ئالماتا باراخولكا بازىرىدىكى ئوت ئاپىتىدىن زەرداب چەككەنلەر ھازىرمۇ قاتتىق ئەندىشىدە قالماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2013.12.10
almata-soda-sariyi-ot-apiti-305.jpg ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغان باراخولكا بازىرى.
inform.kz

ئالماتادىكى ئەڭ چوڭ بازارلارنىڭ بىرى-باراخولكىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت ئۆتسىمۇ، ئۇنىڭدىن زەرداب چەككەنلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەتىكى كۈنىدىن قاتتىق قايغۇرماقتا.

ئۇلار بۇ ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبلىرى ھەققىدە ئېنىق بىر تەپسىلاتنىڭ مۇشۇ كۈنگىچە يوق بولۇۋاتقانلىقىنى، بەزىدە بۇ ھەقتە سۆز قىلىشتىنمۇ ئەنسىرەيدىغانلىقىنى، زەرداب چەككەنلەر ئۈچۈن يېڭى ئورۇنلار تەييارلىنىۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭغا ھېچكىمنىڭ كاپالەتلىك قىلالمايۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئارزۇگۈل ئىسىملىك بىر دۇكاندار بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.