قازاقىستان ئىقتىسادشۇناسلىرىنىڭ نەزىرىدىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىقتىسادىي سىياسىتى

0:00 / 0:00

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، 1949-يىلى، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى ئورنىتىلغاندىن بۇيان ئەلدە بىر قاتار سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىلدى. نۆۋەتتە، خىتاي ئۆزىنىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول»ئىستراتېگىيىسىنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتنى باش ئورۇنغا قويدى.

قازاقىستاندىكى يېتەكچى ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي گەرچە ئۇيغۇر دىيارىدا يىللاردىن بۇيان ئىقتىسادىي جەھەتتىكى گۈللىنىشنى ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقان، ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈپ، ئۇلارغا پاراۋان تۇرمۇش يارىتىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ سىياسىي باستۇرۇش، ئىقتىسادىي قالاقلىق ۋە مىللىي تەڭسىزلىككە بولغان نارازىلىقى تېخىمۇ كۈچەيدى.

ئومۇمەن، خىتاي ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇر رايونىنى ئۆزلەشتۈرۈشنىڭ ئىلگىرىكى ئىقتىسادىي پىلانلىرىدىن چېكىنىپ، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ھەر خىل ۋە يېڭى يوللىرىنى ئىزدىمەكتە.

بۇ خىل كۆز قاراشلارنى ئىلگىرى سۈرگەن قازاقىستاندىكى ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ يېتەكچى ئىلمىي خادىمى، ئىقتىساد پەنلىرىنىڭ دوكتور نامزاتى گۈلجاھان ھاجىيېۋانىڭ پىكرىچە، ئوتتۇز يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت ئىلگىرى باشلانغان خىتايدىكى زور ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلار قارىمۇ-قارشى نەتىجىلەرگە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، بىرىنچىدىن، بۇ ئىسلاھاتلار ئارقىسىدا خىتاي مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە گۈللىنىشكە ئېرىشكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ ئىسلاھاتلار مەملىكەتتىكى ئىجتىمائىي تەڭسىزلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ھەم ئاشكارا قىلغان. خىتاي رايونلىرىنىڭ راۋاجلىنىش دەرىجىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسى خىتاي دائىرىلىرى ئۈچۈن ئەڭ نازۇك مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتا.

گ. ھاجىيېۋا بولۇپمۇ مىللەتلىرى ۋە خەلقلىرى ھەر خىل ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەرەققىيات باسقۇچلىرىدا ياشاۋاتقان، بىر مىللەت ئىقتىسادىي ئەھۋالى ۋە سانى جەھەتتىن ئىككىنچى بىر مىللەتتىن يۇقىرى دەرىجىدە بولغان ھەم ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ھۆكۈمران مىللەت سۈپىتىدە كېلىۋاتقان مەملىكەتلەردە تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسىنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە چىگىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «مۇنداق مەملىكەتلەر قاتارىغا ئاساسلىق تۈردە خىتاينى كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. 80-يىللارنىڭ باشلىرىدا بەزى خىتاي ئالىملىرى خىتايدا ۋە پۈتكۈل دۇنيادا زور ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي پەرقلەرگە ئىگە ئاتالمىش ‹بىرىنچى›، ‹ئىككىنچى› ۋە ‹ئۈچىنچى دەرىجىدىكى› تەرەققىي ئېتىۋاتقان رايونلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ‹ئۈچىنچى دەرىجىگە› ئالدى بىلەن خىتاينىڭ غەربىي رايونلىرىنى ياتقۇزىدۇ. بۇ رايونلارنىڭ ئىچىدىن بولۇپمۇ شىنجاڭ-ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئالاھىدە بۆلۈپ قاراش لازىم، چۈنكى بۇ رايوندىكى ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي قالاقلىق مىللىي مۇناسىۋەتلەر تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرگەن ئىدى».

گ. ھاجىيېۋانىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 12-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىدە، بولۇپمۇ شەرقىي رايونلارنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىلىپ، مەركىزىي ۋە غەربىي رايونلار ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئورۇنغا قويۇلدى. ئەمما مۇنداق سىياسەت رايونلار ئارىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ يەنىمۇ ئۆسۈشىگە ئېلىپ كەلگەن ئىدى. 1999-يىلى «غەربىي رايونلارنى كەڭ دائىرىدە ئۆزلەشتۈرۈش ئىستراتېگىيىسى» رەسمىي ئېلان قىلىنىپ، 50 يىللىق تەرەققىيات پروگراممىسى قاراشتۇرۇلدى. مەزكۇر پروگراممىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنۈپ، بىرىنچى باسقۇچتا مۇھىم بولغان ئوبيېكتلارنى سېلىش، ئىقتىسادنىڭ تۈزۈلۈشىنى ياخشىلاش، ئېكولوگىيىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئىلمىي-تېخنىكىلىق تەرەققىياتنى، بىلىم دەرىجىسىنى كۆتۈرۈش، ھۆكۈمەت تۈزۈمىدە ئىسلاھاتلار يۈرگۈزۈش، مەبلەغ سېلىش سىياسىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق ۋەزىپىلەر كۆزدە تۇتۇلدى.

