پرېزىدېنت دونالد ترامپ تاشقى سودىغا ئالاقىدار ئىككى بۇيرۇقنامىگە ئىمزا قويدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017.04.01
donald-trump.jpg ئامېرىكىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى دونالد ترامپ سايلام جەريانىدا سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 8-نويابىر، نيۇ يورك.
AFP

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ جۈمە كەچقۇرۇن ئامېرىكىنىڭ تاشقى سودىسىغا ئالاقىدار ئىككى بۇيرۇقنامىگە ئىمزا قويۇپ، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنى بۇنىڭغا ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى مۇپەسسەل كۆزدىن كەچۈرۈشكە بۇيرۇدى

دونالد ترامنىڭ مەزكۇر بۇيرۇقنامىسى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن ئىمزالاندى

جۈمە كۈنى پرېزىدېنت ترامپ ئىمزالىغان ئىككى بۇيرۇقنامىنىڭ بىرىدە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكىدا تۆكمە قىلىپ سېتىش قىلمىشلىرىغا قارشى قانۇنلارنى قاتتىق يۈرگۈزۈش تەلەپ قىلىنغان

بۇيرۇقنامىنىڭ يەنە بىرىدە ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى ۋە سودا ۋەكىللىرىگە 90 كۈن مۆھلەت ئىچىدە ئامېرىكا تاشقى سودىسىدا كۆرۈلىدىغان قىزىل رەقەم مەسىلىسىگە تەپسىلىي قاراپ چىقىش تاپشۇرۇلغان

بۇنىڭدا ئامېرىكا سودا دائىرىلىرى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا بازىرىنى سۇيىئىستېمال قىلىش قىلمىشلىرى، يەنى ئۆز ماللىرىنى ئامېرىكىدا ئەرزان باھادا تۆكمە قىلىپ سېتىش، ئادالەتسىز دۆلەت ياردىمى، پۇل قىممىتىدىكى نامۇۋاپىقلىق قاتارلىق قىلمىشلىرى تەكشۈرۈلىدىكەن

ترامپ ئىمزا قويۇش مۇراسىمدا مۇنداق دېدى: «بىز بارلىق سودا سۇيىئىستېمالىنى تەكشۈرۈپ چىقىمىز ۋە بايقىغانلىرىمغا ئاساسسەن زۆرۈر ۋە قانۇنلۇق ھەرىكەت قوللىنىپ بۇ خىل قىلمىشلارغا خاتىمە بېرىمىز

خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ سادا شېرىكى بولسىمۇ، ئامېرىكا خىتاي بىلەن بولغان تاشىقى سودىدا ھەر يىل زىيان تارتىپ كەلمەكتە. مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي بىلەن بولغان تاشقى سودىدا 2016-يىلى ئامېرىكا تەرەپتە 347 مىليارد دوللار قىزىل رەقەم كۆرۈلگەن.

پرېزىدېنت ترامپ پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قاينىتىشىش جەريانىدىمۇ بۇ مەسىلىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي بىلەن بولغان بۇ خىل نامۇۋاپىق سودا قىلمىشىغا خاتىمە بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان ئىدى

پرېزىدېنت ترامپ جۈمە كۈنىدىكى ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كېلەر ھەپتە كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغان ئېلىپ مۇنداق دېدى: «ھەممىڭلارنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، كېلەر ھەپتە بىز خىتاي رەئىسى ۋە زور بىر گۇرۇپپا خىتاي ۋەكىللەرنى فلورىدادا-جەنۇبىي ئاقسارايدا قوبۇل قىلىمىز ۋە بەك جىددىي ئىشلار ئۈستىدە سۆزلىشىمىز. بىز، بۇ ئۇچرىشىشنى كۈتۈۋاتىمىز. مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆپ قېتىم تېلېفوندا كۆرۈشتۈم. ھالبۇكى، شىركەتلىرىمىز ۋە خىزمەت پۇرسەتلىرىمىز نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا دۆلىتىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ئىنتايىن ناچار. ئەمما بۇنى ئۆزگەرتىشكە باشلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭغا كۆپ ۋاقىت كەتمەيدۇ، بۇ بەك تىز بولىدۇ.» 

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ سودا سىياسىتى ھەققىدە توختالغان خىتاينىڭ مۇئ‍اۋىن سودا مىنىستىرى جېڭ زېگۋاڭ خىتاينىڭ تاشقى سودىدا ئۈستۈنلۈك ئىگىلەشنى قەستەن قىلمايدىغانلىقى، ۋە ياكى ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆز پۇلىنىڭ قىممىتىنىمۇ قەستەن تۆۋەن تۇتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يىللاردىن بېرى خىتاي پۇلىنىڭ دوللارغا بولغان ئالماشتۇرۇش قىممىتى مەسىلىسى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى نازۇك تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن

ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتاينىڭ خەلق پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى قەستەن توۋەن تۇتۇش ئارقىلىق، ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىدا ئۈستۈنلۈك قازىنىشىغا يول ئاچقانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇلار بۇنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن جىددىي تەدبىر قوللىنىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدى

پرېزىدېنت ترامپ بۇ يىل 23-فېۋرال رويتېرسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتى مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇلار پۇل قىممىتىنى كونترول قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ چېمپىيونلار. بۇ مەيدانىمدىن يانغىنىم يوق. يەنە نېمە ئىشلار بولىدۇ، قېنى قارايمىز» دېگەن ئىدى

ئامېرىكا ئاقساراي دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، پرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن 6-، 7-ئاپرېل كۈنلىرى فلورىدا شتاتىدا كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بۇ قېتىم ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتنىڭ قانداق نەتىجىلىنىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم

ئەمما، پرېزىدېنت ترامپ 31-مارت بىر تۋىتتېر ئۇچۇرى يوللاپ شى جىنپىڭ بىلەن بولىدىغان ئۇچرىشىشنىڭ بىر «مۈشكۈل» ئۇچرىشىش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.