ھەپتىلىك خەۋەرلەر (4- فېۋرالدىن 8-فېۋرالغىچە)


2008.02.08

5-فېۋرال ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر قىسىم دۆلەتلەردە نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقى ھەم ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە جامائىتىنىڭ قوللىشى نەتىجىسىدە 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 11 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا، فرانسىيە، گېرمانىيە، تۈركىيە، گوللاندىيە، نورۋىگىيە ۋە باشقا مەملىكەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ھەم كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى ، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بولسا، تۈرلۈك شەكىلدە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇردى.

5-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نامايىشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم يېتەكچىلىك قىلدى ھەمدە نۇتۇق سۆزلىدى . بۇ نامايىشقا ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار ھەمدە مەركىزىي نىيوركتىكى خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتىنىڭ 150 دىن ئارتۇق ئەزاسىمۇ كېلىپ قاتناشقان بولۇپ، خىتاي دېموكراتلىرى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

تۈركىيە پارلامېنتىدا غۇلجا ۋەقەسى مۇزاكىرە قىلىندى

5- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 11- يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيە پارلامېنتنىڭ كۈن تەرتىپىگە قويۇلغان بولۇپ، 2 -ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەھمەت ئېكىچى ئەپەندى مەخسۇس سۆز ئېلىپ، غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدە پارلامېنت ئەزالىرىغا مەلۇمات بەردى ھەمدە نۆۋەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھوقۇقى مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بولۇپمۇ، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىش بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى. يېقىندىن بۇيان د ئۇ ق نىڭ تۈركىيىدىكى ۋەكىللىرى تۈركىيە دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر دەۋاسىنى تونۇشتۇرۇپ، تۈركىيىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرغان ئىدى.

ئىسلام كەرىموف موسكۋانى زىيارەت قىلدى

ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق پرېزىدېنتلىق مۆھلىتىنى تېخى يېقىندىلا قولغا ئالغان مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ھاكىمىيەت سۈرگەن دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان ئىسلام ئابدۇغېنى ئوغلى كەرىموف 5-6-فېۋرال كۈنلىرى موسكۋادا رەسمىي زىيارەتتە بولۇپ، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن يېپىق ۋە ئاشكارا شەكىللەردە سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە مەزكۇر ئىككى دۆلەت ئارىسىدا يەنە بىر قاتار كېلىشىملەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ قېتىم كەرىموف پۇتىن بىلەن ئۆزبېكىستان گازىنى رۇسىيىگە داۋاملىق تۆۋەن باھادا سېتىپ بېرىشكە پۈتۈشكەن ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ 2008-يىللىق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق پىلانى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ھەمكارلىق پروگراممىلىرىنى ئىمزالىغان. كەرىموف 2005-يىلىدىكى ئەنجان قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى سوغۇقلاشتۇرۇپ، خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى قويۇقلاشتۇرغان ئىدى.

ياۋروپا بىرلىكى خىتاينىڭ چەتئەل ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى چەكلىگەنلىكىگە قارىتا ھەرىكەت قوللانماقچى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 2 ‏- ئاينىڭ 6 ‏- كۈنى برۇسسېلدىن بايان قىلىشىچە، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ باياناتچىسى پىتېر پاۋېر مۇخبىرلارغا، خىتاينىڭ چەتئەل ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى چەكلەۋاتقانلىقىغا قارىتا دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئارقىلىق ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىنسان ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىمۇ يېقىندا ۋاشىنگتوندا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ئولىمپىك يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئىنسان ھوقۇقىنى ياخشىلاش مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدىكەن.

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات باش نازارەتچىسى ئامېرىكىنىڭ خىتاي تەھدىتىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۆتكەن ھەپتىدە ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات باش نازارەتچىسى مايكول ماككوننەل، ئۆتكەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئاخبارات كومىتېتىغا يەر شارىدىكى تەھدىتلەر توغرىسىدا دوكلات تاپشۇرۇپ، خىتايدىن كېلىدىغان تەھدىتنىڭ ئۆزلىرىدە ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. دوكلات تاپشۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ماككوننەل، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت، قورال - ياراقلار جەھەتتىكى تەھدىت سېلىش كۈچى شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ئالەم بوشلۇقى ئەسلىھەلىرىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتى ھەققىدە توختالدى. ماككوننەلل سۆزىدە ئامېرىكىغا كېلىدىغان تەھدىتلەرنىڭ ئاساسلىقى ئەل- قائىدە، تېررورچىلىق، ئىراقنىڭ بىخەتەرلىكى، ئامېرىكا پاكىستان ۋە ئافغانىستانلاردا دۇچ كەلگەن رىقابەت، قىرغۇچى خاراكتېرلىك قوراللار، ئىران ۋە شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللار پىلانى قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە خىتايدىن كېلىدىغان تەھدىتلەر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن .

شىخو قەھرىمانلىرى ئۈچۈن قەبرە تۇرغۇزۇلدى

شىخو 1945-يىلى ،9-ئايدا مىللىي ئارمىيە بىلەن گومىنداڭ قوشۇنلىرى ئارىسىدا قاتتىق جەڭ بولغان ئورۇن. شىخونى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا مىللىي ئارمىيە گومىنداڭنىڭ يەتتە مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنىڭ مۇداپىئە توساقلىرىنى بىتچىت قىلىپ تاشلىغان بولۇپ، مەزكۇر جەڭدە 800 گە يېقىن مىللىي ئارمىيە جەڭچى -ئوفىتسېرى قۇربان بولغان ئىدى. ھازىرغا قەدەر مەزكۇر شېھىتلار ئۈچۈن قەبرە ئورنىتالمىغان بولۇپ، تۇرسۇن باقى ئىسىملىك تىجارەتچى ئۆز يېنىدىن مەبلەغ ئاجرىتىپ، يېقىندا شېھىتلار ئۈچۈن قەبرە ياساتقان. تۇرسۇن باقىنىڭ بۇ خىزمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى باھاسىغا سازاۋەر بولغان. ( ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.