەرتىلگەندىن بۇيان ،ئۇنىڭ تەرەققىيات سۈرىتى تېز بولماقتا، يېقىندا ۋۇجاچۈدە ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش تەلىپى بويىچە قوراللىق بىڭتۈئەن ئەسكەرلىرىنى تەربىيىلەيدىغان بىر قوماندانلىق شىتابى قۇرۇلغان ۋە بۇ ئورگان ئۈچۈن چوڭ بىنا سېلىنىشقا باشلىغان. بۇ چوڭ بىنانىڭ نامى ئېكولوگىيىلىك ھەربىي گازارما' دەپ ئاتىلىدىكەن. نۆۋەتتە، بىڭتۈئەننىڭ ھەربىي تەييارلىق ئىشلىرىغىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى مەلۇم.
بىڭتۈئەن دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئادەم سانىنى ئىككى يېرىم مىليون دەپ ئېلان قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتىكى سانىنىڭ بۇنىڭدىن خېلى كۆپ ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا. بىڭتۈئەن ئۇيغۇر ئېلىدا پەيدا بولغاندىن بۇيان يەرلىك خەلقلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئادەتتە قوراللىق دېھقانلار دەپ قارىلىدۇ.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتىدە ھوقۇق تەڭشەش ئېلىپ بېرىلدى
22- يانۋار كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھوقۇق تەڭشەش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى رەھبەرلىك ئورنىدا ئۆزگىرىش بولغان. بۇ ئۆزگىرىشلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 11- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- قېتىملىق ئومۇمى يىغىنىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە بولغان . ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى ۋە مۇئاۋىن مۇدىرلىرى ھەم يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىقلار بېكىتىلىپ چىقىلغان.
بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا 9 نەپەر مۇئاۋىن رەئىس بېكىتىپ چىقىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بەش نەپەر خىتاي ، بىر نەپەر قازاق بار ئىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلەر قاتلىمىدا خىتايلارنىڭ سانى ئۇيغۇرلاردىن ئارتۇق بولغان. بۇ قېتىم نۇر بەكرى رەئىسلىككە رەسمىي بەكىتىلگەن بولۇپ، ئۇ سۆز قىلىپ ، ئۆزىنىڭ ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقى، پارتىيە ھۆكۈمەتكە سادىق بولۇپ خىزمەت قىلىدىغانلىقى ۋە باشقا خىزمەتلەر بويىچە ۋەدە بەرگەن. نۇر بەكرىنىڭ رەئىس بولۇشى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۈرلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىماقتا.
رۇسىيە باش شىتاب باشلىقى؛ رۇسىيە تاجاۋۇزچىلىققا يادرو قورالى ئارقىلىق جاۋاب بېرىدۇ
ئۆتكەن شەنبە كۈنى رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرى باش قوماندانلىق شىتاب باشلىقى گېنېرال ئارمىيە يۇرىي بالۇئېۋسكىي "دۇنيا شۇنى چۈشىنىشى لازىمكى، رۇسىيە ئەگەر زور خەۋپكە دۇچ كەلسە، يادرو قوراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي كۈچلىرى بىلەن ئۆزىنى قوغدايدۇ، رۇسىيىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلىش پىلانى يوق" دەپ بىلدۈردى. ئۇ، سۆزىدە رۇسىيىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ھەم زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قوراللىق كۈچلەرنى ئىشلىتىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن. . رۇسىيە ئالىي ھەربىي ئەمەلدارىنىڭ بۇ خىل يادرو قورالى ئىشلىتىشتىن يانمايدىغانلىقىنى جاكارلىشى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (5 - يانۋاردىن 11 - يانۋارغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (29 - دېكابىردىن 4 - يانۋارغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (22 - دېكابىردىن 28 - دېكابىرغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 1 - دېكابىردىن 7 - دېكابىرغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 24 - نويابىردىن 30 - نويابىرغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (17 - نويابىردىن 23 - نويابىرغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (10 - نويابىردىن 16 - نويابىرغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (3 - نويابىردىن 9 - نويابىرگىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (20 - ئۆكتەبىردىن 26 - ئۆكتەبىرگىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (13- ئۆكتەبىردىن 19 - ئۆكتەبىرگىچە)