قازاقىستان دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا رەسمىي كىردى

0:00 / 0:00


قازاقىستاننىڭ ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قازاقىستاننىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا رەسمىي كىرگەنلىكى توغرىلىق خەۋەرلەر تارقاتتى. «تېنگرىنيۇس» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 27 - ئىيۇل كۈنى جەنۋە شەھىرىدە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باش مۇدىرى روبېرتو ئازېۋېدو قازاقىستاننىڭ مەزكۇر تەشكىلاتقا كىرگەنلىكى توغرىلىق ھۆججەتنى ئىمزالىدى. شۇنداق قىلىپ، قازاقىستان ئون توققۇز يىل مابەينىدە يۈرگۈزۈلگەن مۇزاكىرىلەردىن كېيىن، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولدى.

ن. نازاربايېف ئۆزىنىڭ سۆزلىگەن رەسمىي نۇتقىدا مۇنداق دېگەن: «دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش بويىچە يۈرگۈزۈلگەن مۇزاكىرىلەر داۋامىدا قازاقىستان ئىقتىسادىنىڭ ئەھۋالى خېلى ئۆزگەردى. ئۇ يەنىمۇ كۈچلۈك ۋە ئوچۇق بولدى. ئىچكى ئومۇمىي مەھسۇلات ئاھالى جان بېشىغا ھېسابلىغاندا 18 ھەسسىگە قەدەر ئۆسۈپ، مەركىزىي ئاسىيا ۋە شەرقىي ياۋروپا مەملىكەتلىرى دەرىجىسىگە يەتتى. تاشقى سودا ھەجىمى 120 مىليارد دوللارنى تەشكىل قىلدى. بىزنىڭ تاشقى سودا ئوبوروتىمىزنىڭ 90 پىرسەنتتىن ئوشۇقى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرگە توغرا كېلىدۇ. ئەگەردە 90 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قازاقىستان پەقەت سابىق سوۋېت بوشلۇقىدىكى ئەللەر بىلەن سودا ئالاقىلىرىگە ئىگە بولغان بولسا، بۈگۈن بىز دۇنيانىڭ 185 مەملىكىتى بىلەن سودا قىلىمىز.» پرېزىدېنت نازاربايېف شۇنداقلا قازاقىستاننىڭ خام ئەشىياغا بېقىندىلىقتىن باش تارتىپ، 2030 - يىلغىچە دۇنيانىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلغان ئوتتۇز مەملىكىتى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە سۆز ئالغان دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باش مۇدىرى ر. ئازېۋېدو قازاقىستاننىڭ تەشكىلاتقا كىرگەنلىكىنى يۇقىرى باھالاپ، مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقىقەتەنمۇ ھەم قازاقىستان ئۈچۈن، ھەم دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئۈچۈن تارىخىي كۈن. بۇ قوشۇلۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى - يېڭى ئىش ئورۇنلىرىنى قۇرۇش، ئاھالىنىڭ كىرىمىنى كۆتىرىش، تۇرمۇش دەرىجىسىنى ياخشىلاش. قازاقىستان ئۈچۈن بۇ ئاخىرىقى يىللاردا سىلەر قولغا كەلتۈرگەن ھەرىكەتلەر ۋە ئۇتۇقلارنى ئېتىراپ قىلىشتۇر. بۇ بىر پۈتۈن ئىسلاھاتلار پروگراممىسىنىڭ نەتىجىسى، قازاقىستاننىڭ تىجارەت ئۈچۈن ئېچىلغانلىقىنىڭ پۈتكۈل ئالەمگە جار سېلىنىشى. بۇ كۈن دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئۈچۈنمۇ تارىخىي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قازاقىستاننىڭ قوشۇلۇشى بىزنىڭ مۇنازىرىلىرىمىزگە كۈچلۈك ئابرويلۇق ئاۋاز قوشىدۇ، تەشكىلاتنى مەركىزىي ئاسىيانىڭ يۈرىكىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ.»

«نۇر. كز» ئاگېنتلىقى مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، قازاقىستان بۇ تەشكىلاتقا كىرىش ھەققىدە 1996 - يىلى 29 - يانىۋاردا تەلەپنامە بەرگەن بولۇپ، مۇشۇ يىلنىڭ 22 - ئىيۇن كۈنى مەملىكەتنىڭ تەشكىلاتقا كىرىشى توغرىلىق مۇزاكىرىلەر ئاياقلاشقان ئىدى. ئەمدى قازاقىستان پارلامېنتى 2015 - يىل 31 - ئۆكتەبىرگىچە بۇ ھۆججەتنى تەستىقلىشى لازىم. قازاقىستاننىڭ مۇشۇ يىلنىڭ دېكابىر ئېيىدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق 162 - ئەزاسى بولۇشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.

ئامما، قازاقىستاننىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرىشى رۇسىيە ئانالىزچىلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتا. بۇ ھەقتە «ۋزگلياد» گېزىتى خەۋەر قىلىدۇ. مۇتەخەسسسىلەرنىڭ پىكىرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئا ق ش ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئارقىلىق ئاستانادىن تاموژنا ئىتتىپاقى دائىرىسىدىكى باھا جەدىۋەللىرىدىن ئەرزەن باھالارغا ئېرىشىشكە ئۇرۇنۇپ، كېيىنىرەك قازاقىستان ئارقىلىق رۇسىيە بازارلىرىغا كىرمەكچى. مۇنداق بولغان تەقدىردە، - دەپ ھېسابلايدۇ "ئالپارى" كومپانىيىسى ئانالىتىكىلىق باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى ئالېكساندىر رازۇۋايېف، - رۇسىيەنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتى بويىچە مۇزاكىرىلىرىدە يەتكەن بارلىق مۇۋاپپەقىيەتلىرى يوققا چىقىرىلىدۇ. ئۇ شۇنداقلا بۇنىڭ رۇسىيە ئىقتىسادى ئۈچۈن بېۋاسىتە خەۋپ تۇغدۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. رۇسىيە مۇتەخەسسسىلىرى مابادا قازاقىستان دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىپ، رۇسىيەدىكىدەك تاموژنا باھالىرى ھەققىدە كېلىشمەي، بەلكى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا يول بەرسە ھەم باجلىرىنى تۆۋەنلەتسە، ئۇ ۋاقىتتا قازاقىستان ئارقىلىق رۇسىيەگە ئەرزەن باھادا چەتئەل ئاپتوموبىللىرى، ئايروپلانلىرى، تىكئۇچارلىرى ۋە يېزا ئېگىلىكى تېخنىكىسى ئېقىپ كىرىدۇ. بۇ بولسا، ئەرزان باھادىكى چەت ەل مەھسۇلاتىغا رىقابەت قىلالمىغان رۇسىيە مەھسۇلاتىنى ھالاكەتكە ئېلىپ كېلىدۇ. ئا. رازۇۋايېف تاموژنا ئىتتىپاقىنىڭ ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، ۋەزىيەت مۇشۇنداقلا داۋام قىلسا، قازاقىستاننىڭ ھەتتا تاموژنا ئىتتىپاقىدىن چىقىش مەسىلىسىنىڭمۇ كۈن تەرتىپىگە قويۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇ، قازاقىستان دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا خۇددى رۇسىيەدىكى تاموژنا باھالىرى بويىچە شەرتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ھالەتتىلا ئەھۋالنىڭ نورماللىشىش مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.