ماجۈ: «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش» نىڭ ‹يول خەرىتىسى›_ خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى يول خەرىتىسىدۇر»
2023.09.28

خىتايچە «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 9-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە «9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنى» قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، «شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان» 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەندىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ھەرقايسى ۋىلايەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر يىغىنغا قاتناشقان. يىغىندا «خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ‹كىشىگە ئىلھام بېرىدىغان يول خەرىتىسى› سىزىپ چىقىلغان.
خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان تۇڭگان ئانالىزچى ماجۈ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خەۋەردە تەشۋىق قىلىنغان ‹يول خەرىتىسى› ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان بىر يۈرۈش سىياسەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۆزلىرىنى روھلاندۇرىدىغان، ھاياجانغا سالىدىغان ‹يول خەرىتىسى› ئىكەن. ئۇ خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى تېزلىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنۇلارنى دېدى:
«بۇ ئەمەلىيەتتە 1948-يىلدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىگە ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت ئۇنى ‹ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى› دەپ ئېتىراپ قىلغان ئەھۋالدىمۇ، خىتاي يەنە ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى نومۇسسىزلارچە دەپسەندە قىلدى. ھالبۇكى، بىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، مەدەنىيەت، دىنىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئاللىقاچان يوقىتىپ، ئۇلارنى خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇۋاتىمىز. شۇڭا بۇ يەردە كۆرسىتىلگەن ‹يول خەرىتىسى› ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ يول خەرىتىسى. مەن بۇ يەردە ئەمەلىيەتنى كۆزدە تۇتقان ھالدا ئېچىنىپ تۇرۇپ شۇنى ئېيتماقچىمەنكى، خىتاي ئاللىبۇرۇن ئۆزىنىڭ مەقسەت پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇلار مۇستەملىكە قىلىۋالغان ئۇيغۇر زېمىنىدا ياشاۋاتقان مىللەتلەرنى ئىش ئورنىدىن ئايرىپ، مەدەنىيەت، سىياسەت ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن پۈتۈنلەي سىقىپ چىقىرىپ يوقاتتى. ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خىتاي ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەڭ قىيىن، خەتەرلىك دەپ قارىغان ۋەزىپىلىرىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى تاماملاپ، ئەمدى بۇنىڭ ‹مېۋىسىنى› كۆرىدىغان باسقۇچقا كىردى» .
«شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىم ئېچىلغان «شىنجاڭغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىش يىغىنى» ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممە ئادەم شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىۋاتقان، ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان پەيتكە توغرا كەلگەن.
ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان خىتاي يازغۇچى خې ئەنچۈەن ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ يىغىنىدا تەكىتلەنگەن «شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش» دېگەندەك بىر قاتار كۆرسەتمىلىرى ئىچىدە، مائارىپ ئارقىلىق ياردەم قىلىشنىڭ ئەڭ قەبىھ بىر پىلان ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:
«مېنىڭچە ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ ۋە مەدەنىيەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ نۇقتا ئىنتايىن رەزىل بىر پىلان ھېسابلىنىدۇ. بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىش بىلەن بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تۈركۈملىگەن خىتاي مائارىپچىلارنى يۆتكەپ كېلىشى، ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى خىتاي مائارىپى بىلەن يېتىلدۈرۈپ، خىتاي تىلى ئارقىلىق ئۇلارغا خىتاينىڭ ئىدېئولوگىيەسى ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى سىڭدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ بىر قاتار «يول كۆرسەتمىلەر» خىتاينىڭ باشقا مىللەتلەرگە ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى» ئېڭىنى سىڭدۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنى ئېرىتىۋاتقانلىقى، ئۇلارغا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» .
خەۋەردە يەنە، ئاتالمىش «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش» قۇرۇلۇشىنىڭ دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ھەممىنىڭ بىردەك «شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا دەل جايىدا ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئۇزاققىچە ياردەم بېرىش» تە چىڭ تۇرۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن ھەمدە «شىنجاڭ يول خەرىتىسى» نى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.
ماجۈ ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ يىغىننى ئېچىشتىكى مەقسىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قولغا كەلتۈرگەن «غەلىبە مېۋىلىرى» نى مۇستەھكەملەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«ھازىر ئۇلار ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا قەدەم قويدى. يەنى، بۇ ئاتالمىش «جانلىق خەرىتە» خىتاينىڭ ھەر باسقۇچلۇق پىلانلىرىنى ئۆزىنىڭ ئارزۇ-خاھىشلىرى بويىچە ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مېنىڭچە، خىتايدا ئۇلار ئېيتقىنىدەك «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» دېگەن ئۇقۇم مەۋجۇت ئەمەس. چۈنكى ئۇلاردا پەقەت بىرلا ئۇقۇم بار، ئۇ بولسىمۇ خىتايلاشتۇرۇش. چۈنكى ئۇلارنىڭ مەقسىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى يا خىتاي بولۇشقا يا ئۆلۈشكە مەجبۇرلاشتىن ئىبارەتتۇر. خىتاي بۇ ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇق، يەنى بىرىنچى باسقۇچتىكى نىشانغا يەتتۇق دەپ ئويلايدۇ. ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خىتاي ھازىر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنىڭ ئاخىرقى پەللىسىگە قەدەم قويدى. »
ما جۈ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاتالمىش «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش» نامىدا، ئۇيغۇر زېمىنىدا ئەسىرلەر بويى ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن قارا قولىنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئۇزاتماقتا.