بىشكەكتىكى گۈللىنىۋاتقان «مەدىنە» بازىرى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازاد
2016.02.26
qirghizistan-bishkek-medine-bazar.jpg بىشكەكتىكى «مەدىنە» بازىرى
RFA/Azad

قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئىلىدىن كەلگەن تىجارەتچىلەرنى ئاساس قىلغان «مەدىنە» بازىرى قىرغىزىستاندىكى ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسال بازارلارنىڭ بىرى شۇنداقلا يالغۇز ئوتتۇرا ئاسىيادىلا ئەمەس، بەلكى چەتئەللەردە مەخسۇس ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قۇرۇلغان بىردىن - بىر بازار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

«مەدىنە» بازىرى 2002 - يىلى قىرغىزىستاندىكى مىللەتپەرۋەر كارخانىچى تۇرسۇنتاي سەلىمۇفنىڭ تەشەببۇسى ۋە مەبلەغ سېلىشى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، بازار قۇرۇلغان 14 يىل داۋامىدا كىچىكلىكتىن زورىيىپ، سودا - سېتىق، تاۋار يۆتكەش، تىككۈچىلىك، يېمەك - ئىچمەك مۇلازىمىتى، بانكا مۇلازىمىتى قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن سودا مەركىزىگە ئايلاندى.

يېقىندا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «مەدىنە» بازىرىنىڭ قۇرغۇچىسى تۇرسۇنتاي سەلىمۇف ئەپەندى بازارنىڭ قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى جەريانىدا ئوينىغان رولى، ئۇيغۇر ئىلىدىن كەلگەن تىجارەتچىلەرگە كۆرۈلگەن غەمخورلۇقلار ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئىجتىمائىي ئورنى قاتارلىقلار ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەدىنە بازىرىنىڭ قۇرغۇچىسى تۇرسۇنتاي سەلىمۇۋ ئەپەندى، 2016-يىل فېۋىرال بىشكەك شەھرى.
مەدىنە بازىرىنىڭ قۇرغۇچىسى تۇرسۇنتاي سەلىمۇۋ ئەپەندى، 2016-يىل فېۋىرال بىشكەك شەھرى.

تۇرسۇنتاي ئەپەندى ئالدى بىلەن «مەدىنە» بازىرىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىلىرى ھەققىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«بازار قۇرۇلغان 2002 - يىلدىن بۇيان قىرغىزىستاننىڭ تىككۈچىلىك ساھەسىدە زور جانلىنىشنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئۆز ھەسسىسىنى قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ.»

ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئىلىدىن كەلگەن تىجارەتچىلەرگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش، يولۇققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىشلەنگەن خىزمەتلەر ھەققىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ۋەتەندىن كەلگەن تىجارەتچىلەرنىڭ سودا شارائىتىنى ياخشىلاپ بېرىش مەقسىتىدە بارلىق دۇكانلارغا ئىسسىقلىق بېرىش ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىپ بېرىش ئىشلىرىنى قىلىۋاتىمىز.»

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن نازىم قەمبىرى ئەپەندى «مەدىنە» بازىرى قۇرۇلغاندىن بۇيان بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرگە ئىجابىي باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قىرغىزىستاندا ‹مەدىنە› بازىرىنىڭ بولغانلىقى قېرىنداش مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئۆز - ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ دەپ قارايمەن.»

تۇرسۇنتاي سەلىمۇف ئەپەندى قىرغىزىستاندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي ئورنى شۇنداقلا ئۇيغۇر يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى قاتارلىقلار ھەققىدىمۇ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ: «قىرغىزىستان كۆپ مىللەتلىك مەملىكەت. بىز ئۇيغۇرلار تارىخىمىزنىڭ ئۇزۇنلۇقى، ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزنىڭ مۇكەممەللىكى، تاماقلىرىمىزنىڭ سەرخىللىقى بىلەن باشقا مىللەتلەرنىڭ ھۆرمىتىگە نائىل بولۇپ كېلىۋاتىمىز» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.