شىۋېتسىيەدە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن ئۇيغۇر ياش ئەنۋەر ئابدۇللا

0:00 / 0:00

شىۋېتسىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن ئۇيغۇرلار ئىچىدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شىۋېت تىلىنى پىششىق ئۆگىنىپ، ھەر خىل كەسىپلەردە خىزمەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ تىجارەت جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس.

ئەنە شۇلارنىڭ بىرى، شىۋېتسىيەگە كېلىپ قىسقىغىنە 3 يىل ئىچىدە ئۆزىنىڭ يان تېلېفون ۋە كومپيۇتېر سېتىش، رېمونت قىلىش شىركىتىنى قۇرۇپ چىققان ئۇيغۇر ياش ئەنۋەر ئابدۇللا بولۇپ، ئۇنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولىدىكى ئىزدىنىشى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.

بىز ئەنۋەر ئابدۇللانىڭ تىجارەت باشلاش، تىجارىتىنى كېڭەيتىش جەريانى ھەمدە ئۇيغۇر ياشلارنى يېتەكلەش جەھەتتە قانداق ئىشلارنى ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلدۇق.

1997-يىلى «5-فېۋرال» غۇلجا ۋەقەسىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن ۋەتىنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ئەنۋەر ئابدۇللا قازاقىستانغا چىقىپ كەتكەن.

ئۇ، 2007-يىلى قازاقىستاندا بىللە تىجارەت قىلىۋاتقان شېرىكلىرىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، ئۇيغۇر دىيارىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، ئۆزى ھەققىدىمۇ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقى توغرىسىدا توختالدى.

ئەنۋەر ئابدۇللا قازاقىستاندىمۇ تۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقتىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۆچمەنلەر كومىتېتىنىڭ قازاقىستاندىكى شۆبىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان ۋە پاناھلىق ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنىپ، شۇ يىلى شىۋېتسىيەگە ئورۇنلاشقان.

ئەنۋەر ئابدۇللا ئائىلىسى بىلەن بىللە شىۋېتسىيەگە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ۋە قازاقىستاندا قىلغان تىجارىتى يان تېلېفون ۋە كومپيۇتېر سېتىش، رېمونت قىلىش تىجارىتىنى شىۋېتسىيەدە باشلاش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلايدۇ.

ئۇ، ئۆزى تۇرۇشلۇق رايوننىڭ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى تەربىيىلەش كۇرسىنى تاماملاپ، يان تېلېفون ۋە كومپيۇتېر سېتىش، رېمونت قىلىش شىركىتىنى قۇرۇپ 2010-يىلى 6-ئايدا شىۋېتسىيەنىڭ يوتوبورى شەھىرىنىڭ مەركىزى رايونىدا تىجارىتىنى باشلايدۇ.

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىدىن ئابباس ئەپەندى ئەنۋەر ئابدۇللانىڭ تىجارەت جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ، ئۇيغۇر جامائىتىگە ياخشى ئۈلگە تىكلەپ بەرگەنلىكى ھەققىدە توختالدى.

ئەنۋەر ئابدۇللا ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپلا قالماي، بەلكى ئۇيغۇر داۋاسىنى كەلگەن خېرىدارلىرىغا ئاڭلىتىشقا تىرىشتى. ئۇ، ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ياشلارنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك يارىتىشقا يېتەكلەش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ دۇكان ئېچىشى ئۈچۈن ياردەمدە بولدى. ئەنۋەر ئابدۇللانىڭ ياردىمى بىلەن ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن ئەختەم بۇ توغرىسىدا توختالدى.

زىيارەت ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ كەلگۈسى پىلانلىرى ھەققىدە بىز بىلەن ئورتاقلاشقان ئەنۋەر ئابدۇللا بۇ كەسىپنى ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغان ۋە ئۆگەنگۈسى بار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.