بىشكەكتە ئۇيغۇر تىياتىرى قۇرۇش ئۈچۈن ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتى مەركىزى كېڭىشىنىڭ 26-فېۋرال كۈنىدىكى كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا بىشكەك شەھىرىدە قىرغىزىستان ئۇيغۇر تىياتىرى قۇرۇش ھەققىدە قارار قوبۇل قىلىنغان ئىدى.

بۇ قارارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۈزىسىدىن 13-مارت كۈنى بىشكەكتىكى «ئاۋات» رېستورانىدا ئۇيغۇر تىياتىرى بىناسىنى قۇرۇشقا مەبلەغ يىغىش مەقسىتىدە ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلدى.

بۇ پائالىيەتكە قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك، قارا بالتا، ئوش، توقماق، جالالئاباد شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن باشقا، قىرغىزىستان مىللەتلەر ئاسسامبىلىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئاسسامبىلىيە تەركىبىدىكى ھەر قايسى مىللىي مەركەزلەرنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە ئالماتادىن كەلگەن قازاقىستاندىكى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى.

پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلغان ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىم بۇ قېتىملىق ئىئانە توپلاش ھەرىكىتىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئىتتىپاق جەمئىيىتى مەركىزى كېڭىشىنىڭ قارارى بىلەن قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر تىياتىرى قۇرۇشتىن ئىبارەت شەرەپلىك بىر ئىشنى باشلاۋاتىمىز. بىز قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى بىلەن بۇ تارىخى ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايمىز دەپ ئويلايمەن.»

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان ھەر قايسى مىللىي مەركەزلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئۆز سۆزلىرىدە بىشكەك شەھىرىدە ئۇيغۇر تىياتىرى قۇرۇش ئىشىغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن ياردەمدە بولىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى. قىرغىزىستان دۆلەتلىك تىياتىرىنىڭ ۋەكىلى مۇنداق دېدى: «قىرغىزىستان كۆپ مىللەتلىك بىر مەملىكەت. بىشكەك شەھىرىدە ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ قۇرۇلۇشى قىرغىزىستاندىكى مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىق ۋە باراۋەرلىكنىڭ بىر ئىپادىسى. بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيمىز ھەم قولىمىزدىن كېلىشىچە قوللايمىز ۋە ياردەمدە بولىمىز.»

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن ئاتايىن ئالماتا شەھىرىدىن كەلگەن قازاقىستاندىكى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى نامىدىن ئۆزىنىڭ ئىزگۈ تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر تىياتىرىدىن ئىبارەت يەنە بىر سەنئەت مەركىزىنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ بەكمۇ سۈيۈندۇق. مەن سىلەرگە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقنىڭ سالىمىنى ئېلىپ كەلدىم.»

ئىتتىپاق رەئىسى ئارتىق ھاجىم قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر تىياتىرى قۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە تۆۋەندىكىچە توختالدى: «بىز قۇرۇشنى پىلانلاۋاتقان ئۇيغۇر تىياتىرى كەلگۈسىدە قىرغىزىستاندىكى مىللەتلەر ئارا دوستلۇقنى نامايان قىلىدىغان بىر سورۇن بولۇپ قالغۇسى. بىز بۇ تارىخى ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن ھەممىمىز بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز لازىم.»

ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئەتىگەن سائەت ئوندىن كەچ سائەت بەشكىچە داۋام قىلدى. پائالىيەت داۋامىدا بىشكەك شەھىرىدىكى ھەر قايسى سەنئەت ئانسامبىللىرىنىڭ سەنئەتكارلىرى قاتناشقۇچىلارغا نادىر سەنئەت نومۇرلىرىنى تەقدىم قىلدى.