ياۋروپادا ئىگىلىك تىكلىگەن ئۇيغۇرلار-تارىم تىز تاماقخانىسى

0:00 / 0:00

چەتئەللەردە ئىگىلىك تىكلىگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ۋە ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىغا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەم ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىگە ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ھالدا تېگىشلىك ياردەملەردە بولۇپ كېلىۋاتقان ساخاۋەتلىك بايۋەچچىلەر ئاز ئەمەس.

تاپقان پۇللىرىنى يەنە مۇساپىرچىلىق ھاياتتا مۈشكىلاتلارغا يولۇققانلارنىڭ بېشىنى سىلاشقا سەرپ قىلغان بەزى كىشىلەرنىڭ ھىممەتلىرىنىڭ ھەرقايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھېكايە قىلىنىپ كېلىۋاتقىنىنى پات-پات ئاڭلىغىلى بولىدۇ.

گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى «تارىم تىز تاماقخانىسى» بولسا، «ئۇيغۇر تىز تاماقخانىسى» ۋە «يىپەك يولى تىز تاماقخانىسى»دىن كېيىن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېچىلغان يەنە بىر تىز تاماق ئاشخانىسى. «تارىم تىز تاماقخانىسى» ئومۇمەن تۈركچە يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئاشخانا خوجايىنىنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا، بىر ئائىلە كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادى يۈكىنى كۆتۈرگەندىن سىرت، تىجارىتى يىلسېرى ئالغا بېسىپ كېلىۋاتقان بىر ئاشخانا.

«تارىم تىز تاماقخانىسى»نى گېرمانىيىگە كەلگىنىگە 15 يىلدىن ئاشقان ئابدۇسالام ئەپەندى ئاچقان. ئېچىلغىنىغا 4 يىل بولغان بۇ ئاشخانىنىڭ ئاساسلىق تامىقى ياۋروپادا ئومۇملاشقان تۈرك دۆنەرلىرى ۋە تىز تائاملىرى بولۇپ، تائاملارنىڭ تەمى، تۈرى، بۇ يەرنىڭ يەرلىك خەلقلىرى گېرمانلار ۋە نوپۇسى 3 مىليوندىن ئاشىدىغان تۈركلەر ھەمدە ئەرەب، ئافغان قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگە تونۇش بولغاچ، ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىغا ئوخشاش يېڭى تائاملار ئۈچۈن خېرىدار جەلپ قىلىش قىيىنچىلىقى بولمىغان.

غەرب ئەللىرىدە تىز تاماقخانىلارنىڭ تىجارىتى رېستوران ۋە ئاشخانىلارغا ئوخشاشلا يۈرۈشكەن. نۇرغۇن كىشىلەر ۋاقىت تېجەش زۆرۈرىيىتى بىلەن تىز تاماقخانىلاردىن ئوزۇقلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بولۇپمۇ، گېرمانىيىدە چۈش مەزگىلىدىكى بىر سائەتلىك دەم ئېلىشتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى كۆزدە تۇتقان كۆپىنچە كىشىلەر، چۈشلۈك ئوزۇقلۇقىنى تىز تاماقخانىلاردىن سېتىۋېلىشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، تۈركچە تىز تائاملارمۇ «جانغا ئەسقاتىدىغان تائاملار» قاتارىغا كىرگەن. ئابدۇسالام ئەپەندىنىڭ «تارىم تىز تاماقخانىسى»مۇ شۇ ساھەگە مەنسۇپ.

ئابدۇسالام ئەپەندىنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلىشى ئاسانغا توختىمىغان. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، «تارىم تىز تاماقخانىسى» نى ئېچىشتىن ئىلگىرىكى 10 يىلدىن ئارتۇق بىر دەۋردە تۈرك قېرىنداشلارنىڭ قولىدا ئىشلىگەنلىكىنى، مائاشى تۆۋەن بۇ خىزمەت بىلەن ھاللىنىش مۇمكىنچىلىكى بولمىسىمۇ، لېكىن ھازىرقى تۈركچە تائاملارنى تەييارلاش ھۈنەرلىرىنى ئەنە شۇ جاپالىق يىللاردا ئۆزلەشتۈرگەنلىكىنى، بىر ئىنسان ئىگىلىك تىكلەيمەن دېسە، چوقۇم تېگىشلىك بەدەل تۆلىشى لازىملىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئاشخانا خوجايىنى ئابدۇسالام ئەپەندى ميۇنخېن شەھىرىدىكى سىياسىي پائالىيەتلەردە ئاكتىپ شەخسلەردىن بىرى. ئۇ گېرمانىيىگە كەلگەندىن بۇيانقى ھاياتىدا باش شتابى ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىدا ئۇزۇن يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاز-تولا روناق تاپسا، چەتئەللەردىكى مۈشكۈلات ئىچىدە قالغان مۇساپىر قېرىنداشلىرىغا ۋە قولىدىن كەلسە ۋەتەندىكى مەزلۇم خەلقىگە ياردەمدە بولۇش ئارزۇيى بارلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە ميۇنخېن شەھىرىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە ھەمدە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ياردەمدە بولۇشنى بىر مەجبۇرىيەت دەپ قارايدىغانلىقىنى، تاپقان پۇللىرىدا مىللەتنىڭ ھەققى بارلىقىنى ۋە پۇل تاپقاندىن كېيىن ئۆز مىللىتىنى، خەلقىنى ئۇنۇتقان ئىنسانلارنىڭ ھەر ئىككى دۇنيالىقىنىڭ خەيرلىك بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«تارىم تىز تاماقخانىسى» نىڭ خوجايىنى ئابدۇسالام ئەپەندى سۆزىدە، ئاشخانا خىزمەتلىرىنى دەپ سىياسىي پائالىيەتلەردىن قول ئۈزمىگەنلىكىنى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئېھتىياج ھېس قىلغاندا دەرھال بېرىپ ياردەمدە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن سىياسىي ھەم مەدەنىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.