ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەرلىك گۆش مەھسۇلاتلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە كۆپلەپ يۆتكىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە ئىستېمالچى ئاممىنى گۆش بىلەن تەمىنلەشتە كېلىپ چىقىۋاتقان تەڭپۇڭسىزلىق ۋە ئېھتىياجنى تولۇقلاش ئۈچۈن دائىرىلەر ۋە بەزى سودىگەرلەر، ئەكسىچە خىتاي ئۆلكىلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان گۆش مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ كىرمەكتە. خىتاينىڭ چاغىنى يېقىنلىشىشى بىلەن گۆش بازىرىدىكى بۇ قالايمىقانچىلىق تېخىمۇ گەۋدىلەنمەكتە شۇنداقلا گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مۇسۇلمان ئاممىنى ئەندىشىگە سالماقتا ئىكەن.
خىتايلار، «شىنجاڭنىڭ قوي، كالىلىرىنىڭ گۆشى ئالاھىدە پايدىلىق ۋە قۇۋۋەتلىك. چۈنكى ئۇلارنىڭ يەيدىغىنى دورىلىق ئۆت-چۆپ، ئىچىدىغىنى مىنېرال سۇ» دېيىشىدۇ. مانا ئەمدى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كالا، قوي گۆشلىرىمۇ خۇددى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نېفىتى ۋە باشقا مەدەن بايلىقلىرىدەك بايقىلىپ تازا بازار تاپقاندەكمۇ تۇرىدۇ، يەنى يېقىنقى ئىككى، ئۈچ يىلدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەرلىك قوي ۋە كالا گۆشى مەھسۇلاتلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىشى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرى بىلەن بولغان سودا تۈرلىرىدىكى ئەڭ تېز ۋە كەڭ بولۇۋاتقان بىر تۈرگە ئايلانغان.
گەرچە قىسمەن گۆش مەھسۇلاتلىرى سودىگەرلىرى ھەمدە چارۋىچىلار «ئۇيغۇر ئېلىنىڭ گۆشىنى خىتايغا يۆتكەش» سودىسىدىن پايدا ئالغاندەك كۆرۈنگەن بىلەن، نۆۋەتتە بۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بازارلىرىدا گۆش يېتىشمەسلىك، گۆش باھاسىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئۆرە بولۇشى ۋە بۇنىڭغا ئەگىشىپ گۆشكە ئېھتىياجلىق نۇرغۇن ساھە ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ زىيانغا ئۇچراش مەسىلىلىرى كۆرۈلمەكتە. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ئاشخانا خوجايىنىنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، گۆش باھاسى ئۆرە بولغانلىقتىن ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن دائىرىلەر يېقىندىن بۇيان ئەرزان باھالىق توڭ گۆشلەر بىلەن بازارنى تەمىنلىگەن.
يەرلىك گۆش مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرە بولۇشى سەۋەبلىك كاۋاپخانىسىنى تاقاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان بىر دۇكاندار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بازارغا ئەرزان باھادا سېلىنىۋاتقان توڭ گۆشلەرنىڭ مەنبەسىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقىنى، گۆش مەھسۇلاتلىرى بازارلىرى، قۇشخانىلارنىمۇ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كىرگۈزۈلگەن كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان گۆش مەھسۇلاتلىرىنىڭ قاپلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ دۇكاندار يەنە ھازىر ئۈرۈمچىدە بارلىق چوڭ-كىچىك رېستوران ھەمدە كاۋاپخانىلاردا بۆرەك كاۋىپى ۋە بۆرەك قورۇمىلىرى بارلىقىنى، ئەمما سويۇلۇۋاتقان قوينىڭ ئۈرۈمچىدىكى قوي بۆرىكىگە بولغان ئېھتىياجنى قانداق قامداپ كېلىۋاتقانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئىستېمالچىلارنى ئاگاھ بولۇشقا چاقىردى.
ئۇيغۇرلارنىڭ پەرەزلىرىگە قارىغاندا، كالا ۋە قوي گۆشى مەھسۇلاتلىرى چاغانغىچە يەنە ئۆرلەيدۇ. بەزى خەۋەرلەرمۇ بۇنىڭدىن بەلگە بەرمەكتە.
يەنى خىتاي خەلق تورىنىڭ 15-يانۋار تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، پۈتۈن خىتايدا كالا گۆشىنىڭ باھاسى يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان كۆرۈنەرلىك ئۆرلىگەن بولۇپ، بۇلتۇر 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە كالا گۆشىنىڭ باھاسى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا 35% يۇقىرى ئۆرلىگەن. خەۋەردە خىتاي چارۋىچىلىق جەمئىيىتىنىڭ كالىچىلىق شۆبە باشلىقى شۇ شياڭجۇڭنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىشىچە، خىتاي بويىچە كالا گۆشىنىڭ جىددىي ئۆرلىشى مەملىكەت بويىچە بېقىلىۋاتقان گۆش كالىسىنىڭ ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.
شۇنداقلا خەۋەردە تەھلىل قىلىنىشىچە، كالا گۆشى خىتايدا خېلى بىر مەزگىلگىچە تېخىمۇ قىس بولىدۇ، بۇندىن كېيىن كالا گۆشىنى كۆپەيتىشتە قىيىنچىلىق تېخىمۇ چوڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەسىلە ئىستېمال بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.