رۇسىيە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى كۆچمەنلەرنىڭ ئۆز ۋەتىنىگە قايتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015.01.07
ukraina-qirim-rusiye-putin.jpg قىرىم خەلقىنىڭ 96 پىرسەنتى ئۇكرائىنادىن ئايرىلىپ چىقىپ، رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئاۋاز قوشقاندىن كېيىن، پۇتىن قاتارلىق ئەمەلدارلار قول بىرىكتۈرۈپ تەبرىكلىدى. 2014-يىلى 18-مارت، موسكۋا.
AFP

ئۇكرائىنا كرىزىسى تۈپەيلىدىن غەرب دۆلەتلىرى بىلەن قارشىلىشىۋاتقان رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قانچە قېتىم ئىقتىسادىي ئېمبارگوسى دۇچ كېلىشى ئۇنىڭ پۇل-مۇئامىلە ۋە ئىقتىسادىي سىستېمىسىدا ئېغىر مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بۇ ئەھۋالنىڭ يەنە رۇسىيەدىكى مېھنەت كۆچمەنلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەنلىكى يېزىلماقتا. موسكۋا يېڭى يىلدىن باشلاپ، رۇسىيەدىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىق مېھنەت مۇھاجىرلىرىنىڭ كۆپلەپ ئۆز ۋەتىنىگە قايتىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيالىق مېھنەت مۇھاجىرلىرىنىڭ ئۆز ۋەتىنىگە قايتىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ رۇسىيە رۇبلىسىنىڭ قىممىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە چۈشۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

رۇسىيە ھۆكۈمىتى يەنە 1-يانۋاردىن باشلاپ، ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستان پۇقرالىرىنىڭ رۇسىيەگە كېلىشى ئۈچۈن چەتئەلگە چىقىش پاسپورتى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«سېنتراسىئا» تۆرىدىكى ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇپ كىرگەن قازاقىستان، بېلارۇسىيە ۋە قىرغىزىستان شۇنىڭدەك ئۇكرائىناغا مۇنداق تەلەپ قويۇلمىغان. بۇ دۆلەتلەردىن رۇسىيەگە كېلىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن چەتئەلگە چىقىش پاسپورتى تەلەپ قىلىنمايدىكەن. رۇسىيە ھۆكۈمىتى يەنە 1-يانۋاردىن ئېتىبارەن رۇسىيەگە كېلىپ ئىشلىمەكچى بولغان ھەر قانداق كىشىنىڭ رۇس تىلى، رۇسىيە تارىخى ھەم قانۇنلىرىدىن ئىمتىھان بېرىپ، مەخسۇس گۇۋاھنامە ئېلىشىنى بەلگىلىگەن، ئەگەر بۇلاردىن ئۆتەلمىگەن كىشى ئىشلەش ھوقۇقىغا ئېرىشەلمەيدىكەن.

«سېنتراسىئا» تورىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى يېڭى يىلدىن باشلاپ، 25% كۆچمەننىڭ قايتىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

تۈرلۈك ئۇچۇر مەنبەلىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ھازىر رۇسىيەدە ئىشلەپ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداۋاتقان ئۆزبېكىستانلىق، قىرغىزىستانلىق ۋە تاجىكىستانلىق مېھنەت مۇھاجىرلىرى بىر-بىرلەپ قايتىشقا باشلىغان.

ئۆتكەن جۈمە كۈنى رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق ئۆزبېك، تاجىك ۋە قىرغىز كۆچمەنلىرىنىڭ ۋەكىللىرى يىغىن چاقىرىپ، نۆۋەتتىكى رۇسىيە ۋەزىيىتى ھەم ئەمگەك مۇھاجىرلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلغان. يىغىن قاتناشقۇچىلىرى مۇھاجىرلارنىڭ تۈركۈملەپ رۇسىيەدىن كېتىشكە باشلىغانلىقىدىكى سەۋەبنىڭ رۇبلىنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكەن.

تاجىكىستان مۇھاجىرلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مېھنەت مۇھاجىرلىرىنىڭ رۇسىيەدىن كېتىشىدىكى سەۋەب ئالدى بىلەن رۇبلىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى دەپ كۆرسەتكەن. چۈنكى، ئىلگىرى بىر دوللار 33 رۇبلى ۋاقتىدا ئۇلار ئۆز ئۆيلىرىگە پۇل ئەۋەتىشتە زىيانغا ئۇچرىمىغان. ئەمما بىر دوللار 45-50 رۇبلى بولسا ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە پۇل ئەۋەتىشى قىيىن بولىدىكەن. چۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ئۆز ۋەتىنىگە رۇبلى ئەمەس بەلكى دوللار ئەۋەتىدىكەن.