گ. ھاجىيېۋا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاينىڭ ئىستراتېگىيىلىك پروگراممىسىدىكى ئورنىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ش ئۇ ئا ر دا ئۆز مەنپەئەتىنىڭ بارلىقى تاسادىپىي ئەمەس ئىدى، چۈنكى مەزكۇر رايون مول تەبىئىي بايلىقلارغا، شۇ جۈملىدىن ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە ئىگە. ئىستراتېگىيىلىك پىلاندا ش ئۇ ئا ر نى يېقىن ئارىدا مەملىكەتتىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ۋە نېفىت-خىمىيەلىك بازىغا ئايلاندۇرۇش كۆزدە تۇتۇلغان. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن مەركىزىي ھۆكۈمەت ش ئۇ ئا ر تېررىتورىيىسىدىكى ئۇگلېرودلۇق ۋە ۋودورودلۇق خام ئەشيا مەنبەلىرىنى ئىزدەش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشكە بۆلۈنىدىغان خىراجەتنى ھەر يىلى كۆپەيتمەكتە. شۇنداقلا خەلقئارا ۋە مالىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەم چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كرېدىتلىرى ئاكتىپ ھالدا پايدىلىنىلماقتا. يېڭىدىن باشلانغان تەبىئىي گازنى غەربىي رايونلاردىن شەرقىي رايونلارغا يۈتكۈزۈش لايىھىسىگە 120 مىليارد يۈەندىن كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىلماقچى».

گ. ھاجىيېۋانىڭ كۆرسىتىشىچە، 2050-يىلغىچە مۆلچەرلەڭەن دۆلەت پروگراممىسى تۆۋەندىكى ۋەزىپىلەرنى ئالدىغا قويىدۇ: «بىرىنچىدىن، يېزا ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كېلەچەكتە ئۇيغۇر رايونىنى يۇقىرى سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ، شۇ جۈملىدىن ئۇنى قايتا ئىشلەشنىڭ، توشۇشنىڭ، توقۇمىچىلىق ۋە سودا تارماقلىرىنىڭ چوڭ بازىسىغا ئايلاندۇرۇش. ئىككىنچىدىن، باغۋەنچىلىك ۋە قوغۇنچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىش، ئۇلارنى قايتا ئىشلەش، توشۇش ۋە سېتىش. ئۈچىنچىدىن، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى قايتا ئىشلەش ۋە سېتىش.»

ئۇيغۇر ئېلى، قازاقىستاننىڭ ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي جۇغراپىيە پروفېسسورى شېرىپ نادىروفنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىڭپىڭ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىماقچى. مەزكۇر لايىھە ئارقىلىق خىتاي ئۆزىنىڭ غەربىي چېگرىلىرىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىران ئارقىلىق ياۋروپاغىچە بولغان كەڭ ئارىلىقتا زور قۇرۇلۇش پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۆزدە تۇتماقتا. ئۇ خىتاينىڭ بۇ ئىستراتېگىيىسىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، مەملىكەتلەر بىرلەشسە، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي قۇدرىتى ئۆسىدۇ. ئىككىنچىدىن، بۇ يېڭى يىپەك يولىدا رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ رولى يۇقىرى بولىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆزىگە يېقىن تارتىپ، پۈتكۈل ياۋرو-ئاسىيا ۋە ئافرىقىنى بىرلىككە كەلتۈرىدۇ».
ش. نادىروف خىتاي بۇ بىرلىكنى قولغا كەلتۈرگەن تەقدىردە يېڭى ئىقتىسادىي-مالىيەۋىي بىرلىكنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئارقىسىدا بولسا، دوللارغا رىقابەت سۈپىتىدە يېڭى پۇل بىرلىكى كەشىپ قىلىش زۆرۈرىيىتىنىڭ تۇغۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ قاراشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇنىڭدىن سىرتقى جايلار بىلەن بولغان سودا-ئىقتىسادىي ۋە ئېنېرگىيە مەنپەئەتلىرىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى نىشان قىلغان.