بەلكى شۇ قىيىنچىلىقلار تۈپەيلىدىن بولسا كېرەك، 2014-يىلىنىڭ كېيىنكى باسقۇچىدا رۇسىيەدىكى ئۆزبېكلەرنىڭ ئۆزبېكىستانغا ئەۋەتكەن پۇلى 9 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن. مالىيە مۇتەخەسسىسلىرى ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا پۇل ئەۋەتىش نىسبىتى ئۆتكەن يىلىدىكىگە قارىغاندا 35% تۆۋەنلىگەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

رۇسىيەدىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار

رۇسىيەدە زادى قانچىلىك كۆچمەن بار؟ بۇ كۆچمەنلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟ بۇ رۇسىيە جەمئىيىتىدە ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان مۇنازىرە تېمىسى. «پەرغانە» تورى نەقىل ئالغان رۇسىيە فېدېراتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇرىدا قەيت قىلىنىشىچە، 2014-يىلى ئاۋغۇستقىچە بولغان ئارىلىقتا رۇسىيەدە 4 مىليون 877 مىڭ مەركىزىي ئاسىيالىق كۆچمەن بولغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆزبېكلەر ئەڭ كۆپ بولۇپ، رۇسىيەدە 2 مىليون 555 مىڭ ئۆزبېك، 1 مىليون 170 مىڭ تاجىكىستانلىق، 555 مىڭ قىرغىزىستانلىق، 331 مىڭ قازاقىستانلىق، 20 مىڭ تۈركمەنىستانلىق تۇرغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر مېھنەت كۆچمەنلىرىنىڭ سانى ئۆتكەن يىلى 12-ئاي ئىچىدە تېز ئازلىغان بولۇپ، ئومۇمىي ساندىن 387 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئازلىغان. دېمەك، ئۇلارنىڭ سانى نۆۋەتتە تېز سۈرەتتە ئازلىماقتا ئىكەن.

رۇسىيەدىكى باشقا دۆلەت كۆچمەنلىرى

رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، رۇسىيە خىتاي پۇقرالىرى ئەڭ كۆپ بېرىپ، سودا-تىجارەت قىلىدىغان مەملىكەتكە ئايلانغان. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى ۋە 2000-يىللاردا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ رۇسىيەگە ئېقىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەنلىكى رۇسىيە جەمئىيىتىدە كۆپ غۇلغۇلىلارغا سەۋەب بولغان ئىدى.

خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئادەم ئاز يىراق شەرقىدە ۋە موسكۋا، پېتىربۇرگ قاتارلىق ھەر قايسى چوڭ-كىچىك شەھەرلىرىدە سودا دۇكانلىرى، دېھقانچىلىق مەيدانلىرى ئېچىپ ھەر خىل سودا بىلەن شۇگۇللىنىشى، ئۇلارنىڭ ھەممە يەرنى قاپلىشى رۇسىيە سىياسەت قاتلىمىدا سەلبىي پىكىرلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىدى.

يېقىندىن بۇيان رۇسىيە دۇچ كەلگەن غەربنىڭ ئىقتىسادىي ئىمبارگوسى تۈپەيلىدىن كۆرۈلۈۋاتقان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار ۋە رۇبلىنىڭ كۇرسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنىڭ بۇ دۆلەتتە سودا-تىجارەت قىلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىگىمۇ زىيان ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

پەرغانە تۆرىدىكى خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە رۇسىيەدە 265 مىڭ خىتاي پۇقراسى تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر بۇلارنىڭ تىزىمغا ئېلىنغانلىرى ئىكەنلىكى، تىزىمغا چۈشمىگەن قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ سانىنىڭ بۇنىڭدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى يېزىشماقتا.

بۇلاردىن باشقا رۇسىيەدە تۈركىيەنىڭ 111 مىڭ پۇقراسى تۇرماقتا ئىكەن. ئەلۋەتتە، يەنە رۇسىيەدە پاكىستان، ئافغانىستان ھەمدە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ مەلۇم ساندىكى پۇقرالىرىمۇ بار.

لېكىن، مەزكۇر كۆچمەنلەر ئارىسىدا رۇسىيەدە ھەر ساھەلەر بويىچە، قارا ۋە ئېغىر ئىشلارنى قىلىپ پۇل تاپىدىغان كۆچمەنلەر يەنىلا ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ھېسابلىنىدىكەن. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەرزان باھادا ياللىنىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان. بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى، ۋە ھوقۇقلىرى دەخلى-تەرىزگە ئۇچرىغان، ھەتتا ئۇلارنى رۇسىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلىش تەشەببۇسلىرىمۇ مىللەتچى گۇرۇھلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ تۇرىدۇ.

مەزكۇر كۆچمەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ئۇلارنىڭ رۇسىيە تەۋەسىدە قانۇنلۇق تۇرۇش ۋە ئىشلەش سالاھىيىتى مەسىلىسى رۇسىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدا دائىم ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى يەنە ئەمەلىيەتتە رۇسىيەنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا ئەمگەك كۈچلىرىگە موھتاج ئىكەنلىكى، مۇمكىن قەدەر ئۇلارنى قانۇنلۇق ئىشلەشكە رۇخسەت قىلىش پىكىرلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ئازادلىق رادىئوسىنىڭ يېزىشىچە، مۇتەخەسسىسلەر رۇسىيەدىكى مېھنەت مۇھاجىرلىرىنىڭ كۆپلەپ ئۆز ۋەتىنىگە قايتىپ كېتىشى مەركىزىي ئاسىيادىكى ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ۋەزىيەتلەرنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.